xahmardan يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 04:03 PM
توۋا ئايالىم راستىنلا قىز تۇغدى مەن ئەمدى 17 يىلدىن كىي ...
ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى مۇنەۋۋەر ئابلەتنى بىلىسىزغۇ دەيمەن، شۇ ئاپاشنى تەڭرىتاغ گۈلزارىمۇ ئىشقىلىپ بىر پىروگىراممىدا زىيارەت قىلغاندا ئىيىتقان مۇنۇ سوزلىرى ھازىرغىچە ئىسىمدە:
دوختۇرلار مىنى ئاخېرقى باسقۇچقا بىرىپ قاپسەن، نەچچە ئايلىقلا ۋاقتىڭ قاپتۇ دىگەن ئىدى، مەن قىلچىلىك ئۈمۈتسىزلەنمەي چوقۇم ياشايمەن ئۇنداق تىز ئۆلۈپ كەتمەيمەن دىگەن ئىدىيەدە كىسەلللىك بىلەن ئىلىشىپ قەيسەرلىك بىلەن ياشىدىم، مانا شۇ ئىشلارغىمۇ نەچچە يىل بوپ كەتتى تېخىچە ھايات تۇرمامدىم.
يەنە بىر مىسال :
ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر جىنايەتچىگە مۇنداق تەجېربە ئىشلىنىپتۇ.
ساقچىلار بىر قاچا سۇنى جىنايەتچىگە بىرىپ، بۇ سۇدا ئۆتكۈر زەھەر بار، سەن سۇنى ئىچسەڭلا ئۆلىسەن، ساڭا بىرىلگەن جازا مۇشۇ زەھەر سېلىنغان سۇ بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ دەپتۇ.
جىنايەتچى سۇنى ئىچىپلا ئۆلۈپ قاپتۇ، ئەمەلىيەتتە سۇدا زەھەر يوق، پاكىز سۇ ئىكەنتۇق.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولۇدۇكى، پىسخىكا ئامىلى ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، قارىماققا مەن مىسال ئالغان ئىشلار سىز ئىيىتقان «تەقدىر ئۇدۇمى»غا يىقىن كەلمىگەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، سىزدە كۆرۈلۈۋاتقان پىسخىكىلىق مەسىلىلەرگە تازا ماس كىلىدۇ.
سىزنىڭ پىسخىكىڭىزدا ھازىردىن باشلاپ قىزىم 17 ياشقا كىرگەندە چوقۇم ئۆلىمەنغۇ دىگەن ئىدىيەلا بولىدىكەن، شۇ ۋاقىتقىچە بارلىق ئەزالىرىڭىز تەييار بولغاچ تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا ئارتۇقچە خىياللارنى قىلماي پىسخىكىڭىزنى تەڭشەڭ، ئۈمۈدۋار بولۇڭ، كىسەللىك ۋە ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىمۇ ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنىڭ ئاكتىپ ياكى پاسسىپلىقىغا زور باغلىنىشلىق.