xahla0998 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 08:49 PM
جىگدە يىغىلىقىدىكى پاجىئەلەرنى ئىپارخان سەۋەپلىك چىق ...
جىگدە يىغىلقىنىڭ سەۋەى بولسا چىيەنلۇڭ ئىپارخاندىن نىمە تەلىپىڭ بار دىگەندە يۇرتۇمدا غولى تۈمۈردىن،مىۋىسى ئالتۇندىن،ياپرىقى كۈمۈشتىن بىر دەرەخ بار ئىدى شۇنى كۆرگۈم كەلدى دىگەن،چىيەنلۇڭ پەرمان چۈشۈرۈپ شۇ دەرەخ،يەنى جىگدە دەرىخىنى ئەكەلدۈرۈپ ئوردىسىغا ئەكىلىپ تىكىشكە بۇيرۇق بەرگەن،بۇ ئەلۋەتتە شۇ دەۋىردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن،خان ئامبال سۇچى چىيەنلۇڭنىڭ پەرمانىنى تەخىرسىز ئورۇنداش ئۈچۈن ياساۋۇلبىشى رەھمىتۇللا بەگكە دەرھال ئىككى يۈز نەپەر ھاشارچىنى ئىلىپ،ئۇلارغا يىگىرمە تۆت تۇڭغا ئۇلتۇرغۇزۇلغان جىگدە كۆچىتىنى كۆتۈرگۈزۈپ بىيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىشنى بۇيرۇدى.ھاشارچىلار جىگدە كۆچىتى ۋە خان ئامبال سۇچىنىڭ يۇرتىغا ماڭغۇزغان ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ئىلىپ يولغا چىقتى،بىراق بىر ھاشارچىنىڭ پۇتى مىتكوت بولۇپ ئولتۇرۇپ قالغاندا بىر چىرىك ئۇنى قاتتق ئۇرۇپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن بۇ ھاشارچى چىرككە يانغىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلدى،شۇنىڭ بىلەن بارلىق رەھمىتۇللا بەگنىڭ باشچىلقىدا ھاشارچىلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ بۇ پۈتۈن ئۈچتۈرپانغا كىڭەيدى،بىراق قوزغىلاڭ ئىنتايىن دەھشەتلىك باستۇرۇلدى،مەلۇماتلاردىن قارىغاندا،مانجۇ ھاكىمىيتى 1758-يىلىدىكى <<خوجىلار يىغىلىقى>> دىن1765-يىلىدىكى << جىگدە يىغىلىقى >> مەغلۇپ بولغانغا قەدەر قىسقىغىنا يەتتە يىل ئىچىدە،ئۇيغۇر خە؛قىنى شۇنداق دەھشەتلىك باستۇردىكى،بەش يۈز مىڭ بىگۇناھ كىشى ياۋۇزلارچە ئۆلتۈرۈلدى.ئاقسۇ دەرياسى ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن تولغانلىقتىن،كىشلەر دەريا سۈيىنى ئۈچ يىلغىچە ئىچەلمىگەنىدى،مانجۇ ھاكىمىيتى ئون ئىككى مىڭ دىھقاننى مۇزات ئارقىلىق ئىلىغا پالىدى،<< جىگدە يىغىلىقى >> دىن ئىلگىرى،ئاقسۇدا ئىككى تۈمەن تۈتۈن،ئۈچتۇرپاندا بىر تۈمەن تۈتۈن،قەقەر رايونىدا سەككىز تۈمەن تۈتۈن ئاھالە بار ئىدى،<< جىگدە يىغىلىقى >> دىن كىيىن،بەزى جايلاردا ئادەم ئۇرۇقى قۇرتۇۋىتىلدى،مەسىلەن:-ئۈچ تۇرپان ئادەم قالمىغانلىقتىن بۇ يەرگە،تۇرپان،توقسۇن،پىچان قاتارلىق جايلاردىن ئاھالە كۆچۈرۈلدى.بەزى جايلاردا نوپۇس يەتمىش بەش پىرسەنىت كىمىيىپ كەتتى،مەسىلەن:بۈگۈردە بۇرۇن ئىككى مىڭ تۈتۈن بولغان بولسا،1778-يىلى ئاران بەش يۈز تۈتۈن قالدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-19 10:18 PM