مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: a.sayrami

ئېران ئارمىيسىنىڭ ھەربىي پاراتىدىن كۈرۈنۈشلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دۇنيانى مېھىر-مۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6787
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 03:08:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گاھىدا مۇشۇنداق پو ئېتىپ تۇرسىمۇ ئەسقاتىدىكەن. شۇڭا ئامرىكىمۇ يۇقالمىدىغۇ ئەنە

ئۇيغۇردولان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79144
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 07:12:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 02:17 PM
بىر  پىلةك،  مىڭبىر خةمةك.

   بىر  ئۇلۇغ  شائىرىمىزنى ...

توغرا  دېدىڭلار،  سادام مۇستةبىت، كازافى ئوغرى، بىنلادىن قاراقچى،رابىية  يالاقچى،نىجاد كاپىر، ھۈمةينى پوداقچى، نىيتانىياخۇ بايراقچى،ئوباما ساقچى، نىمىلا  دېگةن  بىلةن دىندارلاردىن دىنسىزلارياخشى........

ھەددى - ھېساپسىز مال دۇنيانىڭ كەينىدە ، ھەمىشە بويۇنغا پاتقۇدەك گۇناھ - جىنايەتلەر ماراپ تۇرىدۇ .

ئۆزۈڭنى كىم چاغلىدىڭ؟

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33503
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1825
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 496 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 08:32:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىران ئۇراننى ھەرگىز ياخشى ئىشقا ئىشلەتمەيدۇ.ياخشى ئىشقا ئىشلىتىدىغان بولسا داۋاملىق قۇيۇلدۇرمايتى.ئۇ زادى يادرو قوراللىرىنى ياسىماقچى.ئاشۇ تۆۋەن سەۋىيىسى بىلەن مۇشۇنداق خەتەرلىك ئىشنى قىلسا...
شۇ ئۇرانلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولالماي،ئۆز دۆلىتىگە قۇيىۋېتىپ،ئوتتۇرا شەرىقنى رادىئاكسىيەدە بۇلغانغان تاشلاندۇق رايون قىلىۋەتمىسە بولاتتىغۇ.
ئاشۇ ئەقىللىق ياپونلارمۇ ئاران-ئاران كونتىرول قىلىۋاتسا.

ۋىدا

ئۆزۈڭنى كىم چاغلىدىڭ؟

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33503
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1825
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 496 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 08:34:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئەلەرنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۋالغانلار،بىرەر شىئەنىڭ يېنىغا بېرىپ سۈننىيلەر مۇسۇلمانمۇ دەپ سوراپ بېقىڭلار.

ۋىدا

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14475
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 4778 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 09:03:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋۇي ئەخمەت نىجاد ھەجەپمۇ پوچىكىنا ، قورۇق ھەيۋىنىڭمىغۇ كۈچى چوڭ بەزىدە ، ئىراننىڭ ئەسكەرلىرى خۇددى زەھەرلىك گازدىن مۇداپىئەلىدىغان ئەسكەرلەردەك قاتتىق مۇداپىئە ھالەتنى ئىپادىلەپتۇ، ئەمما ھەقىقى ئۇرۇش بولسا ، ئامرىكىنىڭ  ئەسكەرلەرگە تەڭ كىلەلەرمۇ؟  بۇلارنىڭ ئىككىنچى قىتىملىق سۆھبىتى يەنە بىر ئايدىن كىيىنما ؟ سۆھبەت مىنىڭچە يەنە نەتىجىسىز بولۇپ 3- قېتىملىققا سوزۇلىشى مۇمكىن، بىراق بۇ پەرىزىم خالاس!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79376
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 150
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 09:41:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئە مەزھىپى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزىدىغان بىر پىتنە ، مانا بۇ ئادرىستىكى تىمىنى كۆرۈپ بىقىڭلار :

http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=8592

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79376
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 150
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 10:20:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىيئە مەزھىبىنىڭ باشقا مەزھەبلەردىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئاساسلىق قارىشى شۇكى، ھەزرىتى ئەلى خەلىپىلىك ئورنىغا چىقىشتا باشقا ساھابىلاردىن ھەقلىقراق، ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپە بولۇشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى، تاپشۇرۇقى ۋە تەيىنلىشى بىلەن بولغان، مانا بۇ داۋا شىيئە گۇرۇھىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ تۈپ ئاساسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ دىنىي ئەقىدىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىدا بۇ ئىشتا كېڭەش ياكى خەلقنىڭ ھېچ رولى يوق.

شىيئەدىن باشقا بارلىق ئىسلام پىرقىلىرى خەلىپە ۋە دۆلەت رەئىسى خەلقنىڭ تاللىشى ۋە خەلق ۋەكىللىرىنىڭ كېڭىشى ۋە بەيئەت قىلىشى بىلەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

شىيئەلەر خەلىپە بولۇش ياكى مۇسۇلمانلارغا رەئىس بولۇشنى پەيغەمبەرلىككە قىياس قىلىپ ئۇنىمۇ "ئىلاھىي بەلگىلەش" بىلەن بولىدۇ، "خەلقنىڭ تاللىشى" بىلەن بولمايدۇ دەپ قارىغان، خەلىپىلەرگە پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش مەسۇملۇق مەرتىۋىسىنى بەرگەن، بەلكى تېخى ئۇلارنىڭ مەرتىبىسىنى پەيغەمبەرلىك مەرتىبىسىدىن ئۈستۈن دەپ قارىغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەيغەمبەرلىك "ۋاقىتلىق ئىلاھىي ئىلتىپات" بولۇپ، مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ رولى تۈگىگەن، ئەمما خەلىپىلىك بولسا پەيغەمبەرلىك تۈگىسىمۇ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ تۇرىدىغان "ئومۇمىي ئىلاھىي ئىلتىپات"، ھەتتا ئىمام ئايەتۇللاھ خۇمەينىي خەلىپىلەرنىڭ مەرتىبىسىنىڭ مۇقەررەب پەرىشتە ۋە ھەتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىبىسىدىنمۇ ئۈستۈن ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئىماملىرىمىزنىڭ مۇقەررەب پەرىشتىمۇ، ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمۇ يېتەلمەيدىغان يۇقىرى مەرتىبەگە ئىگە ئىكەنلىكى مەزھىبىمىزنىڭ زۆرۈر تەقەززالىرىدىندۇر."

نورماللىرى بولسۇن ياكى ئاشۇرىۋەتكەنلىرى بولسۇن بارلىق شىيئە تائىپىلىرى بۇ ئىلاھىي بەلگىلەش ئەقىدىسىدە بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئەقىدىگە تانغان كىشى كاپىر بولىدۇ.

لېكىن ئۇلار ئۇنىڭدىن باشقا قاراشلاردا بىرلىككە كېلەلمىگەن، مەسىلەن ھازىر شىيئەنىڭ كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلىدىغان 12 ئىمام مەزھىبى خەلىپىلىك ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن 12- ئىمام غايىب بولۇپ كەتكەن، ئوتتۇرىغا چىقىشى كۈتۈلگەن مەھدىي دەل ئاشۇ غايىب ئىمام، ئۇ يوق چاغدا مۇجتەھىد ئالىملار ئۇنىڭ ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەپ تۇرىدۇ دەپ قارايدۇ.

كەيسانىييە پىرقىسى ئىمامەتچىلىك ھەزرىتى ئىمامدىن ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفييەگە يۆتكەلگەن دەپ قارايدۇ.

ئىسمائىيلىييە پىرقىسى ئىمامەتچىلىكنىڭ ھەزرىتى ئىمامدىن تارتىپ ھەزرىتى جەئفەر سادىققا قەدەر ئارىلىقتا 12 ئىمام پىرقىسىغا ئوخشاش قارىغان، ھەزرىتى جەئفەردىن كېيىن ئوغلى مۇسا كازىمغا ئەمەس، ئوغلى ئىسمائىلغا يۆتكەلگەن دەپ ئايرىلىپ چىققان، ئۇلار ئىسمائىلدىن كېيىن ئۆزلىرى ئايرىم تەرتىپ بەلگىلىگەن. بۇ تائىپە شىيئەلەرنىڭ بەك ئازغۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ.

زەيدىييە مەزھىبى بولسا ئەھلى سۈننەتكە پىكىر جەھەتتىن ئەڭ يېقىن مەزھەب بولۇپ، بۇ مەزھەبتىكىلەر ئىلاھىي بەلگىلىمە ئەقىدىسى ھەققىدە: ئىلاھىي بەلگىلەش ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۆزىگە خاس بولماستىن مەلۇم سۈپەتلەرگە قارىتا بولغان دەپ قارىغان.

دېمەك زەيدىييەدىن باشقا شىيئە تائىپىلىرى خەلىپىلىك مەرتىبىسىدىكى ئىماملارنى مەسۇم ۋە مۇقەددەس ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىنى، ھەممە ئىلىملەرنى، ھەممە تىللارنى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا توختاۋسىز ئىلاھىي ئىلھام كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، كىچىكىدىن تارتىپ بىر ئىنساندىن دەرس ئالماي ھەممە مەرىپەتنى بىلىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق سوئالغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى داۋا قىلىدۇ، ئىمام مەسۇم بولغاچقا بارلىق ئۈممەت خاتالاشسىمۇ ئىمام خاتالاشمايدۇ، ئىمام پەيغەمبەرنىڭ بارلىق ھوقۇقىغا ئىگە, شۇڭا ئىمام دىنىي جەھەتتىن بىردىنبىر مەنبە ۋە ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.

ئىمامەتچىلىك ئەقىدىسىدىن باشقا شىيئەلەردە ئەھلى سۈننەتتىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە ئەقىدىلەر بار مەسىلەن:

تەقىييە ئەقىدىسى:

يەنى مۇقەررەر زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىچكى ئېتىقادىنى يوشۇرۇپ باشقىچە كۆرۈنۈش، بۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دىننىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. شىيئەلەر نەزىرىدە ئىمام ئەلى قاتارلىقلارمۇ تەقىييە قىلغانمىش. بەزىلىرى تەقىييە قىلىش ۋاجىب دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل نىپاقتۇر. ئادەتتىكى بىر مۇسۇلمان كاپىرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۇپۇر سۆز قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ ئەلى ۋە ئۇندىن باشقا ئىماملارغا بۇنداق رۇخسەت يوق. شىيئەلەر ئىماملىرىدىن رىۋايەت قىلغان قارىمۇ-قارشى رىۋايەتلەرنى ئىزاھلاشتا ماۋۇنى تەقىييە قىلىپ دېگەن دەيدۇ. بۇ مەسىلىنى شىيئە ئىماملىرى ئۇسۇلى فىقھى قاتارىدىن قىلىپ ئىماملىرىدىن كەلگەن كۆرسەتمىلەرنىڭ بەزىسىنى ئاستا رەت قىلىۋېتىشكە قوللىنىدۇ.

شىيئەلەر ئاساسەن تەقىييە مەسىلىسىنى كاپىرلارغا قارىتا ئەمەس، ئەھلى سۈننەدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. شەيخ قارزاۋى رەفسەنجانى بىلەن ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىدا قىلغان مۇنازىرىسىدە رەفسەنجانى تەقىييە قىلىشقا ئاللاھ تائالانىڭ ئالى ئىمران سۈرىسى 28-ئايىتىدىكى: (پەقەتلا ئۇلاردىن تەقىييە قىلساڭلار) دېگەن سۆزىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەندە، شەيخ قارزاۋى: بۇ دېگەن كاپىرلارغا قارىتا دېيىلگەن ئايەت، دەپ رەددىيە بەرگەن ئىدى.

قايتىش ئەقىدىسى:

بۇ ئەقىدىنىڭ مەزمۇنى ئاللاھ تائالا قىيامەتتىن بۇرۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان جەمەتلىرىنى ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلارنى تىرىلدۈرۈپ مەزلۇملارنى ئىززەتلەيدۇ، زالىملارنى خارلايدۇ، كېيىن ئۇلارنى قايتا ۋاپات قىلدۇرىدۇ.

بەدائ ئېتىقادى:

بەدائ دېگىنىمىز بۇرۇن بىلمىگەن نەرسە ئايان بولۇش، بىلمىگەننى بىلىش دېگەن بولۇپ، شىيئەلەر ئاللاھ تائالاغا بەدائنى مەنسۇپ قىلىشىدۇ. بۇ ئەسلىدە ئۇلارغا يەھۇدىيلاردىن سىڭگەن ئېتىقاد بولۇشى مۇمكىن. ھەقىقەتتە جانابى ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالا ھەممە نەرسىنى ئىجمالىي ھەم تەپسىلىي، ئىلگىرى ۋە كېيىن مۇتلەق بىلگۈچىدۇر. كېيىن بىلىش ئاللاھ تائالاغا مۇھالدۇر.



بۇ ئەقىدىلەرنى ۋە بەك ئاشۇرۇۋەتكەن بۇزۇق تائىپىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا شىيئە مەزھىبى مۇقىم ئىسلام ئەقىدىلىرى ۋە ئىسلام پائالىيەت- ئىبادەتلىرىدە باشقا ئىسلام پىرقىلىرى بىلەن ئاساسەن ئىتتىپاق، شۇڭا ئۇلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر قىسمى، ئەسلىدە ئۇلار ئىمامەتچىلىك مەسىلىسىنى ئاساسلىق ئەقىدە مەسىلىسى قىلىۋالماي تارماق مەسىلە قىلغان بولسا، ئۇلار ئادەتتىكى ئەھلى سۈننەت مەزھەبلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولاتتى.

ھازىر 12 ئىمام مەزھىبى ئىران، ئىراق، لىۋان، ئەزەربەيجان ۋە ئافغانىستاندا، ئىسمائىيلىييە مەزھىبى ھىندىستان، پاكىستان، تۈركىيە ، سۈرىيە ۋە لىۋاندا مەۋجۇت. لىۋاندىكى ھىزبوللاھ ھەرىكىتىمۇ 12 ئىمام مەزھىبىدە، بۇلارنىڭ ئىمامىييە مەزھىبى دەپ ئاتىلىشى ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكى قۇرئان ۋە ھەدىستە كەلگەن دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان. 12 ئىمام مەزھىبى دەپ ئاتىلىشى بۇلار ھەزرىتى ئەلىدىن تارتىپ 12 ئىمامنى زەنجىرسىمان بېكىتىشىدىن كەلگەن. زەيد ئىبنى ئەلىنىڭ ئىماملىقىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن رافىزا دەپ ئاتالغان. ھازىر يەركەن تەرەپلەردە 12 ئىمام مەزھىبىدىكى شىيئەلەرنىڭ پائالىيىتى جانلىنىپ قالماقتا.

زەيدىييە مەزھىبى شىيئەنىڭ چوڭ پىرقىلىرىدىن بولۇپ، شىيئەنىڭ ئەھلى سۈننىگە ئەڭ يېقىن تۇرىدىغىنى ھېسابلىنىدۇ، كالامى قاراشلىرى مۇئتەزىلە بىلەن ئەشائىرە قاراشلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇلار يەمەن، ئۇممان قاتارلىق جايلاردا بار.

ھازىر سۈرىيەدە خەلقنى قىرىۋاتقان ھاكىم نۇسەيرىييە تائىپىسىمۇ، تۈركىيەدىكى ئەلەۋىيلەر تائىپىسىمۇ شىيئەلەرنىڭ ئەڭ ئازغۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر. نۇسەيرىييە دېگەن نام فىرانسىيىلىك مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن ئەلەۋىيلەرگە بېرىلگەن نام بولۇپ، بۇ تائىپىنى شىيئەلەرنىڭ ئۆزىمۇ ئازغۇن دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ تېگى خىرىستىيانلارغا تۇتىشىپ كېتىدۇ. بۇلار شام ساھىللىرىدا، سۈرىيەدە جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئەلەۋىيلەرمۇ بۇلارغا ئاساسەن يېقىن كېلىدۇ. بۇلارنىڭ بەكلا ئازغۇن ئېتىقادلىرى بولغاچقا، ئۆز ۋاقتىدا ئىمام ئىبنى تەيمىييە نۇسەيرىيلەردىن خوتۇن ئېلىشنى ھارام قىلىپ، ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلىشقا چاقىرىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى، مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىشنى ھالال دەپ پەتىۋا بەرگەن. بۇلار ئاساسەن ئىسلامغا پەقەتلا ئىسىم جەھەتتىنلا تەۋە بولۇپ قالغان باتىنىي پىرقىدۇر.

دىيارىمىزدا تاشقۇرغاندىكى تاجىكلار شىيئەلەرنىڭ ئىسمائىلىييە تائىپىسىغا تەۋە بولۇپ، بۇمۇ شىيئەلەرنىڭ بەكلا ئازغۇن باتىنىي تائىپىلىرىنىڭ بىرىدۇر، بۇلار يەنە سۈرىيە، ئىران، پاكىستان، ھىندىستان، كەشمىر ۋە ئافرىقىدا بار بولۇپ، تارىختا بىر قانچە دۆلەت قۇرغان.



ھازىرقى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ %90 سۈننىي بولسا قالغىنى شىيئە ، خاۋارىج ۋە ئابازىيلاردۇر.

ھازىر ئىراندىكى شىيئەلەر 12 ئىمام مەزھىبىگە تەۋە بولۇپ، ئەللامە مۇسا جارۇللاھ 1934- 1935-يىللاردا ئىران، ئىراقنى زىيارەت قىلىپ شىيئە ئالىملىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ سۆھبەتلىشىش، يەنە شىيئەلەرنىڭ كىتابلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىش نەتىجىسىنى مۇنداق دەپ خۇلاسىلەيدۇ: "ئاخىرىدا ماڭا ئېنىق ئايان بولدىكى، شىيئەلەرنىڭ بۇ كىتابلىرى ئىسلام ئۈممىتى كۆتۈرەلمەيدىغان ئىشلارغا بىردەك ئىتتىپاق بولغان. يەنە ئىسلام ئۈممىتى رازى بولمايدىغان، ئىسلامنىڭ مەنپەئىتى تەقەززا قىلمايدىغان، ئىسلامنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا زىت كېلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا ئىتتىپاق بولغان".(ئەلۋەشىيئە فى نەقدى ئەقائىدى شىيئە 108-بەت)

12ئىمام مەزھىبىدىكى شىيئەلەرنىڭ دىنغىمۇ، ئەدەبكىمۇ زىت كېلىدىغان، ئەھلى سۈننە پەقەت قوبۇل قىلالمايدىغان بەزى يامان قاراشلىرى بار. مەسىلەن:



ساھابە كىراملارنى تىللاش ۋە ئۇلارنى كاپىر دەپ قاراش.

شىيئەلەرنىڭ كىتابلىرى ئومۇم ساھابە كىراملارنى كاپىر دېيىش بىلەن تولغان، ساھابىلەردىن شىيئەلەر تەرىپىدىن كاپىر دېيىلمەي قۇتۇلۇپ قالغىنى پەقەتلا ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەڭ يېقىن تۇرغان بىرقانچە ساھابە بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ئاران يەتتىگە يېتىدۇ.

شىيئەلەرنىڭ ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر بىلەن ھەزرىتى ئۆمەرنى كاپىر دەپ تىللىشى بەكلا ئوچۇق ئاشكارە بولۇپ، شىيئەلەرنىڭ ئەلۋافىي دېگەن كىتابىنىڭ 44-بېتىدە ۋە ئۇندىن كېيىنكى بەتلەردە ئەدەب قوبۇل قىلالمايدىغان سۆزلەر بار. ئۇلار بۇ ئىككى كاتتا ساھابىنى لەنەت قىلىنغان پاسكىنىلار، تاغۇتلار، مۇشۇ ئۈممەتنىڭ فىرئەۋنى بىلەن ھامانى، مۇناپىقلىقتا، پەيغەمبەرگە دۈشمەنلىكتە، ئىسلامغا زىيان ئۇرۇشتا ئەڭ يامان مۇناپىق دەپ قارايدۇ.

تېخى بىر قانچە يىل ئىلگىرى شەيخ قارزاۋى رەفسەنجانى بىلەن ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىدا قىلغان مۇنازىرىسىدە رەفسەنجانىدىن شىيئە ئىماملىرى شىيئە ئاۋاملىرىنى ئەبۇ بەكىر بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا لەنەت قىلىشتىن توسقان بولسا، دەپ تەلەپ قىلسا، رەفسەنجانى رەت قىلغان ئىدى.



دەسلەپكى دەۋر ئەسرى سائادەتكە لەنەت ياغدۇرۇش:

  شىيئەلەرنىڭ ئەلكافى، تەھزىيب ۋە ئەلۋافى قاتارلىق كىتابلىرى ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر، ئائىشە، ھەفسە ۋە ئومۇم ساھابە كىرام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغا ئۇلار پۈتۈن ئۈممەت تۇرۇقلۇق ئېغىر قەبىھ تىل-ھاقارەتلەر بىلەن لەنەت قىلىش بىلەن تولغان. تېخى شىيئەلەرنىڭ ساھابە كىراملەرگە، پۈتۈن ئۈممەتكە لەنەت قىلىشتا ئىماملىرىمىزدىن قالغان دەپدىغان ئالاھىدە مەخسۇس دۇئالىرى بار.

بىرلا مىسال ئالساق: ئەلكافى 3-توم 351-بەتتە: ئائىشە بىلەن ھەفسە ئىككىسى دوزاختا مەڭگۈ قالدۇرۇلىدىغان كاپىر مۇناپىقتۇر، دېيىلگەن.



قۇرئان كەرىم بۇرمىلانغان دەپ قاراش:

قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى سۆزلىرى ياكى بەزى ئايەتلىرى قىسقارتىلغان، بەزى كەلىمىلەرنىڭ، ئايەتلەرنىڭ تەرتىپى ئۆزگەرتىلگەن دېگەن قاراشقا شىيئە كىتابلىرى بىردەك ئىتتىپاق. قۇرئاننىڭ بۇرمىلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر شىيئەلەرنىڭ نەزىرىدە مۇتەۋاتىر.

ئەلكافى دېگەن كىتابتا سادىقنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "مۇھەممەدكە جىبرىل ئېلىپ چۈشكەن قۇرئان 7000 ئايەت بولۇپ، بىزنىڭ قولىمىزدىكىسى پەقەتلا 6236 ئايەت، قالغىنى ئەلى توپلىغان بويىچە ئەھلىل بەيتنىڭ قولىدا باردۇر".

ئەلكافىدا كېلىشىچە: ھەزرىتى ئەلى يازغان قۇرئاننى ئەلقائىم ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، بۇ قۇرئان ئىمامنىڭ غايىب بولۇشى بىلەن تەڭ غايىب بولغان.



شىيئەدىن باشقا ئىسلام پىرقىلىرىنىڭ ھۆكمى:

شىيئە كىتابلىرىنىڭ ئېنىق ئىپادىلىشىچە: شىيئەدىن باشقا پۈتۈن ئىسلام پىرقىلىرى كاپىردۇر، مەلئۇندۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ئەبۇ بەكىر بىلەن ئۆمەرنى ئەلىنىڭ ئالدىغا قويغان ناسىبىينىڭ قېنى بىلەن مېلى ھالالدۇر.

ئىمام سادىق ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تۆت مەزھەب ئىماملىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلارنىڭ قېشىغا بارما، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىما، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇن، مۇشرىك مىللەتلىرىگىمۇ لەنەت قىلسۇن".



ۋاقىتلىق نىكاھ مەسىلىسى:

شىيئەلەر نىكاھى مۇتئەنى ھالال دەپ قارايدۇ، باقىر بىلەن سادىق مۇنداق دېگەن: "بىزنىڭ مۇتئىمىزنى ھالال سانىمىغان، بىزنىڭ قايتىشىمىزنى ئېتىقاد قىلمىغان بىزدىن ئەمەس".

شىيئەلەرنىڭ نەزىرىدە مۇتئە بىرەر سائەت ياكى بىر كۈن بولسىمۇ ۋاقىت توختىتىش بىلەن بىر ئوچۇم بۇغداي بولسىمۇ ئىش ھەققىدىن ئىبارەت ئىككى نەرسە بىلەن بولىدۇ، مۇتئە نىكاھ بىلەن تۆتتىن ئارتۇق قانچە خوتۇن ئالسا بولىۋېرىدۇ.



پۇتىنى يۇيۇش ۋە ئىككى ئۆتۈككە مەسھى قىلىش:

تاھارەت ئالغاندا پۇتىنى يۇيۇش ۋە ئىككى ئۆتۈككە مەسھى قىلىشنى شىيئەلەر ھارام دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى پۇت يۇيۇش بىلەن ئۆتۈككە مەسھى قىلىش مۇتەۋاتىر ھالدا كەلگەن.

"ھەسەن بەسرىي: مەن بەدر غازىتىغا قاتناشقان يەتمىش ساھابىنى كۆرگەنمەن، ھەممىسى ئىككى ئۆتۈككە مەسھى قىلىشنى توغرا دەپ قارايتتى، دېگەن. بۇ سەۋەبتىن ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئىككى ئۆتۈككە مەسھى قىلىشنى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە شەرتلىرىدىن دەپ قارايتتى".(بەدائىۇسەنائىئ 1/7)

يۇقىرىقى شىيئەلەر ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئاساسەن مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى نەشىر قىلغان ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى بىلەن شىيئەگە قارىتا يېزىلغان ئەڭ مۇھىم ھەم ئىشەنچلىك قايناق بولغان ئەللامە مۇسا جارۇللاھ رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ يىگانە ئەسىرى ئەلۋەشىيئە فى نەقدى ئەقائىدى شىيئە دېگەن كىتابىدىن نەقىل قىلىندى. كەڭرەك مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى بولغانلار ئەللامىنىڭ ئاشۇ كىتابىغا مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ. بۇ كىتاب ھازىر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنماقتا. ئەرەبچىسى ساجىيە تورىدا بار.

شىيئەلەر ھەققىدە ئۇندىن باشقا پايدىلىنىش بولىدىغان ماتېرىياللاردىن تۆۋەندىكىلەر بار:

مۇھەممەد مۇھىببىددىين ئەلخەتىيب يازغان: "ئەلخۇتۇت ئەلئەرىيزە لىلئۇسۇس ئەللەتىي قامە ئەلەيھا دىينۇششىيئە ئەلئىمامىييە ئەلئىسنا ئەشەرىييە". بۇ كىتابنى مەكتەبە سەلەفىييە نەشىر قىلغان.

ئېھسان ئىلاھىي زاھىير يازغان: "ئەششىيئە ۋەلقۇرئان" دېگەن كىتاب بىلەن "ئەششىيئە ۋەسسۈننە" دېگەن كىتاب ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، مۇشۇ ئىككى كىتابى سەۋەبىدىن شىيئەلەر پاكىستانلىق بۇ ئالىمنى ئۆتۈرىۋەتكەن. بۇ كىتابنى لاھوردىكى ئىدارەتى تەرجۇمان سۈننە نەشىر قىلغان، رىيازدىمۇ قايتا نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتاب ساجىيە تورىدا بار.

ئىمام ئىبنى تەيمىيەنىڭ: "مىنھاجۇسسۈننە ئەننەبەۋىييە" دېگەن كىتابىنىڭ مۇختەسەرى. بۇنى شىيئە مەزھىبىدىكى ئالىملاردىن ئىمام خومەينىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىم ئايەتۇللاھ ئەلئۇزما ئەبۇل فەزل ئەلبۇرقۇئىي فارىسى تىلغا تەرجىمە قىلىپ دەرس سۆزلىگەن بولۇپ، بۇ ئالىم نۇرغۇن شاگىرتلىرى بىلەن بىللە شىيئە مەزھىبىدىن ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە قايتقان ۋە شاھ دەۋرىدە كېيىنچە ئىمام خۇمەينى دەۋرىدە نۇرغۇن قىيىن قىستاقلارغا ئېلىنىپ، سۈيقەستكە ئۇچرىغان، تۇرمىغا سولانغان. بۇ ئالىمنىڭ شىيئەلەرنى تەنقىد قىلىپ يازغان كۆپ ئەسەرلىرى بار.



خۇلاسە شۇكى، ھازىرقى ئىران ۋە ئىراقلاردىكى 12 ئىمام مەزھىبىدىكى شىيئەلەرنى ئازغۇن مۇسۇلمانلار دېيىش مۇمكىن. ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ھەق بىلەن باتىلنى، ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنى ئارىلاشتۇرۇپ دىندا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ مۇسۇلمانلار جامائىتىنى پىرقىلەرگە بۆلۈۋەتكەن. مۆمىنلەر تۇتقان يولنى تۇتماي، ئەسىرلەردىن بۇيان ئىسلام ئۈممىتىگە ۋابال بولۇپ كېلىۋاتقان زىيانلىق، سىياسى تائىپىدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.



پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.


مەنبە :   http://sajiye.org/viewsj.php?id=641


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 297
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7710
تۆھپە نۇمۇرى: 558
توردا: 3046 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 06:10:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۈشمەنگە نەپرەت بىلدۈرۈش ئۇ ئىنسان تەبىئىتى.كاپىرغا ئەنە شۇنداق جەڭگىۋار كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77436
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 06:26:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awatbag يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 11:42 AM
سادام ،كازافى ،ئەھمەد نىجاتلار بىزگە نىمە يامانلىق قى ...

ما گەپ جايىدا بوپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77436
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 06:33:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
WaRiS يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 06:15 PM
باللا ئېران دىگەن مۇسۇلمان دۆلەت دىگىنىىڭلا بىلەن ئۇد ...

ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەيلى، شىئە مەزھەپتە بولسىمۇ ئاللاھ بىر دەيدىغانلارنىڭ ئىچىدە كاپىرغا قارشى چىقالىغىنى شۇغۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش