يا بولمىسا مەن بىلەن بىرلىشىپ يۇمۇر سودىسى قىلىڭلا ... ... (ھاھاھا ، چاخچاق جۇما)
ھۈنەر بىلگەن ئۈنەر دەپتىكەن ، ھۈنىرىڭلارنى قىلىۋەرمەمسىلە ... ...
ھە راسىت ، بىر يۇمۇر يادىمغا كەپقالدى :
ئىككى يېقىن ئاغىنە بار ئىكەن . بىرىنىڭ ئىسمى
ئىزچىل ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى
ئاقسا يىگىت ئىكەن . بىر ئايدىن كېيىن
ئاقسا يىگىت بەك باي بولۇپ كېتىپتۇ .
بىر كۈنى
ئىزچىل ئۇنى ئىزدەپ كەپتۇ ۋە ھازىر يېنىدا پەقەت 40 مىڭ يۈەن بارلىقىنى ، قانداق قىلىپ باي بولۇپ كەتكىلى بولىدىغانلقىنى سوراپتۇ .
ئاقسا يىگىت : بۇ ئاسان . سەن ئالدى بىلەن 10مىڭ يۈەنگە ئوبدان مىلتىقتىن بىرنى ، بەش مىڭ يۈەنگە ئوق - دورا ئېلىپ تاغقا چىقىپ ، بىر ئۆڭكۈرنى تاپىسەن دە ، ئىچىگە تاش ئاتىسەن . ئاندىن ھوۋ قىلغان ئاۋاز چىقىدۇ . مىلتىقنى چەنلەپ تۇرۇپ تەپكىنى باسىسەن دە بىر ئېيىقنىڭ ئېگىسى بولۇپ قالىسەن . مەن مۇشۇنداق قىلىپ بەك تىزلا باي بولۇپ كەتتىم .
بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن
ئاقسا يىگىت دوختۇرخانىدا
ئىزچىلنى ئۇچىرىتىپ قاپتۇ .
بالنىستا ياتقان ئاغىنىسىنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ .
ئىزچىل : سەن دېگەندەك مىلتىق ، ئوق - دورىلارنى ئېلىپ بىر ئۆڭكۈرنى تېپىپ ئىچىگە تاش ئاتتىم . شۇ ھامان ھوۋ قىلغان ئاۋاز چىقتى ، مىلتىقنى چەنلەپ تۇرۇپ تەپكىنى باستىم ... ...
ئاقسا يىگىت : ئۇنداقتا ئوق نىشانغا تەگمەي ، ئېيىق ساڭا ھوجۇم قىپتۇ دە ... ...
ئىزچىل : ياق ، مىلتىقنى چەنلەپ تۇرسام ، ئىچىدىن ئېيىق چىقماي پويىز چىقتى ... ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ahsayigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-24 10:22 PM