izqel يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 12:59 PM
شانلىق تارىخنىڭ يارقىن نامايەندىللىرى ئىنتايىن نەپىس ...
ئوقۇتقۇچىلار قەسىمىدە «ماركىسىزىملىق مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى ۋە مەدەنىيەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمىز» دىيىلىدۇ. شۇنداق قاراشلار بولغاچقا، ھېلىغۇ كېچىكىپ خەۋەر تېپىپتۇق، خەۋەر تاپاللىساقمۇ ئەجەپلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. چەتئەلنىڭ تارىخشۇناسلىرى بارىدىغان يېرىگە بېرىپ، كۆرىدىغاننى كۆرۈپ، توپلىغانلىرىنى ئېلىپ خىلۋەت يەردە قەھۋە ئىچكەچ يېزىشىدۇ ۋە نىمىنى بايقىغان بولسا شۇنى نەشىرياتقا سۇنىدۇ، نەشىرياتتىكىلەرمۇ بېسىۋىرىدۇ. يازغانلىرى خاتا بوپ قالسا يەنە بىرسى چىقىپ مۇنازىرە قوزغايدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ تارىخچىلىرى چۇ؟ بارىدىغان يېرىگە بېرىپ، كۆرىدىغاننى كۆرۈپ، توپلىغانلىرىنى ئېلىپ ئىشخانىسىغا كېلىپ، بىرقانچە «مۇتەخەسىس» بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ نېمىنى دېيىش، نىمىنى دىمەسلىك، نېمىنى يېزىش، نېمىنى ئۆچۈرۋىتىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىپ نەشىرياتقا سۇنىشىدۇ.
شۇڭا خەقنىڭ تارىخى ماتىرياللىرىدا: پالانى دەريا چۇڭقۇر ئىدى، دەپ يېزىلسا، خەننىڭ تارىخى ماتىرياللىرىدا: ئۇ دەريا بىر ئېرىقتى دەپ يېزىلىدۇ.......................
شۇڭا، دوستۇم، ھەيران قالماڭ.