مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: loituma

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20848
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3402
تۆھپە نۇمۇرى: 261
توردا: 1574 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 01:40:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بۇنىمۇ ئوقۇپ باققايسىلە





ھەدىس شەرىپكە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىش مۆجىزىسى
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىكنىڭ دەلىل - ئىسپاتلىرى سۈپىتىدە پەيغەمبىرىنى ئۇممىتى ئىچىدە بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان بەزى ئىشلاردىن ئالدىن خەۋەردار قىلغان بولۇپ، كېيىن بۇ ئىشلار خەۋەر بېرىلگىنىدەك روياپقا چىققانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "سىلەرنىڭ بىرىڭلار كارىۋىتى ئۈستىدە ئولتۇرغاندا، مېنىڭ ھەدىسلىرىم يىتىپ كەلسە: ئاللاھنىڭ كىتابى كۇپايە، ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال تاپقانلىرىمىزنى ھالال، ھارام تاپقانلىرىمىزنى ھارام، دەپ بىلىمىز، دەيدىغانلىقى يەقىندۇر". [تىرمىزى رىۋايىتى]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدىكى ھەدىستە قۇرئان كەرىم كۇپايە قىلىدۇ، دەپ داۋا قىلىپ، ھەدىس شەرىپكە ئىنكار قىلىدىغان، ھەقىقەتتىن ئازغۇچى ۋە ئازدۇرغۇچى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ، مانا بۇ ھەدىستە خەۋەر بېرىلگەندەك، ئۆزلىرىنى قۇرئانچىلار، دەپ ئاتىۋالغان بىر تۈركۈم يالغانچىلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: "بىرىڭلارنى كارىۋىتى ئۈستىدە يۆلىنىپ ئولتۇرغاندا، مېنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىم يىتىپ كەلسە: بىز بۇنى بىلمەيمىز، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىمىز، دېگەنلىكىنى تاپمىغايمەن"، دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
ئۇستاز ئابادى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ئىش روياپقا چىقىپ، مۆجىزە نامايان بولدى. ھىندىستاندىن ئۆزىنى قۇرئان ئەھلىگە نىسبەت بېرىدىغان بىر كىشى ئوتتۇرىغا چىقتى. ۋاھالەنكى، ئۇنىڭ بىلەن قۇرئان ئەھلىنىڭ ئارىسى ناھايىتىمۇ يىراق بەلكى ئۇ مۇرتەد، دىنسىزلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئۇ بۇرۇن ياخشىلاردىن بولۇپ، كېيىن شەيتان ئازدۇردى، دېگەن. [ئەۋنۇل مەئبود شەرھى ئابۇ داۋۇد].

ھەدىسكە ئىنكار قىلغۇچىلار ھەدىسكە تۈرلۈك شەك - شۈبھىلەرنى پەيدا قىلىپ، ئۆزلىرى پەيدا قىلغان شەك - شۈبھىلەرنى ھەدىسنى تەرك ئىتىشنىڭ ۋە ئۇنى ئىسلام قانۇنچىلىقىنىڭ مەنبەسى دەپ قارىماسلىقنىڭ كەسكىن دەلىلى، دەپ داۋا قىلىشتى. ئۇلارنىڭ غايە - نىشانى ئىسلام ئۇممىتىنى پارچىلاپ ئىسلامنى يوقىتىشتۇر. ئۇلار پائالىيەتلىرىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى قۇرئانغا نىسبەت بېرىپ، "ئەھلى قۇرئان" ۋە "قۇرئانچىلار" دېگەن پەردىنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنىۋېلىشقا ئورۇنغان بولسىمۇ لېكىن ئۆلىمالار ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، باتىل شەك - شۈبھىلىرىگە ۋاقتىدا رەددىيە بېرىپ كەلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئاگاھ بولۇڭلاركى، ماڭا قۇرئان كەرىم بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئوخشىشى ئاتا قىلىندى"، دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىسلەر ئارقىلىق ھەدىس شەرىپنىڭ ئاللاھنىڭ ۋەھيسى بولۇپ، ئىسلامنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى ھېسابلىنىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر قائىدىنى ئۆگەتكەن ۋە ئۇممەت ئىچىدە قۇرئان كەرىملا كۇپايە، دەپ داۋا قىلىپ، ھەدىس شەرىپكە ئىنكار قىلىدىغان، دىنىي ئىلىملەردىن خەۋەرسىز بىر تۈركۈم نادان مۇتەكەببىرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇلاردىن ئاگاھلاندۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   End تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 01:44 AM  


ئۆتمە نامەرت كۆرۇكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ، يىمە نامەرت ئاشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۇرسىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77848
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1733
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:11:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
End يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 01:40 AM
بۇنىمۇ ئوقۇپ باققايسىلە

ياخشى پارچىكەن..مۇمكىن بولغان بولسا بۇنى تېما قىلىپ يوللىغان بولسىڭىز،تېخىمۇ جىقلار كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولاكەن...رەخمەت.جاپا چېكىپىسز....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2183
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 04:26:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەخمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2183
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 04:26:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەخمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65274
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 196
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 793 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 04:30:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمان ئاياللىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن .

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 890
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4023
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 2660 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 12:23:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
loituma يوللىغان ۋاقتى  2012-4-24 04:23 PM
مەنمۇ شۇنداق دەپ ئاڭلىدىم..شىئە بىلەن بىز سۈنى مەزھەپ ...

ئەشۇنداق دەيدىغانلار بەك ئازساندىكىلەر لىكىن شىئەلەرنىڭ كۆپراقى ئىتقادى جەھەتتە بەزى تەرەپتىن ئوخشىمىغان بىلەن لىكىن ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىمىزگە بولغان ئىتقادىدا پەرىق يوق

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ھەزرىتى ھەق سۇبھ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24260
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6222
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 01:52:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىما .... ئۇلۇغ ئاللاھ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى دەۋزىخىدىن ئازاد قىلغاي ، ئامىن ...

ھەر بىر تىنغان تىنىقىمدا ئاللاھ قا شۈكرىلەر بولسۇن !!!...

ئەتە-مەن ئۈچۈن چ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1820
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3995
تۆھپە نۇمۇرى: 272
توردا: 742 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 05:05:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىلنىڭ ئىسىلىنى يوللاپسىز. مۇنبەردىكى نۇرغۇن ئازغۇنلۇق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىۋاتقان كىشىلىرىمىزنى ئارزاق بولسىمۇ سەگىتكەن بولسا ئىدى تېما يوللىغۇچىنىڭمۇ ھاردۇقى چىقاتتى.
تېمىڭىزغا رەھمەت. اللاھ ھەممىزگە ئاسايىشلىق بەرگەي!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26921
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3109
تۆھپە نۇمۇرى: 203
توردا: 5443 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 07:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئېى ئاللا بىزنى شۇنداق ئازاپلىرىڭدىن ساقلىغىن.سەن ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىباندۇرسەن.بىزنى  ھىدايەت يولىغا باشلىغىن ئامىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24603
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3079
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 10:19:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا ،
دىلىمىزغا ئىمان، ئىنساپ، شەرمى، ھايا ئاتاقىلىشىنى، بىزنى ئەپۈ قىلىشنى تىلەيمەن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش