پاۋىل يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 10:54 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مارشال ئەپەندى ، مۇنبەر ئۈچۈن ھەقى ...
سەھىپە ۋە يازمىلارنىڭ سۈپۈتىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سەھىپە باشقۇرغۇچىللىرىنىڭ سۈپۈتىنى چىڭ تۇتۇش زۈرۈر دەپ قارايمەن.
چۈنكى » قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن « شۇڭا ھەرقايسى كۆزنەك سەھىپىلەرگە شۇ ساھەنىڭ » پىشقان « ئاپتۇرلىرى ئىچىدىن » كېسىپ پىچىدىغان « ئۇستاملاردىن باشقۇرغۇچى قۇيۇش مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىيقەت !
پاۋىل دىگەن تورداشنىڭ، يۇقۇرىدىكى تەكلىبىنى، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئويلىشىپ كۆرسە بولىدىكەن.
چۈنكى باشقۇرغۇچىلارمۇ ھەممە ساھەدە مۇكەممەل بولۇپ كېتشى ناتايىن. شۇڭا باشقۇرغۇچىلار ئۆزلىرى قايسى سەھىپىنى ياخشىراق بىلسە شۇ ھەھىپىگە ئىگە بولۇپ، شۇ سەھىپىنىلا باشقۇرۇپ تېما تەستىقلىسا، ئۆزى بىلمىگەن تېمىلارنى ئۆز ئالدىغا ئۆچۈرۈپ تاشلىمىسا ياكى تەستىقلىمىسا، شۇندىلا ياخشى تېمىلارنىڭ ئۆچۈرۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئەخلەت تېمىلارنىڭمۇ تەستىقلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
شۇڭا باشقۇرغۇچىلار ئالدىراش بولساڭلارمۇ بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ، مەسئۇلىيەتنى مۇشۇنداق ئېنىق ئايرىۋالساڭلار، مۇنبەر تېمىلىرى سۈپىتىنىڭ تەدرىجى يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە پايدىسى بولۇشى ئېنىق ئىشكەن.
ئەمدى مەن بۇ تېمىدا قويۇلغان چەكنى پەقەت ناچار تېمىلارغىلا قويۇلغان چەك دەپ قارىدىم، لېكىن بۇنداق چەك قويۇشنىڭ ياخشى ئۈنۈم بېرىشى تەس.
چۈنكى تېما يوللىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۇقۇرى سەۋىيەدە بولۇشىمۇ ناتايىن، شۇڭا بۇنداق چەك قويۇلسا، ھەممىسى ھەرياڭزا چۈشىنىدۇ، ھەتتا ئۆزلىرى يوللاۋاتقان تېمىنىڭ قانداق تەسىر بېرىدىغىنىنى بىلمەي تېما يوللايدىغانلارمۇ بار بولۇشى مۈمكىن، شۇڭا ئۇنىڭدىن كۆرە باشقۇرغۇچىلار ئۆزلىرى مۇكەممەل بىلىدىغان تەرىپىگە كۈچەپ، باشقۇرۇش دائىرىسىنى ئېنىق ئايرىۋالسا، ئۆزلىرى بىلمەيدىغان سەھىپىلەرگە ئارىلاشمىسا، يېقىنى ھەتتا تۇققىنى يازغان بولسىمۇ ئارىلاشمىسا ، تېمىلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ دەپ قارايمەن، شۇڭا باشقۇرغۇچىلار جاپاغا چىداپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بۇرۇنقى قەلىمى ئۆتكۈر قەلەمكەشلەرنى قايتۇرۇپ كېلەلىسە، ياكى يېڭىلىرىنى تەكلىپ قىلسا، ئەخلەت تېمىلارنى ئىزچىل تەستىقلىمىسا،
بىزمۇ ئەخلەت ئىنكاس يېزىشنى ، قارغۇلارچە ئىنكاس يېزىشنى، تېما ئوقۇماي، ئىنكاسنىلا ئوقۇپ، ئىنكاسقىلا ئىنكاس يېزىشنى تۈگۈتۈپ، ياخشى مېغىزلىق ئىنكاسلار يېزىشقا تىرىشساق، قولىمىزدىن كېلىشىچە، ياخشى ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللاشقا تىرىشساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىغان قائىدە تۈزۈملەر بولسا، ھەم قەتئى ئەمەل قىلىنسىلا، ھەل بولمايدىغان مەسىلە يوقمىكىن.
باشقۇرغۇچىلار سىلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىڭلارنىڭ جاپالىق ئىكەنلىگىنى بىلىمىز، ھەمىىڭلار مۇنبەر ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتىسىلەر، بۇ جاپالارغىمۇ چىداپ، مۇنبەرنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمىز!