ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ئىنكاسلارنى بىرىنى قويماي ئوقۇپ چىقتىم ئاندىن مەن بۇ تېمامنى كەمتۈك قىلىپ يېزىپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.
بۇ تاماقخانىنىڭ خوجايىنى بىلىملىك قارىي كىشى تاماقخانىنىڭ تازلىقى ئىنتايىن ياخشى خۇددىي سىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ئائىلىنىڭ تاماقخانىسىدىن قىلچە پەرقى يوق ئەكسىچە ئۇنىڭدىنمۇ پاكىز ، مەيلى قاچا_قۇچا،مەيلى قازان_قومۇچ،مەيلى ئوچاق باشلىرى ياكى تورۇس تۈنۈكلەردىن تارتىپ كۈنىگە ئىككى ۋاق تازىلىمايدىغان يېرى يوق . ئەمما چىۋىن دىگەن ئاللاھ ياراتقان ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان جانلىق ئۇ نەگە بارىمەن دىسە ئاللاھ خالىسا بارالايدۇ. تاماق،سەي كۆكتات،گۆش ئىشقىلىپ پۇرايدىغانلا نەرسە تاپالىسا چوقۇم قونۇپ باقىدۇ . شۇڭا تاماقخانا ئەتىدىن كەچكىچە تاماق چىقىدىغان ئادەملەر كىرىپ چىقىپ تۇرىدىغان جاي بولغاچقا چىۋىن ئۇچۇپ كىرەلەيدۇ بۇنداق ئەھۋالدا تاماققا چىۋىن چۈشۈپ قېلىشى تەقدىردىن بولىدۇ خوجايىن تازلىققا دىققەت قىلدىم دەپ ئىشىك دەرىزىلەرنىڭ ئالدىغا ئىشىك باقار قۇيۇپ قويسىمۇ ھاشارەتلەر يەنىلا كىرەلەيدۇ، قانداق قىلىش كېرەك ئەلۋەتتە مىنىڭچە بۇ تەقدىر بەلكىم ئاللاھ شۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدە بىرەرزەھەرنىڭ(بەلكىم تاماكىنىڭ،ياكى بىرەر ئۆسۈلۈكنىڭ ۋەياكى باشقىلار) ئالامەتلىرى بولسا ئۇ كىشىگە شاپائەت قىلغان بۇلۇشۇ مۇمكىن ۋەياكى بىرەر غەزىپى كىلىپ ئۇنىڭ تامىقىنى يەنە زەھەرلىگەندۇ ئىشقىلىپ بۇ مىنىڭچە تەقدىر.
ئىسراپچىلىققا قارىتا قوللانغان تەدبىرگە كەلسەك ‹بازار باي› ئاكىمىز دىگەندەك قىلسا تاماقخانا ئەزەلدىن تاماقنى ئاستا چىقىرىدىغان بولغاچقا چاي قۇيۇشقا ۋاقىت ئاجىراتسا تاماق تېخىمۇ كىچىكىدۇ بۇنداق بولسا بولمايدۇ ھەم بىر مېھماننىڭ ئالدىغا بېرىپ چاي ئىچەمدىلا؟؟ چاي قۇيۇپ بېرەيمۇ ؟؟دەپ سۇوراپ ئولتۇرغاندىن كۆرە پىيالىنى تارتىپلاچاي قۇيۇپ بەرگەن ياخشى، بولمىسا مېھماننىڭ ئالدىدا سۇئال سوراپ مېھمان قارار چىقىرىپ بولغۇچە خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بولغىلى بولىدۇ شۇڭا بۇيەردە خوجايىن ۋاقىت تىجىگەن ھەم ئەڭ توغرا دەپ قاراشقا بولىدىغان بىر تەدبىر قوللانغان .مەنچە بولسا ھەممە ئاشخانىلاردا شۇنداق بولغان بولسا ناھايتىمۇ ياخشى بولاتتى.
جېدەلگە كەلسەك ئۇ كىشىنىڭ مىجەزە شۇنداق بولسا كېرەك، بۇنى چىۋىنگە،خوجايىنغا ئارتىپ قۇيۇش مەنچە توغرا ئەمەس ، بۇنى ئارتىپ قويۇشقا توغرا كەلسە شۇ ئۇلۇغ ئاللاغا بېرىپ تاقىلىدۇ بۇ تۇغىرلىق جىق گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق مىنىڭچە.
ئۇلارنىڭ ئۇرۇشۇش سەۋەبى بەكمۇ ئاددىي مېھمان باشتىن ئاياغ باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بىرىپ تۇردى ئەڭ ئاخىرىدىا ئۆزىگە قارىتىلغان بىر نەچچە ئېغىز گەپكە چىدىماي ئەپسانە گەپ قىلدى ھەمدە باشقىلارنىڭ ياقىسقغا ئېسىلدى بۇنداق كىشىنى مەنچە بولسا ئەركىشى ياكى ئادەم دىمىسىمۇ بولىدۇ.
‹‹ پىچاقنى ئۆزەڭگە تىق، ئاغىرمىسا كىشىگە››
بۇ يەردە بازار باشقۇرۇشنى ئاۋارە قىلغۇدەك ئىش يوق ئەسلىي گەپ مېھماندا ئۇ مېھمان ئۇنچە قىلمىسا جىق ئىشلاردىن ساقلىنىپ قالاتتى. بەك كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ كەتسەك ئاۋال ئانىغا ئاندىن يەنە شۇ ئۇلۇغ ئاللاھ قا بېرىپ تاقىلىدۇ.
چىۋىن توغرىسىغا كەلسەك بۇ ھەدىستە ئېنىق . چىۋىن ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان ھەم ياخشىلىقنىڭ،ھەم يامانلىقنىڭ.ھەم پاكلىقنىڭ،ھەم مەينەتچىلىكنىڭ،ھەم ساقلىقنىڭ،ھەم كېسەللىكنىڭ بىشارىتىدىن ئىبارارەت. چىۋىن چۈشۈپ كەتكەن تاماقنى يىمەسلىك توغىسىدا ھېچقانداق دەلىلى ئىسپاتىمىز يوق. ئەگەر بىراۋ شۇنداق قىلسا بۇ ئېنىقلا زور ئىسراپچىلىق بۇلىدۇ.
جانلىقلار ،ھاشاراتلەر،ئادەملار،جىنلار ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان،ئادەم بىلەن جىنلاردىن باشقا بارچە مەۋجۇدات ئاللاھنى بىلىدۇ ئاللاھقا زىكرى ئوقۇپ تۇرىدۇ ، ئۇلار چۈشۈپ كەتكەن ياكى يالاپ قويغان تاماقلار ياكى قاچا قۇچىلار يەنىلا پاكىز.
ئىت يالاپ قويغان قاچىنى 7قېتىم پاكىز سۇ بىلەن چايقىسىڭىز بۇ قاچا پاكىزلىنىدۇ، بۇ ھەقتە ئىلىم پەندىمۇ كۆپ تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلغان ئاقىۋەت راست ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
ئىلگىرى مۇشۇ مۇنبەردە مۇشۇكنىڭ سۇ ئىچىشى توغرىسىدا بىر تېما ئوقىغىنىم ئېسىمدە شۇنىڭدا ئېيتىلغاندەك مۈشۈكنى بىزلەر چاچقان يەيدۇ ئۇ پاكىز ئەمەس دەيمىز ئەمما رەسۇلىللاھ مۈشۈك ئىچكەن سۇدا تاھارەت ئالغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازدا تۇرغاندا بىرى تاماق ئېلىپ كىرگەن تاماقنى قۇيۇپ قويسا بىر مۈشۈك كىلىپ تاماقنى يىگەن تاماق ئەكىرگەن كىشى مۈشۈكنى ھەيدىۋىتىشكە ئورۇنغاندائائىشە ئانىمىز ئۇ قېرىندىشىمىزنى توختىتىپ قويغان ھەمدە نامازدىن كىيىن تاماقنى مۈشۈك يىگەن يېرىدىن باشلاپ يىگەن . ئاللاھ ياراتقان جانلىقلار مەينەت ئەمەس بەلكى شۇ مەينەتچىلىكنى بىز ئەقىلسىز ئىنسانلار بەرپا قىلىۋاتىمىز.
خاتا سۆزلىگەن بولسام كەچۈر ۋىتەسىلار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oyhanogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-19 10:35 AM