kurax114 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 05:02 PM
تىزراق بولسىچۇ؟
مەن كومپىيۇتىرىمنىڭ ئەسلى ۋىندوۋى ...
بۇ دىسكىنى فورماتلىمىسىڭىزمۇ سىستىما قاچىلايدىغان ۋاقىتتا ئاپتۇماتىك فورماتلىنىپ سىز قاچىلىماقچى بولغان windows7 نى قاچىلايدۇ، بىراق c: دىسكىڭىزنىڭ كەم بولغاندا 22 گىگابايت بوشلىقى بولمىسا نۇرمال ئىشلىتەلمەيسىز ... سىستىما قاچىلانغاندا 16-17 گىگابايت يەرگە قاچىلىنىدىكەن، كىيۇكىيۇ، ۋىروسخۇر ۋە بىر قانچە دىتاللارنى قاچىلاپ بىر ئىككى كۈندىن كېيىن قارىسىڭىز 20 گىگابايتتىن ئېشىپ كىتىدىكەن ... ئەگەر ھازىرغىچە windows xp ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان بولسىڭىز بۇ ئىنكاسىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئىككىلەنمەيلا windows7 نى قاچىلاڭ ھەمدە چىداپ ئىككى ھەپتە ئىشلىتىپ بېقىڭ . ئاندىن windows7 بار تۇرۇقلۇقمۇ windows xp ئىشلىتىپ ئۈتۈپ كەتكەن ئۆمرىڭىزگە پۇشايمان قىلىسىز ...
ئەگەر دىسكىنى رايۇنغا بۆلگەندە c : دىسكىنى كىچىك بۈلۈپ قويغان بولسىڭىز، باشقا ھۆججەتلىرىڭىزنى يوقىتىۋەتمەي خالىغان بىر دىسكىدىن بوشلۇق ئاجرىتىپ بىرىشكە بۇلىدۇ. windows7 نى قاچىلاشتىن بۇرۇن چۇقۇم تورغا كىرىپ windows7 دە تورغا ئۇلاش ئۇسۇلىنى ئۈگىنىۋېلىپ ئاندىن قاچىلاڭ،(تەدبىركار بىلوگىدا تورغا ئۇلاش ئۇسۇلى بار) بولمىسا ماڭا ئوخشاش بىر كۈنگىچە تورغا چىقالماي قايتا windows xp نى قاچىلاپ windows7 دە تورغا ئۇلاش ئۇسۇلىنى ئۈگىنىپ يەنە قاچىلاپ ... نۇرغۇن ۋاقتىڭىز ئىسراپ بۇلىدۇ...