oZaM王oZaM皇 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 10:24 PM
ساقمۇ يە ! كاللىڭىزغا سۇ كى ...
گەپ_سۆزگە دىققەت قىلىڭ !
تۈركىيە زۇڭلىسى شىنجاڭغا كەلسە زادى نىمىگە يىغلايمىز! بەكلا ھاياجانلىنىپ نىمىش قىلىمىز ؟ توغرا ، ئۇلار بىزنىڭ دىندىشىمىز ، يىلتىزىمىزنىڭ بىر بۇلۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى . يىغلاشلار بۇ ھاياجانلىنىشلار نىمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ بەلكىم بۇرۇن بىزدەك ياشىغان ئۇرۇق تۇققان بىر قەۋمنىڭ بۇگۈنكى كۈندە قۇدرەت تىپىپ ، ئەكىسچە بىزنىڭ مۇشۇ كۈنگە قالغىنىمىزنى سىلىشتۇرۇپ يىغلىغاندۇ ؟ ياكى بىر تۈركى مىللەتنىڭ بولسىمۇ بۇگۈنكى دۇنيا سەھنىسىدە پۇت تىرەپ تۇرغانلىقىندىن ھاياجانلانغانمىز .... بۇلار خاتا ئەمەس ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر شۇنداق ھىسياتتا بولىدۇ .
ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ياپونلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخغا ، مەدەنىيىتىگە خىلى قىززىقىدۇ ، بىز توغۇرلۇق خىلى تەتقىقاتلارنى ئىلىپ باردى بۇنىڭدىن ياپونلارنى يىقىن كۆرۈپ ھاياجانلاندۇق ... بىر چاغدا ياۋرۇپادىكى بىر مىللەتنىڭ گىن تىپى بىزگە ئوخشاپراق كىتىپتىكەن شۇنىڭدىنمۇ ھاياجانلىنىپ يۇردۇق....
ساچىر خانىم ئىلگىرى :‹‹ئەنگىلىيەنىڭ مەڭگۈلۈك دوستى يوق ، مەڭگۈلۈك دۈشمىنى يوق ؛ بار دىيىلسە مەڭگۈلۈك مەنپەئىتى بار ›› دىگەن مەشھۇر سۆزنى دىگەن ... ئويلاپ باقايلى ، ئوتتۇرا شەرقتىكى بىز ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان سەئۇدى قاتارلىق بىر قانچە مۇسۇلمان دۆلەت ئامىرىكا ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىرانغا تاقابىل تۇرماقچى ...... بەزى ئىشلار بىز ئويلىغاندەك بولۇشى ناتايىن ، شۇڭا باشقىلارغا ئالاھىدە ھەۋەس قىلىپ ،خەقتىن ئۈمىد كۈتۈشنىڭ مىنىڭچە پايدىسى يوق ، ئىسىمدە ھەر ۋاقىت بار ھەممە دۆلەت ، مىللەت 1-بولۇپ ئۆزمەنپەئىتىنى ئويلىشىدۇ ، بىز ۋاقتى كەلگەندە شاھ بىرىش ئۈچۈن قۇربان قىلىنغان پىشكا بولۇپ قىلىشىمىز مۇمكىن ، شۇڭا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز كۈچلەندۈرمىسەك ، بولۇپمۇ مائارىپتا ئۆزگىچە يول تاپمىساق ، پاتقاققا پىتىۋېرىمىز ....
بۇ پەقەت ئۆزەمىنىڭ كۆز قارىشى ، مەنمۇ ئەردوغاندەك بىر تۈركنىڭ چىقىشىدىن پەخرلىنىمەن ، ھەم ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىمەن ! باشقىلارنى دەپ ئۆز مىللىتىم بىلەن تىللاشقىم يوق ، ئىغىز بۇزىدىغان نەقىل قۇبۇل قىلىنمايدۇ.