oZaM王oZaM皇 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 10:24 AM
ئادەمنىڭ ساپاسى ئىدىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز .نامەرت كى ...
مۇنازىرىنىڭ مەقسىدى نىمە بۇلۇشى كېرەك؟ كۆپ تەكرارلانغان سۆزلەرنى قايتا -قايتا سۆزلەۋېرىش ئەمەس بەلكى يىڭى- يىڭى پاكىتلارنى، مەسىللەرنى، كۆز قاراشلارنى ئۇتتۇرغا قۇيۇش ۋە بۇ جەرياندا ئاز-تۇلا بىر نەرسە بىلىۋىلىش بۇلۇشى كېرەك. مۇستاپا كامال ھەققىدە ئەمەس تۈركىيە ھەققىدە گەپ بۇلۇنسىمۇ مۇستاپا كامالنىڭ گىپى چىقىپ، گويا مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغاندەك ھالەتتە مۇنازىرىگە چۈشۈپ كىلىۋاتقىنىمىزغا ئۇزۇن بولدى. بۇنىڭدىن بىز ھىچ بولمىغاندا مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيە تارىخىدىكى تەسىرى زور بىر شەخىس ئىكەنلىكنى بىلۋالالايمىز. گەرچە مۇستاپا كامال ئۆلگەندىن كىيىن تۈركىيە سىياسىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ تىخىچىلا كامالىزىم يولىدا مىڭىۋاتىدۇ. ئەڭ كەم دىگەندە تۈركىيە تۈركلىرىنى ئۇنى روسلار سىتالىننى ئىنكار قىلغاندەك ئىنكار قىلىپ تاشلىمىدى. تارىخ چاقى تۇختىماي ئايلىنۋاتىدۇ. بىز مۇستاپا كامالدا تۇختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مۇستاپا كامالنىڭ شۇ دەۋىردە قىلغىنى تۈركىيەگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ دەۋىر ئايلىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىز تۈركىيەنىڭ يا ياۋرۇپا بۇلالماي، يا ئىسلام دۇنياسىنىڭ بېشى بۇلالماي تۇرغانلىقى كۆرىۋاتىمىز. بۇ بەلكىم تۈركىيەدىن يەنە بىر كۈچلۈك رەھبەرنىڭ چىقىش پەيتى بولسا كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئەردۇغان ھۆكۈمىتى مەيدانغا چىققاندىن كىيىن تۈركىيەنىڭ تەسىرى ھەر تەرەپتىن ئاشتى. تەرەققىياتىمۇ تىز بولدى. بۇنى بىزدەك تەڭرىتاغ بويلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ھىس قىلىۋاتىمىز. ئىسلام ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان كۈچلۈك پارتىيەنىڭ ھاكىميەتنى ئۇزاق مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇشى، دەھرىيلىك پىرىنسپىنىڭ ھامىيسى،تۈركىيە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قۇغدىغۇچىسى، تۈركىيەدىكى دىمكۇراتىيەنىڭ تۇسالغۇسى بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى تۈركىيەنى يىڭى مەنزىلگە باشلاپ كىرىشى مۇمكىن. بۇ ياكى ھەم دىمۇكراتىك ھەم ئىسلامى بولغان تۈركىيە ئۈچۈن يول ئاچىدۇ ياكى تۈركىيەنى رادىكال ئىسلامىيەتچىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ قۇيۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئارمىينىڭ ئاجىزلىشى دەرىجىسى ۋە ئسلامى ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات قۇۋۋىتىگە باغلىق ئەلۋەتتە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-17 03:33 PM