مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: beken

قازاقستاننىڭ ھەربي كۈچى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر تىنىقىڭن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12459
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3356
تۆھپە نۇمۇرى: 799
توردا: 1548 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 01:29:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي شۇنداق ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزۈپتىغۇ قېرىنداشلىرىمىز، مۇبارەك بولسۇن!
ماۋۇ يوق يەردىن پۇتاق تاپقۇچىلار    پۇتاق تاپساڭلار تۈزۈك تېپىڭلار. بۇنىڭغا باھا بېرىشتە چوقۇم ھەربىي پاراتقا قاتنىشىش زۆرۈر شەرت ئەمەس!  
گەرچە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا دۇنيادىكى مەلۇم ساندىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ئارمىيەنى قۇرۇپ چىقمىقى، بىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئاشۇ ھەيۋەتلىك پاراتنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزمىكى سىلەرچە ئاسان ئىشمۇ؟
    قولۇڭلاردىن پوق كەلمەيدۇ، پەقەت نومۇس قىلماي ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىدىن پۇتاق تېپىپ، تىل تەگكۈزۈشكە بەزى ئاز ساندىكىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلى شۇنداق ئاسان ئۇنايدۇ ھە؟
    تاپقان پۇتىقىڭلار ئادەمنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتكىدەك بولسىغۇ مەيلىتى، خۇددى ئۆزۈڭلارنى ھەربىي پارات مۇتەخەسسىسىدەك ئويلاپ كېتىپسىلەردە؟
توغرا، بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىش ئۆزۈڭلارنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش. ئەمما مەلۇم ئىشلارغا باھا بەرگەندە ئۆزۈڭلارنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنىلا كۆزلەپ، بۇرنۇڭلارنىڭ ئۇچىنىلا كۆرسەڭلار بولمايدۇ،ھەرقانداق ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ قىلىش كېرەك.
ئەگەر باشقا دۆلەتلەر بولسىغۇ مەيلى، تور ئالدىدا ئولتۇرىۋىلىپ، ئاغزىڭلاردا شەھەر ئېلىپ،قانداق جۆيلىسەڭلار مەيلىتى، بۇ دېگەن قېرىنداشلىرىمز تۇرسا؟!!!!!!! ھېلىغۇ سىلەر تاپقان پۇتاقلار ئادەمنى قايىل قىلالمايدۇ،  ئەگەر شۇنداق پۇتاقلار بار دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، ئويناپ سۆزلىسەڭلارمۇ، ئويلاپ سۆزلىشىڭلار كېرەك ئىدى.   باھا بەرگەن ۋاقىتىڭلاردا تەكلىپىڭلارنى ‹مەن ھازىر ئۆز قېرىنداشلىرىمغا سەمىمىي تەكلىپ بېرىۋاتىمەن› دېگەن تۇيغۇ ئاساسىدا ھۆرمەت ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن يازغان بولساڭلار ، بۇنى كۆرگەن ئاشۇ قېرىنداشلارمۇ ۋە زور كۆپ ساندىكى قېرىنداشلار ئارا ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچى بىزلەر سىلەردىن ناھايىتى خۇرسەن بولغان بولاتتۇق، لېكىن بەزى ئاز ساندىكىلىرىڭلارنىڭ سۆزىدىن ئۇنداق پۇراقنى ھېس قىلغىلى بولمىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن بىز كۆپ ساندىكىلەر سىلەرد ەك ئويلىمايمىز.
   ھەممە مىللەتتە ياخشى يامان ئادەملەر بولىدۇ، بىزنىڭ ئىچىمىزدىمۇ بارغۇ خېلى خېلى ‹ئىنسانلار›؟؟؟؟؟؟
تۇرمۇش دېگەندە ئۆزىمىزدىكىلەر بىلەنمۇ  ۋە باشقا مىللەتتىكى قېرىنداشلىمىز بىلەنمۇ سەن-پەن دېيىشىپ قالىدىغان ئىشلار بوپ تۇرىدۇ، بەزىلىرىڭلار ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتماي، شەخسى ھېسسىياتىڭلار بىلەن ئىش كۆرىدىكەنسىلەر.  
بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز ئارا ۋە باشقا مىللەتتىكى قېرىنداشلار  بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
سۆزلىرىم مەلۇم ئادەمگىلا قارىتىلمىغان، ئېغىر كەتكەن بولسا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. ھەقىقەت شۇنداق ئاچچىق بولىدۇ.
تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ئۆز قېرىنداشلىرىمىز بىلەنمۇ ياخشى ئۆتەلمىسەك ھاياتىمىزنىڭ مەناسى بولامدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!
مەيلى مۇنبەردە بولسۇن ۋە ياكى ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا بولسۇن ھەممە مىللەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ئارا ئەپۇچان بولۇپ ئىناق ئىتتىپاق ئۆتۈشىنى، تايىنى يوق ئىشلار بىلەن ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقىنى چاچماسلىقىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
   شۇنىڭ ئورنىغا ۋاقتىمىزنى ئىلىم تېخنىكا ئۆگىنىشكە، ئىككى دۇنيالىق بەختىمىز ئۈچۈن ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ، ئۆزىمىزگە ۋە ئۆزگىگە زىيانسىز ئىنسانلاردىن بولۇشقا تىرىشىشىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن،ئۇنتۇمايلى، ھەممىمىز ئۇلۇغ ئاللاھ ياراتقان قېرىنداشلاردىنمىز!...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TILSIMAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-21 01:31 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 50 توغرا ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ھەربىر تىنىقىڭنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزمە!

ئۆتكەنگە سالىۋا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1279
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6402
تۆھپە نۇمۇرى: 265
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 01:30:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yawaat0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 01:18 PM
مەيلى شەپكىسى يوغان بولسۇن، مەيلى يول مېڭىشى ياغاچتەك  ...

ئەجەپ ياخشى سۆزلىرىڭىزئۇرۇنلۇق .
بىرلىك    بۇلمىسا   ئىناقلىق    بۇلماي  دۇ

سەن  مەن  ئۈچۈن ئاللادىن نىمىنى  تىلىسەڭ ئاللا ساڭا شۇنىڭ ئون  ھەسىسىنى  بەرسۇن  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2858
تۆھپە نۇمۇرى: 850
توردا: 1244 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 02:36:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاقىستان جومھورىيتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ15يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2006-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتكەن.......بەك ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2858
تۆھپە نۇمۇرى: 850
توردا: 1244 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 02:46:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەئىس جومھۇر نۇر سۇلتان نەزەرباي پاراتتىكى سۆزىدە ئاۋۋال قازاقچە،كىيىن رۇسچە سۆزلىدى.
پارات ئەھۋالىدىن قارىغاندا قازاقىستاننىڭ ھەربىي كۈچى خېلى تەرەققى قىپتۇ. شۇنداق بۇلۇشىنى تىلەيمىز. چۈنكى بۇيەر دە بىزنىڭ 500مىڭ قېرندىشمىز بەختىيارياشايدۇ.
قازاقىستان ئەينى دەۋىردە سابىق سۆۋېت ئىتتپاقىدىكى  زىمىنى ئەڭ چوڭ رىسپوپلىكا ئىدى،2-دۇنيا ئۇرۇشىدا سىتالىن زور بىر تۈركۈم ھەربىي كارخانىلار ۋە سانائەت كارخانىلارنى قازاقىستانغا يۆتكىگەن بۇلۇپ قازاقىستان ئەڭ مۇھىم ئارقا سەپكە ئايلانغان.شۇڭلاشقا سانائەت ئاساسى ئوتتورا ئاسىيا بۇيىنچە ئەڭ ياخشى ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ قازاقىستان ئوتتورا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقىتىسادى دۆلەت ھىساپلىندۇ.
پاراتتىن ئۈتۈۋاتقان ئەسكەرلەر ئىچىدە ئۇيغۇر ئەسكەرلەرمۇ بۇلۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-21 02:53 PM  


لوست --ئازغۇن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12237
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10163
تۆھپە نۇمۇرى: 680
توردا: 1699 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 02:50:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاراتتىن ئۈتۈش دېگەن مودىلدا مېڭىش ئەمەس ، شۇنداق جانلىق ماڭسا بولدى ، كۆرمىدىڭلىما ئا ھۆكىرەشلىرنى شىردەك ، يامان بوساڭلا ھوكىرەپ بېقىڭلا ئاشدا نوچى ھوكىرەلەمسىلىكى ،ھوكىرەممىسەڭلا خەخنى مەسخىرە قىماڭلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 02:55:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگى 4-ئاپرىل، ” قازاقىستان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىرانغا ھەربىي ئىشلاردا زەربە بېرىشكە زېمىن ياكى ھاۋا تەۋەلىكى جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ“ دېگەنگە ئالاقىدار تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. قازاقىستان ھەرقانداق دۆلەتنىڭ قازاقىستان ھەربىي ئىشلار بازىسىدىن پايدىلىنىپ ئۈچىنجى دۆلەتكە قارىتا ھەربىي ئىشلار ھەركىتى يۈرگۈزۈشنى يولغا قويمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  بۇندىن بۇرۇن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى شىلارى ABC تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،” ئىسرائىليە بەلكىم ئىرانغا ھەربىي ئىشلار ھەركىتى يۈرگۈزۈش ئېلىپ بېرىشكە قازاقىستان ھەربىي ئىشلار بازىسىنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشكەنلىكى“ توغرىسىدا ئامېرىكا تەرەپ ئېنىق خەۋەرگە ئىگە ئەمەس دەپ كۆرسەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22071
تۆھپە نۇمۇرى: 2998
توردا: 3476 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 02:58:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن -.........مەن بۇ فىلىملەرنى خىلى بۇرۇنلا كۇرۇپ بولغان . مۇنبەرگە يوللىسام تەستىقلىماسمىكى دەپ يۇللاشتىن توختاپ قالغانتىم .
ماۋۇ يارمىدى-ئاقچى كۆكچى دىگەنلەر بولسا بەزى ئىشلاردا سۈكۈت قىلىشنى ئۈگنىۋىلىڭلار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jangqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-21 02:59 PM  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 02:59:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى

    ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستاندىن باشقا بەش دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قالاق، سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىمسىز، مىللىي توقۇنۇش، زىمىن تالاش-تارتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئېغىر. قىرعىزستان بىلەن تاجىكىستان چىگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئەتراپتىكى ۋە باشقا چوڭ دۆلەتلەردىن ياردەم تىلەيدۇ. 2009-يىلى روسىيە-ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ياردىمىغا ئېرىشىش، مەبلەغ ۋە تېخنىكا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۆزلۈكسۈز غەرب دۆلەتلىرىگە يېقىنلاشتى. روسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە بولغان تەسىر كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ، روسىيىنىڭ ئامېرىكا، ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلىشى بارغانسېرى قىيىنلاىشىتى.

    قازاقىستان

    قازاقىستان روسىيەگە بۇرۇنقىدەك تايانمايدىغان كۈچلۈك ھالەتكە قەدەم قويدى . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئىچىدە، قازاقىستان روسىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقارالىق ۋە رايۇن خاراكتىرلىق مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل بىردەك. قازاقىستاننىڭ زېمىنى كەڭ، ئادەم شالاڭ بولغاچقا، روسىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك فونكىسىيىسىگە ئەھمىيەت بەردى، ھەمدە بۇ شەرتنامە تەشكىلاتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى قانۇن رامكىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ھالبۇكى روسىيە بىلەن بولغان يېقىنچىلىق دەرىجىسى بىلوروسىيىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خوجا بولۇش ئىدىيىسى ھەمدە روسىيە بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يىراقلاشتۇرۇش خاھىشى كۈنسېرى كۈچەيدى. بىخەتەرلىك ساھەسىدە، قازاقىستاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ « تىنچ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى» پىلانىدىكى ئاكتىپ ئىپادىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردىن خېلىلا ھالقىپ ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردە ياخشى تەسىر قالدۇردى. قازاقىستاننىڭ ھەربىي خادىملىرى ئىراقتىكى تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، ھازىر ئافغانىستان ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنىمۇ ئويلىشىۋاتىدۇ.

    قازاقىستان بىلەن روسىيىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىختىلاپى ياۋرۇپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى قارمۇ-قارشىلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. قازاقىستان ياۋرۇپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ 2010-يىللىق نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولدى. نازاربايېف زوڭتۇڭ ياۋرۇپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ رايۇن بىخەتەرلىكى بولۇپمۇ ئافغانىستان مەسىلىسىدىكى رولىنى كۈچەيتىشنى ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى رايۇنىدىكى توقۇنۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. روسىيە-گروزىيە توقۇنۇشىدا ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئوچۇق-ئاشكارا گروزىيەگە يان باسقاچقا، روسىيە ياۋرۇپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتى ئارقىلىق مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى دائىرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇردى.

    روسىيە-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئافغانىستان مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، قازاقىستانمۇ غەرب دۆلەتلىرىگە يېقىنلىشىش قەدىمىنى تېزلەتتى. 2010-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا، قازاقىستان بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ماددىي ئەشيالىرىنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. روسىيە ئىلگىرى ئۆزبېكىستان بىلەن مۇشۇ خىلدىكى شەرتنامىلەرنى ئىمزالاپ بولغاچقا، ياۋرۇپادىن روسىيەدىن ئۆتۈپ، قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندىن ئافغانىستانغا تۆمۈريول تىرانسىپورت لىنىيىسىنى رەسمىي ئاچتى. بۇ قولايلىق لىنىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق شىمالىي ترانسىپورت لىنىيىسى بولۇپ قالدى.

    روسىيە بىلەن قازاقىستان ئىنىرگىنيە ۋە باشقا كان بايلىقلىرىنى ئېكىسپورت قىلىش ھەمدە نىفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىلىرى قاتارلىق تەرەپلەردە رىقابەت مەۋجۇت. شۇڭا قازاقىستان جوڭگۇ ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى. جوڭگۇ –قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسى 2005-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۇتاشتۇرۇلغان. قازاقىستان «باكۇ-تېبلىس- جيخان» نېفىت تۇرۇبىسى ئارقىلىق نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى. بۇ قازاقىستاننىڭ نېفىتى روسىيىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ غەربكە توشۇلدى.قازاقىستان يەنە فىرانسىيە بىلەن قازاقىستان تەۋەسىدە ئۇران كېنى ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەمدە فىرانسىيە ھەربىي سانائەت كارخانلىرىنىڭ قازاقىستان قوراللىق كۈچلىرى قۇماندانلىق سېستىمىسىنىڭ تېخنىكا يېڭىلىشىغا قاتناشتۇردى.

    ئۆزبېكىستان

    ئۆزبېكىستاننىڭ دىپلوماتىيە تارازىسى ئامېرىكىغا ئاغىدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ قازاقىستان، روسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ بولغاچقا ئۆزبېكىستان غەرب ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 2005-يىلى 5-ئايدا «ئەنجان ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلەر كەرىموف زوڭتوڭغا بېسىم ئىشلىتىپ،ئۇنى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلدى، ئىرقى يوقىتىش ئېلىپ باردى دەپ ئەيىبلىدى. كەرىموف روسىيە ۋە جوڭگۇنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بۇ قېيىن ئۆتكەلدىن ئۆتتى. ئۆزبېكىستان ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەمىنلىگەن خانناباد بازىسىنى قايتۇرۇۋېلىپ، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزۈۋەتتى. ئارقىدىنلا ئۆزبېكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇردى.

    2006-يىلى ئۆزبېكىستان مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى ۋە ياۋرۇپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە قاتنىشىپ، بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتتى ھەمدە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى بىلەن ياۋرۇپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك سورۇنى قىلدى. ئەمما تېزلا ئۆزبېكىستان-روسىيە مۇناسىۋىتىدە زىددىيەت كۆرۈلدى. ئۆزبېكىستان روسىيىنىڭ چوڭ دۆلەت ئىستىلىغا قارشى تۇرۇپ، ياۋرۇپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا كىرىشتى. ئۆزبېكىستاننىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالدىكى تىرانسىپورت لىنىيىسىدىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا ئامېرىكا ۋە شىمالي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئۆزبېكىستاننىڭ ئافغانىستان ھەرىكىتىدە ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج.

    2009-يىلى 2-ئايدا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ «ماناس» بازىسىنى تاقاشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزبېكىستانغا كېلىپ،ئۆزبېكىستاننىڭ ناۋايى شەھىرى ئايرودومىنى «ماناس» بازىسىنىڭ زاپاس ئايرودورۇمى قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ئامېرىكا بۇ ئايرودومنى ئىشلىتىپ بىر قىسىم ماددىي ئەشيالارنى يۆتكىدى. 2009-يىلى 8-ئايدا، ئۆزبېكىستان روسىيەنىڭ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا بىر ھەربىي مەشىق لاگېرى قۇرۇش پىلانىغا قارشى تۇرغىنى ئۆزبېكىستان دىپلوماتىيە سىياسىتى تارازىسىنىڭ ئامېرىكىغا يەنە بىر قېتىم مايىللىقىنى ئىسپاتلىدى.

    قىرغىزىستان

    قىرغىزىستان روسىيەنىمۇ ئامېرىكىنىمۇخوش قىلىشنى ئويلايدۇ. قىرغىزىستاننىڭ «ماناس» بازىسىنى تاقاش ۋەقەسىنىڭ كومېدىيىلىك ئۆزگىرىش بۇ نوقتىنى ئىسپاتلىدى. 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، قىرغىزىستان زوڭتۇڭى باكىيەف روسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا قىرغىزىستان «ماناس» بازىسىنى تاقاشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. روسىيە-قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بىر قىسىم كېلىشملەرنى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىملەرگە ئاساسەن روسىيە قىرغىزىستانغا 300 مىليۇن دوللار دۆلەت ئېتىبار قەرز پۇلى ۋە ھەقسىز 150 مىليۇن دوللار مالىيە ياردىمى بىلەن تەمىنلىمەكچى بولدى ،يەنە قىرغىزىستاننىڭ سۇ ئېلىكتېر ئىستانسىسى تۈرىگە بىر مىليارد 700مىليۇن دوللار قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىمەكچى بولدى. ئەمما ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئۈزۈپ قويمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەقىقى مەقسىدى روسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا باراۋەرلىكنى ساقلاش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.2009-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تېزلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە « ماناس» ئايرودورۇمىنى ئافغانىستانغا ماددىي ئەشيا توشۇشتىكى ئالماشتۇرۇش ئايروپورتى قىلىپ تەمىنلەشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. قىرغىزىستان ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا قارىتا، روسىيە بىر تەرەپتىن قىرغىزىستان بۇ مەسىلىلەردە قارار چىقىرالايدىغان ئۈزىگە ئۆزى خوجا مەملىكەت دەپ قارىدى، يەنە بىر تەرەپتىن بىر ئايدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن «ئامېرىكا ئافغانىستانغا ھەربىي ماددىي ئەشيا ۋە قوراللىق خادىملارنى روسىيە چېگرىسى ئارقىلىق يۆتكەش توغرىسىدىكى كېلىشىم » نى ئىمزالاپ، روسىيە قىرغىزىستان بىلەن شىمالىي تىرانسىپورت لىنىيىسىدىكى ھەمراھ دۆلەت بولدى. روسىيە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ قىرغىزىستانغا بولغان كونتىروللىقىنى ساقلاپ قالدى. 2009-يىلى 8-ئايدا، روسىيە-قىرغىزىستان زوڭتۇڭلىرى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ئوبلاستىدا بىر يېڭى روسىيە ھەربىي مەشىق مەركىزى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئەسلەتمىسىگە قول قويدى.

    تاجىكىستان

    تاجىكىستاندا روسىيەدىن يىراقلىشىش يۈزلىنىشى يۈز بەردى.نۆۋەتتە روسىيە-تاجىكىستان مۇناسىۋىتى تاجىكىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ھالەتتە تۇرماقتا. ئىقتىسادىي ساھەدە، روسىيە تاجىكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ چەتئەل مەبلىغىنىڭ كېلىشى مەنبىيىدۇر. بىراق يېقىنقى ھەرقايسى تەرەپتىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، روسىيىنىڭ مەبلىغى تاجىكىستاندىن تېز سۈرئەتتە ئېقىپ چىقماقتا. بۇنىڭ ئەكىسىچە، ئامېرىكىنىڭ تاجىكىستانغا بولغان ئىقتىسادىي ياردىمىنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە، مەسىلەن ئامېرىكا تاجىكىستانغا پەنجى دەرياسىدىن ئۆتىدىغان تاجىكىستان-ئافغانىستان چېگرىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىككى كۆۋرۈك ياساپ بەردى. يەنە ئىككى كۆۋرۈكنى ياساشقا قاتناشتى. نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ تاجىكىستانغا بەرگەن قەرز ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىنىڭ ئومۇمى قىممىتى بىر مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى.

    بىخەتەرلىك ساھەسىدە، تاجىكىستاندا روسىيىگە ئېغىر بىر تەرەپلىمە تاينىش مەۋجۇت. گەرچە روسىيە تاجىكىستان-ئافغانىستان چېگرىسىنى تاجىكىستان چېگرا-مۇداپىئە ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تاجىكىستاندا روسىيىىنىڭ ئىككى ھەربىي ئىشلار بازىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پامىر ئېگىزلىكىدە روسىيىنىڭ چېگرا مۇداپىئە ئارمىيىسى ئورۇنلاشقان. يېقىندىن بۇيان تاجىكىستان بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشماقتا، ئۇنىڭ روسىيىنىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق 201- موتۇرلاشقان پىيادە قسىم دېۋىزىيىسى بازىسىنىڭ ئىجارىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىشى دەل بۇنىڭ ئېنىق سېگنالى. نۆۋەتتە تاجىكىستان زوڭتۇڭىنىڭ تەدبىر بەلگۈلىگۈچىلىرى روسىيەپەرەسلەر بولماستىن بەلكى غەربپەرەسلەر. تاجىكىستان غەرب بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن بەلكى ئېتنىك مەنبەسى يېقىن ئىران بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا. تاجىكىستاننىڭ نەزىرىدە ئىران ئونىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئىتتىپاقدىشى.

    تۈركمەنىستان

    تۈركمەنىستان بىتەرەپلىك يولىدا داۋاملىق ماڭماقتا. تۈركمەنىستاندىن ياۋرۇپاغا بارىدىغان تەبئىي گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنى مونوپول قىلىش روسىيىنىڭ تۈركمەنىستاننى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى بىر گەۋدىلىشىش يولىغا كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى. شۇڭلاشقا روسىيە ھەم تۈركمەنىستان ئىشلەپچىقارغان تەبئىي گازنى سېتىۋېلىشى، ھەم روسىيىدىن ئايلىنىپ ئۆتىدىغان يېڭى ئىچكى دېڭىز تەبئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىشى كېرەك.

    تەبئىي گاز ئېكىسپورتىدا روسىيەگە تايىنىشتىن ئىبارەت ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۈركمەنىستان يېڭى ئېنىرگىيە ئېكىسپورت يولىنى ئېچىشقا جىددىي ئىھتىياجلىق بولدى. زوڭتۇڭ بەردىمۇھەممەدۇف تەبئىي گازنى بىۋاستە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە ساتىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا جاكارلىدى. بۇ تەبئىي گازلار نابۇك تەبئىي گاز تۇرۇبىسى بىلەن بىۋاستە ياۋرۇپاغا ئۇزىتىلىدۇ. 2009-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، تۈركمەنىستان زوڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدۇف يېڭىدىن تەبئىي گاز سېتىۋالغۇچى ئىزدەش مەقسىتىدە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلدى.2009-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇ ئارقا-ئارقىدىن بۇلغارىيە ۋە تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئىككى دۆلەت سۆھبىتىدە ئاساسلىق مۇھاكىمە قىلىدىغان مەسىلە نابۇك تۇرۇبا يولى تۈرىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلدى. تەبئىي گاز ئېكىسپورت يولىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركمەنىستان ئاكتىپ ھالدا باشقا سېتىۋالغۇچىلار ۋە تۇرۇبا يولى لىنىيسى ئۈستىدە ئىزدەندى. 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جوڭگۇ، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتناشقان ئوتتۇرا ئاسىيا –جوڭگۇ تەبئىي گاز ئۇزىتىش تۇرۇبا يولىنىڭ قاپقىقى ئچىلدى. 2009-يىلى 12-ئايدا، تۈركمەنىستاندىن ئىرانغا بارىدىغان ئىككىنچى تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى پۈتۈپ، ئىراننىڭ ئېنىرگىيە سودا مىقدارى ھەر يىلى 20 مىليارد كۇب مېتىرغا كۆپەيدى. بۇنىڭدىن تاشقېرى تۈركمەنىستان پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننى كېسىپ ئۆتىدىغان تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈرىنى دەلىللەشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى. تۈركمەنىستاننىڭ تەبئىي گاز ئېكىسپورتنىڭ كۆپ مەنبەلىششى روسىيە-تۈركمەنىستان ئىككى دۆلەتنىڭ زىددىيىتىنى كەسكىنلەشتۈردى.


بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25644
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4337
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 6363 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 03:15:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىدىن زۇڭتۇڭ ئوباما  تەسىلى چۈشەندۈرۈپتۇ ، نەزەر دائىرىڭىز خىلىلا يۇقۇرى جۇمۇ نەپرەتجان.

.ئالقىنىڭنى  كەڭ ياي ، ئۇنىڭدىن تۆكۈلگەن رەھمەت نۇرلىرى ، سىېنىمۇ ، كىشىلەرنىمۇ خۇش قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2858
تۆھپە نۇمۇرى: 850
توردا: 1244 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 03:15:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاقىستاننىڭ زۇڭلىسى مەسۈم ھاكىمباي ( فامىلىسى ئېنىق ئىسىمدە قالماپتۇ ) ئۇيغۇر.
بۇيەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھال كۈنى ،ئىگە بولغان ھوقۇق-مەنپەتلىرى بىزنىڭكىدىن كۆپ ياخشى.



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش