Abdul يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 08:02 PM
مەمۇرلۇق ئىمتىھاننى ھىچكىم بېرىسەن دەپ زورلىمايدۇ ، ...
نىمىشقا ھىچكىم زورلىمىغۇدەك؟ نۇرغۇن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن دوستلىرىمىز ئاتا ئانىسىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئىمتاھانغا قاتنىشىپ ئۆتەلمەي ئاتا ئانىسى ئۇنىڭدىن نارازى بولۇپ ئاتا بالا ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىقلارنى سىز كۆرمىگەن ئوخشايسىز.
شۇ ئىكىكى ئۈچ پەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتۈن ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى بەلگىلەپ قويىدۇ، خۇلۇم خوشنىلىرى، ئۇرۇق تۇققانلىرى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپتۇ، ياكى ئۆتەلمەپتۇ، مەكتەپتە ياخشى ئوقىماپتۇ دەپ بىلىدۇ، مەن بىلەن تولۇق ئوتتۇرىدا بىللە ئوقىغان ،دەرىستە ئەڭ ياخشى ساۋاقداشلىرىم ئاتا ئانىسىنىڭ، پالانىمۇ ئالىي مەكتەپتە مانچە يىل ئوقۇپ كىلىپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي ، ئۆيىدە ئولتۇرىۋاتمامدۇ، سەنمۇ پۇلنى بۇزغۇچە ئۆيدە ئولتۇر ياكى ھۈنەر ئۈگەن دەپ نۇرغۇن تالانىت ئىگىلىرىنى بوغۇپ قويىۋاتىدۇ . . .