taklimakan12 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 01:02 AM
بۇرۇنقى زاماندىكى ئاياللارنىڭ جېنى تۆمۈرمىكىن تاڭ،با ...
بۇرۇنقى زاماندا نامراتلىق دەستىدىن ئاشۇنداق ئىشلەشكە توغرا كەلگەن ،ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى ،ئاشۇنداق ياتسا نېمە بوپتۇ ؟ مۇشۇنىمۇ گېپىم بار دەپ يۈرۈپسىز ھە بۇيەردە ؟ سىز قورساق كۆتۈرۈشنىڭ دەردىنى ،تۇغۇت ئازابىنى ،بالا بېقىشنىڭ دەردىنى بىلمىگندىكىن بۇ يەردە تولا ئاياللارنى ئۇنى بۇنى دەپ يۈرمەڭە ئىچىمنى سىقىپ ؟
ئاياللارنىڭ تۇغۇپ 40 كۈن ئىچىدە ئاشۇنداق يوتقانغا يۆگىنىپ يېتىشى شەرت ،چۈنكى تۇغقاندا پۈتۈن بەدەن ئاجرايدۇ (بەك كۈچىگەنلىكتىن )،ئاشۇنداق ياخشى ئارام ئېلىۋالمىسا كېيىن ئەگەشمە كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدىغان گەپ،شۇڭا ھەتتا يازلىقى تومۇز ئىسسىقتا تۇغقانلارمۇ قېلىن يۆگىنىپ ،قوللىرىغا پەلەي كىيىپ ياتىدىغان گەپ ،يەنە ئۇزۇنغىچە قولىنى سۇغا تىقسىمۇ بولمايدۇ ،بۇ ناھايتى ئاددى ساۋاتلار!
سىزدەكلەرگە ئۇچراپ قالغانلار 4 كۈنمۇ ياتالمىغىدەك ،سىزدەك ئەرلەردىن خۇدايىم پاناھ بەرسۇن. كېيىنچە سىڭلىڭىز ياكى قىزىڭىز تۇغۇپ قالسا ،ئەتىسىلا قوپۇپ ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ قىل دەپ بېقىڭە ،ئاندىن سىزگە قول قويىمەن!
ھە راست ،سىز نەدىن ؟ سىزنىڭ يۇرتتا تۇغۇتلۇق ئايالنى قېيىن ئاپىسى باقامدا ؟ مەن ئاڭلىمىغان گەپكەن بۇ! بىزنىڭ يۇرتتا قىزنىڭ ئاتا ئانىسى ئۆزى باقىدۇ ، ئاتا ئانىسى بولمىسا ئاندىن قېيىن ئاپىسى باقىدۇ ،لېكىن ناھايتى ئازساندا دەڭە ،گەپلىرىڭىزدىن قارىسام سىز شۇنداق ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرىپ بالا يۇغقان ئايالىڭىزدىن بەكرەك ئۆزىڭىزنىڭ ئانىسىغا كۆڭۈل بۆلىدىكەنسىز ، ئانىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك ،ئايالغىمۇ ھەم شۇنداق! چۈنكى ئايالمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئانا دە!
تېخى مۇشۇنداق خوتۇنلاردىن ساقلىسۇن دەپ كېتىشلىرىنى قانداق قىلاي ،سىزچە قانداق قىلسا بولاتتى ،بۈگۈنى تۇغۇپ ئەتىسىلا ئېتىزغا چىقىپ كەتمەن چاپسا بولامتى ،ياكى ئىشلەپ سىزگە پۇل تېپىپ بەرسە بولامتى؟ خۇدا مۇشۇنداق ئەلەردىن ساقلىغايسەن!!! سىزدە ئازراق ۋىژدان بولسا ئى بالىنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ ھەي!! گەپلىرىڭىزدىن قارىغاندا ئۆيلەنمىگەندەك تۇرىسىز ،كېيىنچە ئۆيلىنىپ بالىلىق بولغاندا ،بوۋاقنى بىر كۈن بېقىپ بېقىڭە ،ئاندىن جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا ، دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىسىز!!!!!!!!!!!!!!