بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسى بار بالىلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تىزىملىتىپ، تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇپ، بىلىم ئىگەللەپ كىرىشنى ئۈمىت قىلىمەن.
بىراق كاللامدىن ئۆتمىگەن بىر ئىش، تۈركىيە چەتئەللىك 3-4 مىڭ ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز ئوقۇتۈشنى پىلانغا ئالغانغا قارىغاندا، تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەن ئادەم قالماپتىما؟
بارلىق تۈركىيەلىك ياشلارنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ بولۇپ ياكى ئالىي مەكتەپ تەربىيسى كۆرمىگەن ياشلار زادىلا قالماي ئاندىن چەتئەلدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ ئوقۇتماقچىمىكەن‹؟
تۈركىيە زادى نىمە ئۈچۈن چەتئەللىكلەرنى ئوقۇتماقچى بولۇپ قاپتۇ؟
ئەگەر مەخسۇس ئۇيغۇرلاردىن مانچىلىك ئادەمنى جۇڭگۇغا ھەقىسز ئوقۇتۇپ تەربىيەلەپ بېرىدىكەن دىسە، ھـــــــــــە! دەپ كاللامدىن ئازىراق ئۆتكەن بولاتتى، بىراق بىكاردىن بىكارغىلا، بىر مۇنچە ئادەمنى يەنە كېلىپ چەتئەللىكلەرنى ھەقىسز ئوقۇتسا، ئاۋۇ تۈركىيەدىكى ئوقۇيالمايۋاتقان بالىلارنىڭ ۋە شۇ بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىنىڭ پىكرى يوقمىكەن؟
تېما ئىگىسى، كەچۈرۈڭ، مۇشۇ ئىشلار زادىلا كاللامدىن ئۆتمىدى. بىراق بۇ ئىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، رەھمەت!