تىيەنجىن ‹‹بۆرە لوڭقىسى ››ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى :
مەن ئەسلى بۇ مۇسابىقە ئەھۋالىنىمۇ بىر تىما قىلىپ يوللاي دىگەنتىم ، يەنىلا مۇشۇ يەرگە ئىنكاس قىلىپ يوللاي : 4-ئاينىڭ 16-كۈنى تىيەنجندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن ‹بۆرە لوڭقىسى › ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى ، بۇ مۇسابىقە تىيەنجىندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر يىلى 10-ئايدا ئېلىپ بارىدىغان ‹بۆرە لوڭقىسى › پۇتبول مۇسابىقىسىدىن باشقا يەنە بىر چوڭ پائالىتىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . تەكلىپكە بىنائەن : تىيەنجىن ئۇنۋېرستىتى ، نەنكەي ئۇنۋېرستىتى ، تىيەنجىن سودا ئۇنۋېرستىتى ، تىيەنجن سانائەت ئۇنۋېرستىتى ، تىيەنجىن پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتى ، تىيەنجىن مالىيە ئۇنۋېرستىتى ، تىيەنجىن تەبىئەت پەنلىرى ئۇنۋېرستىتى قاتارلىق ئون نەچچە مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن 10 كوماندا مۇسابىقگە قاتناشتى . بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى ، ‹قاناس رېستۇرانى ›قاتارلىق بىرنەچچە ئورۇن ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىدى .
پۈتۈن بىر كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقە نەتىجىسىدە تىيەنجىن ئۇنۋېرستىتى كوماندىسى چىمپىيوم بولۇپ چىقتى ، ھەم مۇكاپات بويۇمى ، چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئالدى . بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە تىيەنجىندىكى ئون نەچچە ئۇنۋېرستىتىن نەچچە يۈز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قەدەم تەشىرىپ قىلدى ، ئۇلادىن شۇنداق سۆيۈندۇق .
تىيەنجىندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ‹بۆرە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ›ۋە ‹بۆرە لوڭقىسى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى› نىڭ رولىدىن ئوبدان پايدىلنىپ ئىتتىپاقلىق ، دوسلۇق رىشتىمىزنى چىڭىتىشتا ئىزچىل تىرىشىپ كىلىۋاتىدۇ . مۇمكىن بولسا تىيەنجىندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر كوماندا تەشكىللەپ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر دوسلىرىمىز بىلەن بىرقېتىملىق دوسلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزسەك مۇشۇ ئىشنى ۋە ئەھمىيتىنى بېيجىڭدىكى دوسلار ئويلىشىپ كۆرسە .
تۆۋەندە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن قىسقىچە فىلىم ھوزۇرۇڭلاردا :
تىيەنجن ‹بۆرە لوڭقىسى ›ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-23 01:28 PM