tanha8866 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 01:42 PM
تۆمۈر كالا ئەپەندى ،سىز ياقۇپبەگ توغرىسىدىكى تارىخنى ...
ئىشقىلىپ سىز ياقۇببەگنى قانچىلىك چوڭ بىلسىڭىز مىنىڭ كارىم يوق،شۇ دەۋىردىكى تارىخنى ئوقۇپ قۇيۇڭ ئۇيغۇرلار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مانجۇلارنى يوقاتقان،ياقۇببەگ تەييارغا ھەييار بولدى خالاس.ئەنگىلىيە ئاخىرغىچە ياردىمىنى ئايىمىغان،روسىيەمۇ باشتا ياقۇببەگ ھاكىمىيتىنى قوللىغان بىراق ياقۇببەگ ئىقتىدارسىزلىق قىلىپ قوقەن ھۆكۈمرانىغا يەنى خۇدايارخانغا يازغان خىتى گوبىرناتور كالپاكوۋىسكىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىپ روسىيە ئاخىرىدا مانجۇلارنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىدى.شۇنداق قىلىپ بۇ روسىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان نەچچە ئەسىرلىك سىياسىتى بولۇپ قالدى،ئەمدى ئەنگىلىيگە كەلسەك ئەنگىلىيە ياقۇببەگ ھاكىمىيتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن شۇنچە كۈچىدى بىراق ياقۇببەگ ئۆزىدىن نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقكىتى ئوسمانلىلارغىلا ئىسلىۋىلىپ ئەنگىلىيگە ئىتىبار بەرمىدى ئاخىرىدا ئەنگىلىيە پۇل،روسىيە ئاشلىق بىلەن زوزۇڭتاڭنىڭ خۇنەن قوشۇنىنى تەمىنلەپ بۇ ياقۇببەگنى يوقاتتى،ئۇ ئۆز يىقىنلىرىنى مەنسەپكە تەمىنلەپ يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلارغا ئىتىبار بەرمىدى ۋە نىياز ھىكىمنى يىقىنى كۆرۈپ ئاخىرىدا شۇنىڭ قولىدا ئۆلدى خوتەندە ھاكىمىيەت ئۈچۈن 50 مىڭ قىرىندىشىمىزنى ئۆلتۈردى!شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆزبىكلەرگە ئىشەنمەس بولدى مىسالى يەرلىكلەرنىڭ ئىلىخان تۆرىگە قىلغان مۇئامىلىسى.قالغىننى نەبىجان تۇرسۇننىڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر دىگەن ماقالىسىنى كۆرۈڭ!خىلى تەپسىلى بايان قىلىنغان!