ماۋۇ ساراڭلارنىڭ قىلىۋاتقان ئشلىرىدىنمۇ خەۋەر تىپىپ قويۇڭلار
كۆپچىلىككە مەلۇم 2012 فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن دۇنيادىكى بىر قىسىم كىشىلەر 2012-يىلى12-ئاينىڭ 24-كۈنى قىيامەت بولدىغانلىقىغا ئىشەنمەكتە . دۇنيادىكى يېقىنىقى 10 يىلدىن بۇيان تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەر بولغاندىن كېيىن مايالىقلارنىڭ قايسىبىر ھېساپلاش پىرىنسىپىغا ۋە كالىندارىغا ئاساسەن 2012 زامان ئاخىرسى فىلىمى ئىشلىنىپ قويۇلدى ، بۇ بىر قىسىم كىشىلەردە راستىنلا قىيامەت كەلدىمۇ دىگەن ئويغا كەلتۈردى .
يەنە مۇشۇ بىرقانچە يىلدىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەبىئىي ئاپەتلەر ، ئۈزلۈكسىز يەر تەۋرەشلار كىشىلەرنى بۇنىڭغا تېخىمۇ ئىشىندۈرۈشكە باشلىدى .
ئامىرىكا زامان ئاخىرىدىن قۇتۇلۇش ئويىدا نۇرغۇن پۇل خەجلەپ مەخسوس ئايرۇپىلان ياسىغان بولۇپ ھازىر بۇ ئايرۇپىلان ھەربىي ھالەتتە تۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغان ، بۇ توغرىسىدىكى خەۋەردىن بەلكىم تورداشلارنىڭ خەۋىرى بار بولىشى مۇمكىن ، روسىيە ھۆكۈمىتىمۇ چوڭ تىپتىكى زامان ئاخىرىدىن قۇتۇلۇش ئالاھىدە بازىسى ياسىدى .
2012-زامان ئاخىرى فىلىمىدە بىر تۈركۈم كىشىلەر شىزاڭدىكى چوڭ كېمىگە چىقىپ زامان ئاخىرىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ ؟ ئۇنداقتا ئاخىرقى زامان راستىنلا يېقىنلىشىپ قالدىمۇ ؟ ئەگەر راستىنلا ئاخىرقى زامان بولۇپ قالسا بىر تۈركۈم كىشىلەر بۇ چوڭ كېمىگە چىقامدۇ يوق ؟
نۆۋەتتە چەتئەل ۋە دۆلىتىمىزدىكى تورداشلار بۇ ھەقتە نۇرغۇن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ .
يېقىنى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بىر قىسىم دۆلەتلەر يەر شارىدىكى بارلىق ئۆسۈملەكلەرنىڭ ئەۋرىشكىسىنى مەخپىي ئورۇندا ساقلىماقتا ، ئامىرىكىنىڭ مەلۇم ئورۇنلىرىدا چەكلەنگەن ئورۇنلار بايقالغان .
يەنە شۇنداقلا بەيدۇ ۋە گوگول تورىنىڭ خەرىتىسىدە بىر قېسىم ئورۇنلاردا كېمە چىقىش ئورنى دەپ كۆرستىلگەن بولۇپ دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ رايونىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە .
ئۇنداقتا راستىنلا شۇنداق كۈن كېلىپ قالسا كېمىگە كىم چىقىدۇ ؟ بىز بىر قانچە يىللىق دۇنيادىكى ئەربابلارنىڭ ئىشلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى :
1. 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى پولشا زۇڭتىڭى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ غايىپ بولدى.
2. 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى نېپال زۇڭلىسى تۇيۇقسىز خىزمىتىن ئىستىپا بەردى.
3. 2010-يىلى6-ئاينىڭ 2-كۈنى ياپۇنىيە باش مىنىستىرى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى.
4. 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى گىرمانىيە زۇڭتۇڭى تۇيۇقسىز خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى.گىرمانىيە زۇڭتۇڭى ئىستىپا بېرىشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن يەنى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدا دۆلىتىمىز زۇڭلىسى ۋېنجاباۋ بىلەن يىغىندا كۆرۈشكەن ، گىرمانىيە زۇڭتۇڭى دۆلىتىگە قايتىپ دەل ئىككى ھەپتىدىن كېيىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن .
5. 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى قىرغىستان زۇڭتۇڭى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى.
6. ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى جۇڭگو شاڭخەيگە يىغىنغا كەلگەندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئوخشاشلا خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن ۋە كېيىن ئۇلار توغۇرلۇق ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن .
7. 2010-يىلى بىلگىيە باش مىنىستىرى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى.
8. 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چاد زۇڭلىسى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى.
يوقىرىقى بىر قانچە ئەربابلار ۋە بىرقىسىم ئىسمى ئاتالمىغان ئەربابلار خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن ،ۋە شۇندىن كېيىن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە كۆرۈنمىگەن .
تورداشلار بۇ كىشىلەرنى كېمىگە چىقىشقا باشلىدى دەپ پەرەز قىلىشماقتا ،
بۇلارنىڭ ئارقىدىن كىم كېمىگە چىقتى ؟
ئامىرىكا ھۆكۈمىتى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى بىنلادىننى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى .ئارقىدىن ھېچقانداق تەكشۈرۈش نەتىجىسى يوق بىنلادىننى دېڭىزغا دەپنى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ، نۇرغۇن تورداشلار ، بىنلادىن ئۆلمىدى بۇ نۆۋەت بىنلادىن كېمىگە چىقتى دېيىشتى .
يەنە ئالمىنىڭ قۇرغۇچىسى جابوس تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى .ھەمدە تەزىيە مۇراسىمى مەخپى ئۆتكۈزۈلدى ، بۇ چاغدا تورداشلار يەنى جابوسمۇ كېمىگە چىققان بولىشى مۇمكىن دېدى
ئارقىدىنلا يېقىندا كازافى ئۆلتۈرۈلدى ، روسىيەلىك بىر مۇتەخخەسىس، كازافى ئۆلمىدى .ئۆلگىنى بولسا ئەخمىدى ئىسىملىك باشقا بىر كىشى مېنىڭ بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىسپاتىم بار دەپ ئۆز ئىسپاتىنى كۆرسەتتى ، كازافى ئائىلىسىدىكىلەر كازافىنىڭ ئۆلۈمىنى تەكشۈرۈش توغۇرلۇق خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ئىلتىماس سۇندى ، لېكىن يەنە ئىنتايىن تېزلىكتە كازافىمۇ بىنلادىنغا ئوخشاش غايىپ بولدى ، كازافى سەھرايى كەبىر چۆلىگە دەپنى قىلىندى، ئورۇن مەخپى بولۇپ ھېچكىم ئاشكارلىمىدى، بۇنداق سىرلىق ۋەقەدە تورداشلار بۇ قېتىم كازافىمۇ كېمىگە چىقتى دېيىشتى .
يەنە بۇنىڭغا يانداش ھالدا گۇگۇڭ سارىيىدىكى بىر قىسىم نەرسىلەر يوقاپ كەتكەنلىك مەلۇماتى بولغان ،ھەمدە فىرانسىيە پارىژ مۇزىيىدىكى 5مىليارت ئامىرىكا دوللىرى قىىممىتىدىكى بىر قانچە داڭلىق رەسىم سەۋەپسىز مۇزىيدىن ئېلىۋېتىلىپ ھېچقانداق دېرىكى بولمىغان .يېقىندا يەنە دۆلىتىمىز ۋېنجۇ شەھىرىدىكى كارخانىچى بايلار كارخانىلىرىنى تاشلاپ ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن .
بۇ خىل سىرلىق يوقاپ كېتىشلەرگە دىققەت قىلغان كىشىلەر بۇلار كېمىگە چىقتى دېيىشتى .
ئۇلار راستىنلا كېمىگە چىقىشقا باشلىدىمۇ ؟ ئۇلار راستىنلا يەرشارىدىكى پۈتكۈل ھاياتلىقنى ئىنسانىيەتنى تاشلاپ كېيىنكى ھاياتلىق پۇرسىتى كېيىىنكى يەرشارىنى بىرلىكتە قۇرۇش ئۈچۈن كېمىگە چىققانمۇ يوق ؟ بۇنىڭغا بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ ؟
ئامىرىكىدەك قۇدرەتلىك دۆلەت يەرشارىغا ئاپەت كەلسە قۇتقۇزۇشقا بىردىنبىر كۈچ چىقىرالايدىغان دۆلەتنىڭ زامان ئايرۇپىلانى ياسىشىدىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى بىر قىسىم دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاخىرقى زاماندىن قۇتۇلۇش تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان ، شۇنداق ئويلىغاندا يوقىرىقى كىشىلەرنىڭ كېمىگە چىققانلىقىغا بىر نەرسە دەپ بولىغىلى بولمايدۇ .
ئۇنداقتا ئەمدى يەنى كىملەر كېمىگە چىقىدۇ ؟ كىمە باشلىقى كىم ؟ كىمىگە چىقىش ئورنى قەيەر ؟ تورداشلار يەنە كېمىگە چىقىش ئاخىرلاشمىدى ، مونالىزا سۈرىتى يوقاپ كەتمىدى ، بۇمۇ چوقۇم كېمىگە چىقىدىغان نەرسىلەر تىزىملكىدە بار ، ئامىرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەڭ ئاخىردا كېمىگە چىقىشى مۇمكىن دېيىشمەكتە !