aㄒamaη يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 04:32 PM
مىنىڭ تاجىك ئاغىنىلىرىم خىلى بار،ئۇلار ماڭا كۈندە3 ۋا ...
بۇرادەرلەر بۇ يەردە مەزھەپ جۇداسى قىلىپ نىمە قىلىمىز. شىنجاڭدىكى تاجىكلار ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقتىن سىلەر دېگەندەك شىئە مەزھپىنىڭ ئىسمائىلىيە تارمىقىغا ئىتىقاد قىلىدىغانلىرىمۇ، ئۇيغۇر موللىلاردا ئوقۇپ سۈنئى مەزھىپىدە بولىدىغانلىرىمۇ بار. باشقىلارنىڭ ئىتىقادىغا باھا بىرىپ نىمە قىلىمىز؟ قىيامەتتە ھەر بەندە ئۆزىنىڭ ھالى بىلەن قالىدۇ. بەزى گەپلەرنى ئېغىزىم بار دەپ دەۋەرمىگۈلۈك. ئۆتكەن يىلى دوختۇرخانىدا بىر تاجىك ئاپاش كىرىپتىكەن، دوختۇرخانىدىكى بىر ساراڭ خوتۇن ئۆزىچە ئولتۇرۇپ بولالماي، سىلەرنى ئىشىك سۈتى ئىچىدۇ دەيدىكەن راستمۇ دەپ سورىۋىدى.ھىلىقى ئاپاش ئاچچىقلاپ: بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش مۇسۇلمان، قىبلىمىز، قۇرئانىمىز، پەيغەمبىرىمىز بىر، ئەجەبا سىلەر مۇشۇنداق گەپلەرنى دەپ بىزلەرنى ئاۋۇ ئاق پاقلاننىڭ گۆشىنى يەيدىغانلاردىنمۇ ئۆتە تۆۋەن كۆرسىلەر، مۇشۇمۇ سىلەردىكى مۇسۇلمانلىق؟ دېۋىدى، دوختۇرخانىدىكى ھەممىسىنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ خىجىللىقتا يا يەرگە كىرەلمەي، يا ئاسمانغا چىقالماي تۇرۇپ كەتتى. مەنمۇ ئۇ ئاپاشقا قائىل بولۇپ قالدىم.