مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: dawrdax

ئىش ئورنۇمدىن ۋاز كېچەيمۇ !   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70315
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 81
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2011-12-15
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:07:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىجەزىڭىزگە قارىغاندا سەل بەڭگە مىجەزكەنسىز. خىزمەت سىتجىڭىز 20 يىل بولغان بولسا 19يىشىڭىزدا خىزمەتكە چىققان بولىسىز .  1992-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىز . لىكىن 19 يىشىدا سىزنىڭ پۈتۈرگەن مەكتىپىڭىز ، تىخنىكا مەكتىپى، ئوتتۇرا تىخنىكۇم.  (يىزا ئىگىلىك مەكتىپى، ياكى ئىشچى-تىخنىكلار مەكتىپى بولىشى مۈمكىن، تولۇقسىزدىن ئىچكىرىگە 1989-يىلى بارالشىڭىز مۈمكىن ئەمەس)يەنە كېلىپ سىز تولۇۇق ئوتتۇرنىمۇ ئوقىمىغان . ئۇ ۋاقتىلاردىكى تىخنىكۇمدا ئۈگەنگەن بىلمىڭىز بىلەن ھازىرقى شىركەتلەرگە دەرۋازىۋەن بولالىشىڭىز مۈمكىن . ھازىرقى خىزمىتىڭىزنى ياخىشى كۆرمەي تۇرۇپ ئەمەل تۇتالىپسىز . سىزگە باركاللا . ھەقىقىتەن راكىتاسىمان ئەمەلداركەنسىز... شۈكرى دەڭ ... مۇشۇ سالايىتڭىز بىلەن شاگاڭ بولماي ،ھازىرقى خىزمەت ئورنىڭىزدا ئىشلىگىنىڭىزگە كۆپ شۈكرىلەرنى ئېيتىڭ... نەسىيەتىم بولسا خىزمىتنى تىزرەك تاشلاڭ، شۇ بانىدا بىر ئادەمنىڭ خىزمەت ئورنى ھەل بولىدۇ ... ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقان  ۋاقىتتا بولسىمۇ ساۋابلىق ئىشتىن بىرنى قىلغان بولىسىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   akilzada تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 12:12 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سۇمۇرۇغ + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13991
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5353
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:49:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Muslime يوللىغان ۋاقتى  2012-4-18 10:42 PM
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاكا،
ياشقىمۇ كىچىك ئەمەسكەنسىز لى ...

قايىل قىلارلىق جاۋاب...خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان شەرىتكە ئاسپىرانىت،دوكتۇر قوبۇل قىلىمىز دىسە ئولتۇرۇپ قالىدىغان گەپ ئاندىن....،ھازىر ئاپاق پۇل ئەمەس باراڭ پۇل...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5620
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 860 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:58:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akilzada يوللىغان ۋاقتى  2012-4-19 12:07 PM
مىجەزىڭىزگە قارىغاندا سەل بەڭگە مىجەزكەنسىز. خىزمەت س ...

قاراڭ بۇرادەر ، ئەلمىساقتىن كېلىۋاتقان مۇنداق بىر ھەقىقەت بار ئۇ بولسىمۇ ئۇتۇق قازانغان پەۋقۇلئادە شەخسلەرنىڭ كۆپۈنچىسى تەلۋە كېلىدۇ ، ئۇلار بىز  بىلەن ئەنە شۇنداق مىجەزلىگى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . ھىچقانداق ئالاھىدلىگى يوق ئادەتتىكى ئادەملەر نىمە ئۈچۈن كۆپ ؟ چۈنكى ئۇلار شۈكرى قانائەتچان ، تەغدىرىنى ئۆگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ كۆرمەيدىغان قورقۇقچاقلار .
تېما ئىگسىنى بەڭگە مىجەز دەپسىز ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئوبرازلىق ئوخشۇتۇش سۆزىدىن بىرنى ئىشلىتىپ . خىيال تەپەككۈرنىڭ ئاچقۇچى ، خىيال كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدى . خىيال قىلمايدىغان كىم بار جاھاندا !؟
شۇنچىلىك ئىرادىگە كېلىشنىڭ ئۆزى بىر نەتىجە ، تورداش !

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3778
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1501 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 01:27:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام تورداش : سىزنىڭ يېشىڭىز 40 بېرىپتۇ.. ئىش ئورنىڭىزمۇ ياخشى ئىكەن، تېخى كىچىك بولسىمۇ ھۇقۇقىڭىز بارئىكەن. ئەڭ مۇھىمى ئاتا-ئانىڭىز، خۇتۇن باللىرىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىز ھەممىسى يېنىڭىزدا ئىكەن. دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخىت بولمىسا كېرەك. ئىشقىلىپ سىزنى  9 زى تەل دىسە بولغىدەك.
مەن بۇيەردە سىزنى مۇشۇلارغا قانائەت قىلسىڭىز بولمامدۇ دىمەكچى ئەمەسمەن. توغرا تەرەققى قىلىش خاتا ئەمەس. لىكىن گەپ قانداق تەرەققى قىلىشتا.؟
بىلەمسىز مەنمۇ سىز ئويىلغاندەك ئاشۇ خىزمەتنى تاشلاپ ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ ، تەرەققى قىماقچى بولدۇم. ھەم شۇنداق قىلدىم. تېخى توشمىغان خىزمەت تارىخىمنى كېسەل پىنسىيە قىلىپ 60% بىلەن چىقىپ كەتتىىم. ھەم ئۆزەم خالىغان بىر سودا تۇرىنى تاللاپ بۇنىڭغا كىرىشىپ كەتكىلىمۇ خېلى ۋاق بولدى. تىجارەت ئەھۋالىممۇ يامان ئەمەس. ھەر ھالدا ھۇكۇمەتتىن ئالدىغان نەچچە ئايلىق مۇئاشنى بىر ئايدا تاپىمەن. لىكىن مەن بۇنىڭلىق بىلەن يەنىلا خوشال بۇلالمىدىم. چۈنكى پۇل تاپىمەن دەپ نەچچە كۈندە بىر كۇرۇشو پ تۇردىغان ئاپام ، ئاچا-سىڭىللىرىم بىلەن ھەپتىلەردە ئاران بىر كۈرۈشىدىغان، ئاخشاملىرى باللىرىم بىلەن  ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىكە ياردەم بىردىغان، شۇنىڭدەك ئائىلىنىڭ خوشاللىغىدىن بەھرىمان بولدىغان نۇرغۇن ۋاقىتلىرىم مۇشۇ ئالدىراش تىجارەت بىلەن  بۇلۇپ كەتتى. مەن مۇشۇنداق ئالدىراش دەپ باللىرىمغا، ئائىلەمگە ، كۈڭۈل بۆلەلمىسەم بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بۇلار؟ بۇ سىزگە ئىنتايىن ئايدىڭ. ھازىر ئازراق پۇلنى دەپ بالىلىرىمنى ياخشى تەربىيلەشكە، ياخشى ئۆگۈنىشكە ۋاقىت چىقرالماي، باللىرىم چوڭ بۇلۇپ ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىسە، ۋە ياكى جەمىيەتكە زىيانداش بۇلۇپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا تاپقان پۇللىرىمىغا ھەسسلەپ  ئاپارساممۇ بۇنىڭ بىلەن ئىش تۇگەرمۇ؟ دىسەم گەپ بەك جىق بۇلۇپ كەتكىدەك. بۇنىڭ بىلەن مەن يەنىلا ئۆز ئارزۇيۇمدىن كىچىشنى تاللىۋالدىم. چۇقۇم نۇرمال تۇرمۇش كەچۇرۇپ ،ئائىلەمنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇشنى تاللىۋالدىم.
ئويلاپ باقسام ئىنسان بۇ دۇنيادا (ياشاش ئۈچۈن پۇل تاپىمەنمۇ ؟ياكى پۇل تېپىش ئۇچۇن ياشايمەنمۇ؟ )دەپ چۇقۇم ئۆزىگە سۇئال قۇيۇش كېرەككەن.
مىنڭچە سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى پۇل بىلەن مۇناسىۋەتسىز دىسە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.  
ئارزۇيىڭىزغا يىتىڭ، لىكىن مەن دىگەندەك يوقاتقانلىرىمىز ئىرىشكىنىمىزدىن كۆپ بۇلۇپ كەتمىسۇن.
ھازىر جەمىيەت تەرەققى قىلدى، شىنجاڭمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ تەرەققى قىلدى، بەلكىم سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز ئۆز جايىڭىزدىمۇ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.
مىنى بەك ئاتىكاچى ئىكەن دەپ ئويلاپ قالماڭ. مىنىڭ تەكلىۋىم مۇمكىن بولسا ئائىلىڭىزنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇپ تۇرۇپ  ئاندىن قارار بىرىڭ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabaat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 01:44 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76375
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 01:40:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا ئىشلەيدىخان ياشلىك ۋاقلىرىڭىز ئۆتۇپ كىتىپتۇ...مىنىڭچە بولدى قىلىڭ.ھالالدىن يەپ يۇرتۇڭۇزدا ياشاڭ،مال-دۇنياخا ئۆزىڭىزنى ئۇرۇپ كەتمەڭ.قانداق قىلخاندا ئاللاھقا يارايمەن دىگەننى كۆپ ئويلاڭ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 244
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 01:58:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە تۆمۈر تاۋاققا ئارانلا ئېرىشپ، ھەربىر كۈننى ساناپ ئۆتكۈزۈپ ئايلىق مائاشىنى كەم قىلماي ئېلىۋاتقانلار ئۆمىرىنى شۇ پېتى ئاققان سۇدەك ئۆتكۈزۈپ پىنسىيىگە چىقۋېلىشنى ئويلايدۇ. ئۇنداقلار ئۆز كەسپىدىن باشقا بىرەر كەسپىنى قىلىپ بېقىشنىمۇ ئويلاشمايدۇ. چۈنكى ئىقتىدارى ئۆزىگە ئايان ھەم ھورۇن، بىلى بوش. ئىزدىنىشنى خالىمايدۇ. بەزىلەر ئورۇنلۇق ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپتۇ. لىكىن ئىش ئورنىدا ئاران كۈن ئۆتكۈزۈپ، بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈنگە ھېساب قىلۋاتقانلار ئىنكاسىدىنلا ئۆزىنى چاندۇرۇپتۇ.
مېنىڭ پىكىرىم، پاسسىپ ھورۇنلارنىڭ گېپىدىن ئىككىلىنىپ ئۆمرىڭىزنى، بىلىمىڭىزنى زايە قىلماڭ. ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولسا ئۆزىڭىز سۆيگەن كەسىپىنى قىلىڭ. چۈنكى ئىنسانغا ياشاش پۇرسىتى بىر قېتىملا كېلىدۇ. سىزنىڭ ئۆمۈرنى ئىسراپ قىلىشقا قارشى ئىدىيىڭىز ھەقىقەتەن بولىدىكەن. سىز ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى نامايان قىلىپ، باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى تونۇتۇڭ. يەنە مانچە يىل ئىشلەپ پىنىسيىگە چىقىڭ دېگەنلەرگە پەرۋا قىلماڭ. چۈنكى سالامەتلىك يار بەرسىلا چوقۇم تىرىشىش كېرەك. بالدۇرراق پىنسىيىگە چىقىشنى ئىزدەش ئەمەلىيەتتە ھورۇنلۇق، بوشاڭلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sargarda + 20 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 542
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 02:10:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىز مەت ئورنىڭىزنى تاشلاپ كېتىدىغان ئادەم بۇرۇنلا شۇنداق قىلماي 20يىل ۋاقىت ئۆتكەن بۆگۈنكى كۈندە نېمە قويدى بۇنى ئويلاپ،ئەگەر 20 يىل بۇرۇن مۇشۇ خىيالدا بولغان بولسىڭىز مەن قوللايتىم،سىزگە مەسلىھەتىم،بالىڭىز بولسا ياخشى ئوقۇتۇپ بالىڭىزنى سانائەت كارخانلىرىغا كىرگۈزۈڭ.
ھازىر خىزمەت تاپماق ئاسان ئەمەس،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ 20يىل بۇرۇنقى بىلىمىڭىز ھازىرقى زامان كارخانلىرىنىڭ تەلەپلىرىگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.شۇڭا ئەگەر سىز مۇستەققىل ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولسىڭىز ھېلىمۇ كېچىكمەيسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4717
تۆھپە نۇمۇرى: 1492
توردا: 9113 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 02:16:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىنىڭ سۆزىنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانىم بار. خۇددى بىزگە يوق بىر تېمىنى تاشلاپ بېرىپ ئويۇن كۆرۈپ ئولتۇرغاندەك ھېس قىلدىم.

مىنىڭ يەنە بىر قىزىقىدىغىنىم شۇكى : شىنجاڭدا يوق ئۇ كەسىپ زادى نىمىدۇ؟  «يادىرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى»  دىن باشقا ھېچ بىر نەرسە كاللامغا كەلمىدى.

  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
akilzada + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38881
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 389
تۆھپە نۇمۇرى: 55
توردا: 1308 سائەت
تىزىم: 2011-4-27
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 02:41:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئىرادە كەمىرىڭىزنى باغلاپ ، شۇ كەسىپنى رايونىمىزدىلا بىخلاندۇرۇشقا ھەركەت قىلىپ بېقىڭ، شۇنداق قىلالىسىڭىز بەلكىم ، ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا قىسىلمايسىز.

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 02:47:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز  40قا كىرىپقاپسىز ،ئاتا -ئانىڭىزمۇ بار ئىكەن ، ھازىرقى تۇرمۇش .ئىقتقسادى ئەھۋالىڭىزمۇ ياخشىدەك قىلدۇ.  قىلغان ئىشىمغا قىزىقمايمەن دەپمۇ 20 يىلنى ئۈتكۈزۈپسىز. بەلكىم ئاتا-ئانىڭىز  60-70 لەردە باردۇ.؟ ئەڭ ياخشىسى ئۇلاردىنىڭ گىپىنى يىرماڭ . پۇل ،مال-دۇنيا  ،چىرايلىق ئايال بۇلارنى يەنە تىپۋالسىڭىز ،ئىلۋالسىڭىز بۇلدۇ .ئەمما سىزنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىڭىزنى ھەرگىز سىتۋالالمايسىز.  سىز ئىچكىرگە كىرىپ كەتسىڭىز  بەلكىم يىلدا نەچچە قىتىم شىنجاڭغا كىلەلەيسىز.  چوڭلارنىڭ يەنە قانچىلىك ئۈمرى بار ،بۇنى پەقەت بۈيۈك ئاللا بىلدۇ. ئاللا ئىگەم ئاتا -ئانىڭىىزنڭ ئۈمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن. ئەڭ ياخشىسى ئۇلار بىلەن ئۈتكەن ھەربىر كۈن سىز ئۈچۈن قىممەتلىك.  يەنە كىلىپ سىز دىگەندەك ئۇ يەردە چەتكە قىقىلىشىڭىز مۇمكىن  ، چۈنكى .......... سىز ئۇيغۇر. مۇقەررەر !!!  ‹‹ ئاتا-ئانا رازى -------------خۇدا رازى››

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش