مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qurighar

ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە بەرزەخ ھاياتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74611
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 665
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:06:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  1. 1- ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىشىگە دالالەت قىلىدىغان «ھەدىس» لەرنىڭ تەھلىلى
  2. ئەبۇلفاتىھ

  3. مۇقەددىمە

  4. ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئااللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
يۇقارقىلار مېنىڭ كۆز قارىشىم ئەمەس بەلكى    http://www.uighurislam.net/
تور بېتىدىكى تورداشلارنىڭ  دەلىلللىرى

http://www.uighurislam.net/forum ... 5%D9%8A%D8%B3%D8%A7

http://www.uighurislam.net/forum ... 9%D9%8A%D8%B3%D8%A7

http://www.uighurislam.net/forum ... 9%D9%8A%D8%B3%D8%A7

تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا يوللاپ قويدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 822
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1451 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:25:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qurighar يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 08:29 PM
?///////////////////////

تىمىڭىز بەك تېتىىق  چىقىپتۇ.ئاللاھ رزى بولسۇن.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 822
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1451 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:29:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aykarim يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 06:43 PM
1- ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىشىگە دالالەت قىلىدىغان « ...

ئىمكان قەدەر بىز مۇشۇنداق تىمىلاردا پىشقەدەم ئۇستازلارغا ۋە ئىلگىرىكى كىتاپلارغا مۇراجىئە قىلساق. چۈنكى  بۇ توغرۇلۇق ئىلگىرىكى ئالىملار تەتقىقاتىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ بولغان. تېخمۇ تىرىشىڭ.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5448
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5602
تۆھپە نۇمۇرى: 267
توردا: 1095 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:36:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ   !  ئالىمدۇر .

كاللام  توغرا قارار چىقىرىپ مىنى توغرا يولغا باشلايدۇ،يۈرۈكۈم خاتا يولغا  ،لېكىن نىمىشقىدۇ يۈرىكىمنىڭ باشلىغان يولىغا مېڭىپ قالىمەن .

جاپا چەككەنگە ئا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2521
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5962
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 9632 سائەت
تىزىم: 2010-6-12
ئاخىرقى: 2012-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:43:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74298
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:50:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ  ئاددى  بىر مۇنبەر  بىڭسىڭلار  بولسا  بۇ يەردە  تالاشماي، جۇڭگۇ ئىسلام  جەمئىيىتىگە،  ئەرەپ ئەللىرىگە ، بولسا  دىنىمىزنىڭ  بۆشىكى   سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ،  پۇخادىن چىققىدەك تالىشىۋالساڭلار قانداق؟  مۇشۇنچىۋالا  ماتېرىيالنى يازغىچىمۇ  نەچچە پەرز  نامازنىڭ ۋاقتىمۇ  ئۆتۈپ كەتكەندۇ .  ئۇلۇغ قانۇنىمىز،  نۇرلۇق ماياكىمىز،  «قۇرئان»  كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىمىزنىڭ  ئائىلىمىزدە  ئومۇملاشتى . بىزگىمۇ  ئاللاتائالا  ئۆزىمىزگە  «تۇشلۇق»  خۇددى  بەش قول  تەڭ  بولمىغاندەك  ئەقىل- پاراسەت  «تەقسىم»  ئەتتى . بىز ئىگەللەشكە  زۆرۈر بولغان ئىككىلا يول بار،  ئۇ بولسىمۇ،  «توغرا بىلەن خاتا»  قايسىنى تاللىۋىلىشىمىز  مېھرىبان  ئاللا  ئىگەمنىڭ  «ئىلكىدىكى» ئىش......   توغرا،  ئاللا ئىگەمنىڭ  ياراتمىشلىرىنى ئىنسان  بولغاندىن كىيىن  تەپەككۇر قىلماي بولمايدۇ.  ئۇلۇغ ئاللا  ئىگەممۇ  بىزلەرنى شۇنداق قىلىشقا  بۇيرىغان.  بىز قازى-كالام  بولمىغاندىن  كىيىن  كىچىككىنە  قىسقا ھاياتىمىزدا  پەيغەمبەرلەر ئاسماندىن چۇشەمدۇ، يەردىن چىقامدۇ ،  توڭگۇزلارنى پىچاقتا بوغۇزلامدۇ ،  ياكى كەتمەندە چانامدۇ ،  بىر يىلدا  چاناپ  بولامدۇ  ياكى مىڭ يىلدىمۇ  بۇنىڭغا  بىزنى سوتچىلىققا بۇيرىمىغاندىن كىيىن  ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە  تۇشلۇق توغرا  مۆھمىنلىك يولىمىزدا  ماڭالىساقلا مۇشۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئاللا ئىگەمگە چەكسىز  شۈكرى......  

ئۆتكەنگە سالىۋا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1279
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6402
تۆھپە نۇمۇرى: 265
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:58:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ   مەزمۇنلار    ئۈستىدە   مۇنازىرە   ئېلىپ   بېرىش   ياخشى   ئەمەس ،

چۇنكى    سىلەر    ئىلگىركى  يەھۇدى    ناسارا   لاردەك   ئىختىلاپ  قىلىشماڭلار
دەپ ئايەت  بار  .
دىن    ئۈستىدە   ئىزدىنىشكە   بۇلىدۇ   لېكىن   مۇنازىرە   قىلىشقا   بلمايدۇ.

مۇنازىرە    ئىختىلاپ   قا   باشلايدۇ   .ئىختىلاپ    بۇلسا   بۇلىنەشكە    سەۋەپ
بۇلىدۇ    گوروھۋازلىق    كەپ    چىقىدۇ    ئاخىرىدا   نىم   بۇلىدۇ  
باشقا   دىنسىز   لا    پايدىلىنىدۇ   ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

سەن  مەن  ئۈچۈن ئاللادىن نىمىنى  تىلىسەڭ ئاللا ساڭا شۇنىڭ ئون  ھەسىسىنى  بەرسۇن  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 11:38:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەنكى مۇنمەر ھاياتىمدا دائىم دېگۈدەك مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىيانلارنىڭ بەس مۇنازىرىسىنى كۆرۈپ تۇراتتىم. شۇ ۋاقىتلاردا خىرىستىيانلارنىڭ دەللىللىرىدىن  ئاجايىپ گاڭگىراپ قېلىش سەۋەبلىك ئېتىقادىمغا شەك كەلتۈرۈپ، دائىم دېگۈدەك غەم ئەندىشە ئىچىدە، كېچىسىمۇ تۈزۈكرەك ئۇخلىيالمىغان ئىدىم.  بۇرۇن قۇرئاننى ئوقۇسىلا ساۋاب بېرىدىغان چېغى دەپ پىكىر قىلمىغانلىقىم، ئىلىمسىزلىكىم  سەۋەبلىك باشقىلار پايدىلىنىپ كېتىپتىكەن. قۇرئانغا ئىچكىرلەپ كىرگەندە ئاندىن  ئۇ مۆئىمىنلەرگە شىپاھ بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنىشىمگە ۋە ھىدايەتكە باشلىغان ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار ئېيتىمەن.  مېنىڭچە بۇ يەردىكى بولىۋاتقان مۇنازىرىنى ئىختىلاپقا چىقىرىش پىكىر قىلىشنى توسقانلىق بولۇپ شۇنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە زىت ئىش.  بئىختىلاپ ھەرگىزمۇ ئۆز ئارا مۇنازىرلىشتىن چىقمايدۇ بەلكى بىلمەسلىكتىن چىقىدۇ. شۇڭا ئىختىلاپ قىلمايمىز دەيدىكەنمىز مۇشۇنداق سورۇندا دادىل ھالدا مۇنازىرلىشەلەيدىغان، مۇنازىرلەشكەندە كاللا قىززىمايدىغان ھەم پەتىۋا سوراش ئەمەس بەلكى شۇ ئىلىمنى ھەممە كىشى بىلىشى زۆرۈر. ئاندىن ئارىمىزدىكى پىتنە پاساتلار تۈگىشى مومكىن.
تېمىغا كەلسەك، مېنىڭ تېخى بۇنچىلىك ئىشلارنى ئويلىغۇدەك بىلىمىم يوق. مۇنازىرەڭلار مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئوقۇپ پىكىر قىلىشقا ئەرزىيدىكەن،  بىلمىگەن ئىشلارغا ئېسىلىشتىن قورقۇدىغان بوپ قالغاچ چۈشىنەلمىگەن يەرلىرىنى بىر ياققا چىرايلىق ئېلىپ قويدۇم، ھامان بىر كۈنى ئەز قاتىدۇ. شۇڭا بەزىلەرنىڭ تۇغان سېلىشلىرىغا  پىسەنىت قىلماي داۋاملىق مۇشۇنداق پىكىرلەردە بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kizzik99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-23 11:42 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 12:26:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aykarim يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 07:43 PM
1- ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىشىگە دالالەت قىلىدىغان « ...



بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئەبۇل فاتىھنىڭ قاراشلىرىغا رەدىيە

سىلەر ئەھلى كىتابتىن اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار بىلەن، اﷲ (ئۆزىنىڭ كىتابىدا) ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (سۈننىتىدە) ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام بىلمەيدىغانلار ۋە ھەق دىن (يەنى ئىسلام دىنى) غا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن، تاكى ئۇلار سىلەرگە بويسۇنۇپ خار ھالدا جىزىيە تۆلىگەنگە قەدەر، ئۇرۇش قىلىڭلار [29].
ئىسا ئەلەيھىسسالام زېمىنغا چۈشكەندە ئەھلى كىتاپلاردىن كىم ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلار؟...ئۇ ھالدا ئەھلى كىتاپلاردىن كىم  ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بىزگە يەتكۈزگەنلىرىگە قارشى تۇرالار؟...ئۇ ھالدا ئەھلى كىتاپلاردىن يەنە كىم جىزىيە تۆلەش شەرتىگە چۈشەر؟..ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كونرىتى مەسىھ تۇر، ئۇنىڭ كۆز نۇرى يەتكەن جايغا تېنىقىمۇ يىتىدۇ، تېنىقى يەتكەن يەردە كاپىر بولسا دەرھال ئۆلىدۇ، ئۇ ھالدا  ئىسا ئەلەيھىسسالام بارغان جايلاردا تەبىئىيلا جىزىيە ئەمەلدىن قالىدۇ.  ئىسا ئەلەيھىسسالام يەرگە چۈشكەندە جىزىيەنى بىرەر ھۆكۈم بىلەن ئەمەس، بەلكى  ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھلىقتا جانابى ئاللاھقا شىرىك قىلىش داۋاسىدا بولغانلارغا،  ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان سۈپىتىدە ئىسلامنى تەستىقلاپ چۈشىشى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار  ئىسا ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە دەرھال ئىمان ئەيتماي يەنە نىمە دەلىل تاپالىسۇن؟...ئۇ ھالدا جىزىيە ئىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى قالغاي؟..ۋە جىزىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بىرەر ھۆكۈم ئىلىشقىمۇ نە ھاجەت قالغاي؟...  
........................................
پەيغەمبەرلەرگە مۆجىزىلەر بىرىلگەن، «ئىسا ئەلەيھىسسالام شۇنچە كۆپ چوشقىلارنى قانداقمۇ ئۆلتۈرۈپ بولىدۇ؟..» دەپ سۇئال قويىشىڭىزدىن سىزنىڭ ئىلاھىي مۆجىزىلەرگە گۇمانىي قاراشتا ئىكەنلىگىڭىز مەلۇم، بەدىر غازىتىدا رەسۇلۇللاھنىڭ كاپىرلارغا قارىتىپ بىر ئوچۇم تۇپراقنى ئاتقانلىغىنى، كاپىرلارنىڭ شۇندىن كىيىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى قۇرئانى كەرىم بايانلىرىدىن بىلىمىز، سىزنىڭ ئېلمىڭىز بويىچە بولغىنىدا بۇمۇ مۈمكىن بولمايدىغان ئىشمىدۇر؟...
شۇنداقلا «ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چوشقىلارنى بوغۇزلىشى» كەلىمىسىنى ھىچقاچاندا بىر ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭلا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىدىغانلىقىغا دەلىل قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ، شۇنىسى ھەقىقەتكى ، پەيغەمبەرلەر ئىلاھى ھۆكۈمنى يەتكۈزىدۇ، بۇ يەتكۈزۈش بەزىدە ئاغزاكى، بەزىدە ئەمىلىي بولىدۇ، ئەمما بۇ ھۆكۈمنى تەستىق قىلغان باشقا مۆئمىنلەرنىڭ بۇ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشىنى دىققەتتىن تاشقىرىدا قالدۇرۇپ، خاسلا پەيغەمبەرلەرلا ئىلاھىي ھۆكۈمنى بىردىن بىر ئىجرا قىلغۇچى دەۋىلىش نادانلىقتۇر ۋە ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە خىلاپتۇر.
ھەدىسلەرنىڭ ھىچقايسىسىدا « ئىسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتىدە چۈشىدۇ» دىمىگەن، پەقەتلا « ئادىل ھۆكۈمران بولۇپ چۈشىدۇ» دىيىلگەن. سىزچە ھۆكۈمران بىلەن پەيغەمبەر بىر گەپمۇ؟...ئالاقىدار ھەدىسلەردە «كىرىستلارنى چىقىپ تاشلايدۇ» دىيىلگەن . چۈنكى كىرست ھەزرىتى ئىسانىڭ دەۋىتىنى بۇرمىلىغۇچىلارنىڭ باتىل ئىتىقاد سىمۋولىدۇر،  
............................................................................
ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى سىلەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى....16-سۈرە نەھىل،93-ئايەت .
يۇقارقى ئايەتلەردە سىز نەقىل ئالغاندەك «ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارنى مەڭگۈ بىر ئۈممەتتە قىلماسلىق»ئىغا دەلىل يوق، ئەكسىچە «خالىسا بىر ئۈممەت قىلىدۇ، خالىمىسا بىر ئۈممەت قىلمايدۇ، نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن بارلىق كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇپ، يەر يۈزىدە پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭلا توپان بالاسىدىن ئامان قالغانلىقىغا نىمە دەيسىز؟...مانا بۇ جانابى ئاللاھنىڭ توپان بالسىدا ئىنسانلارنى ئىسلامدا بىر ئۈممەت قىلغىنى ئەمەسمۇ؟..
جانابى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئىزچىل ھالدا ئىنسانلارنى بىر ئۈممەت قىلىش ئۈچۈن ئىسلامنى ئىنسانلارغا ئاشكارا دەۋەت قىلىپ كەلدى، ئىنسانىيەت ئىختىلاپلار بىلەن ھەقتىن يۈز ئۆرۈدى، جانابى ئاللاھ خالىسا بۇ ئىختىلاپلارغا كەسكىن خاتىمە بىرەلەيتتى، ئەمما قىيامەتكىچە تەخىر قىلدى، بۇنى قانداقمۇ جانابى ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى ھەقتە بىرلەشتۈرمەسلىگى دىگىلى بولسۇن؟...دىيىش توغرا كەلسە « جانابى ئاللاھ ئىنسانلارنى ھىدايەتتە بىرلەشتۈرۈشكە تەۋسىيە قىلغان دىنۇل ئىسلامغا كەلمىگەنلىگى سەۋەبىدىن ئىنانىيەتنىڭ تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈنىشىگە ھەلىملىك سۈپىتى بىلەن تەخىر قىلىشى» دىيىش كىرەك.چۈنكى ھىدايەتتە بىرلەشمەسلىكنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىنسانلار تاللىۋالدى، شۇندىمۇ جانابى ئاللاھ يەنە ئىنكارچىلارغا داۋاملىق ھەقنى تەۋسىيە قىلىپ پەيغەمبەرلەرنى يوللىدى. دىندا زولاش يوق، بۇ ئىلاھىي ھۆكۈم، لىكىن دېندا زورلاشىڭ بولماسلىقى ئىنساننىڭ ئىنسانغا دېندا زورلاش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىغا قارىتا ئىيتىلغان، بۇ ھەرگىزمۇ مىھرىبان ئاللاھنىڭ دېندا ياكى ھەقىقەتتە ، توغرىسى ئىنسانلارغا بولغان رەھمەتتە زورلاش خاھىشىنىڭ يوقلۇقىغا دەلىل بولالمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن مۆجىزىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ تىگىدىن ئالغاندا جانابى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى باتىلدىن ھەققە قايتىشقا دەۋەت قىلىش ۋە زورلىشىدۇر، جانابى ئاللاھ ھىچقاچاندا ۋە ھىچ بىر كالامىدا بەندىلەرنى باتىلغا ياكى دەۋزەخكە چاقىرمىدى ۋە زورلىمىدى، ئەكسىچە ئىسلامغا ۋە جەننەتكە چاقىردى، ھەتتا جانابى ئاللاھ نۇرغۇن بەندىلىرىنى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىدى، بۇنىڭ ئۆزى باتىلدىن، تاغۇتتىن ، دەۋزەختىن توسۇپ ، ھەقىقەتكە،دېنغا جەننەتكە زورلاش ئەمەس نىمە؟...شۇڭلاشقا دىندا زورلاش يوق دىگەن كەلىمىنى دىننى دەۋەت قىلغۇچىلارنىڭ، دىنغا دەۋەت قىلىنغۇچىلارغا قارىتا ئەيتىلغان ھۆكۈم دەپ چۈشۈنۈش كىرەك، ھەرگىزمۇ جانابى ئاللاھنىڭ ھەق دىنغا ئىنسانلارنى مەجبۇرلىمايدىغانلىقى دەپ چۈشەنمەسلىك كىرەك، رەسۇلۇللاھقا بىرىلگەن ئاينىڭ يىرىلىش مۆجىزىسىمۇ جانابى ئاللاھنىڭ مەككە مۇشرىكلىرىنى دىنغا زورلىشى بولماي نىمە؟..شۇ زورلاشقا قانچە كىشى ماقۇل دىدى ۋە قانچە كىشى قارشى چىقتى؟...ئىمان ئەيتمايدىغان قەۋمگە مۆجىزە ۋە زورلاشنىڭ ھىچقانداق ئۈنۈمى يوق، قۇرئانى كەرىمدىكى ئالاقىدار بايانغا ئاساسلانغاندىمۇ، ھەتتا دەۋزەختە قىينىلىۋاتقان كاپىرنى دۇنياغا قايتۇرغانىمۇ ، ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى ئازغۇنلۇقىدا ھاياتىنى داۋام قىلىۋىرىدۇ ،شۇڭا دىندا زورلاش يوق، زورلىغاننىڭمۇ ئىمان ئەيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى يوق!...
..............................................
مال-دۇنيانىڭ كۆپ بولۇشى ئىسا ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چۈشكەندە بولىدىغان ئالامەتتۇر، چۈنكى مۇشۇ زاماندامۇ ھەممە ئىنسان ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلىشكە ئىمان ئەيتسا ئىدى، دۇنيادا مال كۆپىيىپ كەتكەن بولاتتى، ھىچكىم ماللىرىنى توپلاپ يوشۇرۇۋالماستىن، بەلكى ئاشكارا قويغان ۋە بىرەرسىنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن سەرىپ قىلىنىشىنى ئارزۇلىغان بولاتتى.
زىمىندا پىتنە-پاسات تۈگىگەندە مال دۇنيا كۆپىيىدۇ، خۇددى مال دۇنيا كۆپەيسە زىمىندا پىتنە كۆپەيمىسۇن دەپلا جانابى ئاللاھ مال-دۇنيانى مەلۇم نىسبەتتە چۈشۈرگىنىدەك، ئىسا ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چۈشكەندىن كىيىن پىتنىگە ۋاقىتلىق ئورۇن قالمايدۇ، شۇڭا مال-دۇنيا كۆپىيىدۇ، ئاندىن كىيىن يەنە پىتنە-پاسات باش كۆتىرىدۇ.
........................
توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرۈش ئىسلامنىڭ ھۆكمى ئەمەس دىگەن قاراشقا ھەيران قالدىم، توپان بالاسىدىن كىيىن ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈشنى چەكلەش ئىسلامنىڭ ھۆكمى ئىدى، چۈنكى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تاكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە ھەممە پەيغەمبەر دەۋەت قىلىپ كەلگەن دىن ئىسلامدۇر. ئۇنداقتا توڭگۇزنى ئۆلتۈرۈشمۇ يەنىلا ئىسلامنىڭ ھۆكمى بولسا نىمە دەپ ئەجەپلەنەگلۈك؟...بۈگۈنكى دەۋردە توڭگۇز يىغى قىتىلمىغان يىمەكلىكلەردىن قانچىنى ساناپ بىرەلەيسىز؟..يۈز مايلىرى، سوپۇنلار، چىش پاستىسى،سۆڭەك يىلىمى قاتقان تۈرلۈك «مۇسۇلمانچە» ئىچىملىكلەر...ئەيتاۋۇر شۇنداق ياسالمىلاردىكى توڭگۇز مايلىرىنى سىز بىرمۇ بىر دەلىللەپ بىرەلەمسىز؟...جانابى ئاللاھنىڭ ھارامدىن چەكلەش پەرمانىغا ئاساسەن توڭگۇز مىيىنى يىمەكلىكتىن ئايرىپ تاشلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولىنىڭ توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىگىدىن نىمىشقا گۇمانلىنىسىز؟..
...................................
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە خۇتپە سۆزلىگەندە « مەن سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قالدۇرۇپ كىتىمەن،ئۇنىڭ بىرى ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئانى كەرىم، يەنە بىرى مىنىڭ سۈننەتلىرىم» دىگەن، سىز قەستەنگە «قۇرئانى كەرىم» دەپلا ئاپسىز، قارىغاندا سىز سۈننەتى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن ئوخشىمامسىز؟... مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە « مەندىن كىيىن خۇلۇفا ۋە راشىدلاردىن بولغان توغرا يولدا بولغۇچىلارغا ئەگىشىڭلار» دىگەن . شۇڭلاشقا بىز ئەھلى ئىسلاملار  ئىسلامچە جابدۇنۇۋالغانلارغا ئەمەس بەلكى، قۇرئانى كەرىم ۋە سۈننىتى رەسۇلۇللاھنى چىڭ تۇتۇپ ماڭغان خۇلۇفا ۋە راشىدلاردىن بولغانلار مەھدى-توغرا يول كۆرسەتكۈچىلەرگە ئەگىشىمىز .
..................
قۇرئانى كەرىمنىڭ نازىل قىلىنپ تامام بولۇشى بىلەن جانابى ئاللاھنىڭ ۋەھىيدىن ئىبارەت كاتتا نىئمىتى تامام بولدى، شۇنداقلا ئىسلام دېنىمۇ مۇكەممەل بايان قىلىندى. بۇنىسى ھەقىقەت، ئەمما بۇ ئايەتنى دەلىل قىلىپ ، جانابى ئاللاھنىڭ زېمىنغا ھىچقانداق بىر ئىلاھىي ھۆكۈمنى يىڭىدىن ئەۋەرتمەيدىغانلىقىنى داۋا قىلىش قۇرئانى كەرىمنىڭ ئايەتلىرىگە زىتتۇر، مىسال :
پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (زېمىنغا اﷲ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ [4]. 97-سۈرە قەدىر 4-ئايەت.
سىزچە يۇقارقى ئايەتتىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ زېمىنغا نىمە ئىشقا چۈشىدىغانلىقى بىلىنىدۇ؟...ياكى قۇرئان نازىل قىلىنىپ تامام بولغاندىن كىيىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چۈشمەمدۇ؟...ھالبۇكى بىز مۇسۇلمانلار قەدىر كىچىسىدە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چوقۇم چۈشىدۇ دەپ ئىتىقاد قىلىمىز، بۇ ھۆكۈم قۇرئانى كەرىم ۋە ھەدىسى رەسۇلۇللاھتا سابىت بولغان دەلىلگە ئاساسلىنىدۇ، ئۇنداق ئىكەن، سىزچە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام دېندا بىرەر كەمتۈكلۈكنى بايقاپ زىمىنغا چۈشىدىغان ئوخشىمامدۇ؟...ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كىيىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ زىمىنغا چۈشىشى سىزچە ئارتۇقچە بولۇپ قالغانمىدۇ؟...
...............................
ھەممە ئىنسان قىيامەتتنىڭ زور ئالامىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە قانداقمۇ بۇ دۇنياغا ئىشەنچ ۋە مۇھەببەت كۆزىدە قارىيالىسۇن؟...ئۇ زاماندا كىمنىڭ ئەتىنىڭ غىمى ئۈچۈن مال-دۇنيا توپلىغۇدەك ھالى بولار؟...مۇشۇ ھالەتتە يەنە كىملەر سەدىقە بەرمەي قولىنى يىغىۋالار؟..ۋە بۇ ھالەت داۋام قىلغان قىسقا مۇددەتتىن كىيىن يەنە كىملەر سەدىقىغە لايىق ھالدا نامرات قالار؟...
...............................
5 ـ سۈرە مائىدە
بىز ناسارامىز دېگەنلەردىنمۇ (اﷲ نى بىر دەپ تونۇشقا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشقا) مەھكەم ئەھدە ئالدۇق، ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى، (بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق، (شۇ چاغدا) اﷲ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ) [14].
يەھۇدىيلار: «اﷲ نىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (يەنى اﷲ بېخىلدۇر ياكى پېقىردۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلدە اﷲ نىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر، قانداق خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق بىلەن كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا دۈشمەنلىكىنى ۋە قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىنى زىيادە قىلىدۇ). بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان (رەسۇلۇللاھقا قارشى) ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، اﷲ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە (ئىسلامغا سۇيىقەست قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ [64].
سىز يازمىڭىزدا يۇقارقى ئايەتنى ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە بايان قىلىپ جانابى ئاللاھقا بوھتان قىپسىز!...
يازمىڭىزدا يەھۇدى ۋە ناسارالارغا قارىتا ئىيتىلغان« قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك»نى ، «بەزى ئىنسانلار ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك» دەپ بايان قىپسىز!..
ھەمدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىشى بىلەن ناسارالىق ۋە يەھۇدىيلىكنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەپتىن  قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىغا بەكلا يىقىن قالىدىغانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەپتىن پىرقىلەرنىڭ ئىسلامدا بىرلىشىپ ئىسلامىي قىرىنداشلىقتا يۇغۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئۇزۇن ئۆتمەي قايتىدىن قارشىلىشىش ۋە بۇزۇلۇشنىڭ بولىدىغانلىقىنى يۈزە چۈشەنگەندەك تۇرىسىز .
.......................
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زىمىنغا چۈشىشى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى « ئاھاد ھەدىس»كە چىقىرىپسىز، شۇنداقلا ئاھاد ھەدىسنىڭ قۇرئانى كەرىم ئايەتلىرىگە زىت كەلمىسىلا دەلىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى تەن ئاپسىز، ئۇنداقتا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زېمىنغا چۈشۈشى ھەققىدىكى ئاھاد ھەدىسلەر بىلەن قۇرئانى كەرىمنىڭ  7-سۈرە ئەئرافنىڭ 25-ئايىتىدىكى ئىلاھىي ھۆكۈمنىڭ نىمە زىتلىقى بار؟...ياكى سىزمۇ ناسارالاردەك ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنسان ئەمەس دەپ تۇرۇۋالامسىز؟...ئىسا ئەلەيھىسسالام ئادەم ئەۋلادى بولغان ئىكەن ئۇنىڭمۇ قىيامەتتىن بۇرۇن زىمىندا ئۆلۈپ زىمىندا دەپنە قىلىنىپ، قىيامەت قەييۇم بولۇپ 2-سۈر چىلىنغاندا يەنە شۇ زىمىندىن تىرىلىپ قوپمايدىغانغا نىمە ھەققى بار؟.... ياكى بۇ ھوقۇقنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا سىز بىرەلەمسىز؟...
جانابى ئاللاھلا بىردىن بىر ئىلاھ ۋە بىردىن بىر ھۆكۈمراندۇر!...ئاللاھۇ ئەكبەر!...
.............................
  يازمامغا قارشى چاپلىغان دەلىلىڭىزگە بىرمۇ-بىر كەلتۈرۈپ قاراشلىرىمنى چاپلاي دىۋىدىم، ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن ئۇنداق قىلالمىدىم، مىنىڭچە سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىز بىلەن مىنىڭ دىگەنلىرىمنى بىر ئوقۇپلا بىر بىرىگە باغلاپ چۈشۈنۈش مۈمكىندۇر. شۇڭا ئارتۇقچە زورۇقمىدىم، كەچۈرەرسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 11:17:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ يېڭىدىن ئىلىمگە كىرىشكەن ئادەم، ھەدىس ئىلمىنى تېخى كۆرۈپمۇ باقمىدىم. ئەمما بەزى قۇرئان كەرىمگە زىت كېلىدىغان ھەدىسلەرمۇ بار ئوخشايدۇ، ئەشۇنداق ھەدىسنى ئاسانلا ئىنكار قىلغۇم كېلىدۇ. قايسى كۈنى بىر بۇرادىرىمنىڭ ئېيتىشچە بىر كىشى بىلمەستىن كىيمى نىجاسەت يوقۇپ قېلىپ ناماز ئوقۇغان سەۋەبلىك دوزاقتا سەكسەن يىل ئازابلانغانلىق ھەدىس بارمىش. بۇنى ھەدىس ئەمەس بەلكى ياراتقۇچىغا قىلىنغان تۆھمەت دەپ چۈشىنىپ تۇردۇم. كېيىنچە كۆرۈپ تەھلىل قىلارمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش