ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى دىن ئىسمىم ئەركىنجان يۈسۈپ دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ شۇ ئائىلىدە چوڭ بولغان ئاتا_ ئانامدىن ئىنتايىن رازىمەن . ئەمما مەن ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن.
مەن مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىلى تەخمىنەن 3 ئايدىن ئاشتىغۇ دەيمەن ئەمما مىسرانىم تورىغا قىززىققىلى 2.5 يىل بوپمۇ قالدى. مەن تورغا چىقسام چۇقۇم مىسرانىم تورىنى ئاچىمەن نىمە لازىم بولسا ئاۋال مىسرانىمدىن ئىزدەيمەن. تاپالمىغاندا ئاندىن باشقا تور بىكەتلىرىنى قوزغىتىمەن.مۇشۇ نداق بۇلۇپ كىلىۋاتقىلى بەك.....بەك ئۇزۇن بوپ كەتتى.
مەن مىسرانىم تورىغا بەك ئامراق تەرەققىياتىغىمۇ گەپ كەتمەيدۇ.
مىنىڭ مۇنبەردە تۇنۇشقان دوسلىرىم ساناقلىقلا ئەمما ئۇلاربىلەن ئىنكاسلاردا ئۇچرىشىپ قالمىساملا ئىزدىشىپمۇ كەتمەيمەن چۈنكى مەن ماڭا قىززىقمىغانلارغا ئەگىشىۋېلىشنى ياختۇرمايمەن. باشقىلارنى رەنجىتىپ قۇيۇشتىن قورقىمەن، بىر بىرمىزگە ياردەم قىلىپ يۇقىرىغا تەڭ يامىشىپ چىقىشنى ئۈمۈت قىلىمەن ئەمما مەن باشقىلارغا ئېغىرچىلىقىمنى سېلىپ قۇيۇشتىن قورقىمەن.
مەن مىسرانىمغا ئەزا بولغىلى ئۇزۇن بولمىغاچقا كۆپ تورداشلارنى بىلىپ كەتمەيمەن، ھەم ھازىر ئاتا_ ئانامدىن ئايرىلىپ سىرىتتا تەنھا جېنىمنى جان ئىتىپ ياشاۋاتقاچقا كۆپ ۋاقىتلاردا تورغا چىقالمايۋاتىمەن، ئەمما مۇنبەرگە چىقساملا ياخشى تېمىلارنى ئىزدەيمەن ئەمما ناھايتى ئازلىرنى تاپالايمەن كۆپىنچىسنى تاپالمايمەن.
سەۋەبى: مىسرانىمدىكى باشقۇرغۇچىلارمۇ تەستىقلىمايدىكەن ھەم
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى مۇنبەرداش تورداشلارنىڭ بىر ياخشى ئالاھىدىلىكى: ناھايتى ئوبدان پايدىلىنىش قىممىتى بولغان تېمىلارنى كۆز يۈگۈرتۈپ قاراپ قۇيۇپلا ئىكاس قالدۇرمايدىكەن. ئەمما بىر يۇمۇرلۇق قىززىق تېمىنى ياكى ئىچ گەپلىرىنى تۆكەلىگۈدەك تېمىنى تېپىۋالسا نەچچە بەت تۈگىگىچە توختىماي مۇنازىرلىشىپ تېمىنى قىززىتىۋېتىدىكەن شۇنىڭ بىلەن بۇ تېما ئاۋاتلىشىپ يۇقىرغا چىقىپ قالىدىكەن ئەمما ناھايتى ياخشى يېزىلغان تېما نەچچە بەتنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كىتىدىكەندە ئۇ تېمىنى توپا بېسىپ ئسكىلاتقا كىرىپ كىتىدىكەن ياكى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىلدىكەن . بۇنداق ئەھۋالدا تېما يوللىغىچىمۇ بۇ مۇنبەرگە تېما يوللىغىنىغا پۇشايمان قىلىپمۇ قالىدىكەن ،چۈنكى بىر ياخشى تېما يوللىسام ،باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسەم ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالىسام يازغان تېمامدىن ، قابىليىتىمدىن سۈيۈنسەم، يوشۇرۇن ئىقتىدارىمنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرسام دەپ چوڭ ئۈمۈت بىلەن تېما يازغۇچى نەتىجىنى كۆرۈپ لاسسىدە بوشاپ كىتىپ شۇنىڭ بىلەنئۇنىڭ يازغان تېما سانى كۈندىن كۈنگە ئازلاپ ئاخىردا باشقا مۇنبەرداشلار ئېيتقاندەك يوقىلىپ كىتىش سەۋەبىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن مەن بۇ ئاقىۋەتتىن ئىنتايىن ئېچىندىم.
مانا مەنمۇ ئۆزۈم ياخشى يازالىدىم دەپ قارىغان بىر ئەسىرىمنى قولۇمدا تۇتۇپ مۇنبەرگە يوللاش بىلەن يوللىماسلىقنىڭ ئارلىقىدا .ئىككىلىنىپ ئولتىرىپتىمەن.
مەن بۇنداق ئىشلاردىن زېرىكتىم بەلكىم مەنمۇ قاچانغىچە بۇ مۇنبەردە.............
ھەي بولدىلا..............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oyhanogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-17 08:04 PM