tatlikpigan يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 08:43 AM
ئەرلەر نېمىسىگە بۇنچە ئىنسابسىزلىشىپ كەتتى؟!؟!؟ بۇ نە ...
سىز بەك چىچاڭشىپ كىتىپسىزغۇ؟ مەن بىلەنلا ئەمەس ، يەنە باشقا تورداشلارغىمۇ چىچاڭشىپسىز . قارىسام سىز كىچىك بالىدەك قىلىسىز . ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى ، ئاكىسى بار . بىزنىڭ ئاتىلىرىمىز پۇل تېپىپ ئەكىرىپ ، بالىلىرىنى ئوقۇتۇپ ، ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلىپ تەربىيىلىگەن . ھازىرقى ئەرلەرچۇ ؟ ھەممە ئىشنى ئايالغا تاشلاپ ، ئىنسانىي بۇرچىنى ئۇنتۇپ نەلەردە يۈرۈۋاتىدۇ . ئاخشىمى كەچلەردە كۇچىغا چىقىپ قاراپ بېقىڭ ! ئەرلەر كۆپمۇ ئاياللار ؟
ئۆتكەندە بىزنىڭ ئىشىكتىن 4 ئەرنىڭ ئالدى كەينى بۇلۇپ كەچ سائەت 11 دىن كىيىن قايتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئولتۇردۇم . شۇ كەچكىچە نىمە بار ئۇ ئەرلەرگە كۇچىدا ، ئۆيدە بالىسىغا ھەمراھ بۇلۇپ ئاتىلىق مىھرىنى بەرسىچۇ ئاشۇلار كۇچىدا لالما ئىتتەك يۈرگىچە !
توغرا دىدىڭىز ، مىنىڭ ئىرىم بار . ئۇمۇ بەزىدە كەچ كىرىدۇ . ئاغىنىلىرى بىلەن قەرت ئوينايدۇ . ئۇلار بەزىدە بىزنىڭكىگىمۇ كىلىدۇ . قەرت ئوينىغاچ تۈگىمەس پاراڭ قىلىشىپ ، يا بىر مۇھىم گەپ قىلىشمىغان ، نەسىھەت گەپ قىلسىڭىز يا ئاڭلىمىغان . تېخى ئۆزىنىڭ بەزى ئەرلەردەك كۇچىدا ناشايان ئىش قىلمايۋاتقانلىقىدىن سۈيۈنۈپ كىتىدۇ ...............ھەي ، بولدىلا .