مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: izqel

AMWAY ئامەتمۇ ياكى ئاپەتمۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 892
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3004
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 901 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:21:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلاشلارغا قارغاندا يەھۇدىلارنىڭمىش ...........................  قايسى كۈنى ئۇرۇمچىدىكى بىر مەسچىتتە ئەمۋاي نىۇسكىن دەيدىغان مەسھۇلاتلارنى ساتساق بۇلامدۇ دىگەن سۇئال چۇشۇپتىكەن ..... بىر مۇنچە چۇشەندۇرۇپ......................(ئۇ ئالدىنقى قاتاردىكى دىنى ئالىمىمىز جۇمۇ ئۇرۇمچىتىكى بىر مەسچىتتە جۇمە كۇنى تەبلىغ قىلىدۇ.................)................ئەگەر ئۆلۈپ قالدىغان ھالەتكە چۇشۇپ قالاي دىسەڭلەر ساتما دىمەيمىز بولمىسا دۆلىتىمىزنىڭ مەسھۇلاتلىرى بولغاندىكىن شۇنى سېتىڭلار دىدى... تەپسىلى يازمىدىم ۋاختىم بەك قىس ئىشقىلىپ ساتماڭلار...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
OMAR0998 + 68 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 68   باھا خاتىرىسى

چەكلەنگەن ئەزا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78512
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3900
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:22:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمۋاينىڭ سېتىش ئۇسۇلى ھەقىقەتەن قالتىس!!!

چەكلەنگەن ئەزا   سۆز قىلىش چەكلەندى!   قۇلۇپلانغان
تەۋپىق ئىسلام تورى www.tewpik.com
kishi mini kishi dise`kishi bilen kishi Ishim ،kishi mini kishi dimise`kishi bilen nime Ishim~
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 955
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6831
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:26:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

جاپا ئىچىدە ھالاۋەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 1160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9833
تۆھپە نۇمۇرى: 753
توردا: 5002 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:27:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەل ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان نەرسىلەر باردەك ھېس قىلدىم .

ئەجىرگە تۇشلۇق نەتىجە چىقىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35357
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7899
تۆھپە نۇمۇرى: 619
توردا: 2777 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:34:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىمۇ نىيۇسكىنغا ئەزا بۇلۇڭ دەپ يىغىنغا ئاپارغاندى بىر يىقىنىم ئۇ دەرەسلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق قىززىپ كەتتىم خۇددى پات ئاردىلا  ئۇزۇمنى مىليونىر  بۇلدىغاندەك ھىس قىلدىم ، ئادەم قىززىقتۇرۇشتا گەرچە ئامۋاي جۇڭگۇغا بۇرۇنراق كىرگەن بولسىمۇ لىكىن نىيۇسكىندىكىلەرنىڭ قۇلغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىكەن ئەمەسمۇ ؟...................................

نىتىڭىز خالىس ئەمىلىڭىز سالىھ بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7418
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1930 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:41:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ihsan0903 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-24 08:34 PM
مىنىمۇ نىيۇسكىنغا ئەزا بۇلۇڭ دەپ يىغىنغا ئاپارغاندى ب ...

نىيۇسكىننىڭ مەسسۇلاتلىرىنى بەك ياخشى دەپ داڭلاپ كەتسە مەن ئىشەنمەيمەن، چۈنكى مەن ئىشلىتىپ باققان، ئادەتتىكى مەھسۇلاتلاردىن ھىچ قانچە پەرقى يوق.
بەلكىم ھەممە ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ئۆخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، بەزى يولداشلارغا ماس كىلىپ قالغان بۇلىشىمۇ مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26361
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:44:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتتە بۇ شېركەتلەر بىۋاستە سېتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان، يەنى توپ سېتىش سودىگەرلىرىگە بەرگەن پايدىنى ئۆزىگە ئەزا بولغان بىۋاستە ساتقۇچى خادىملارغا بەرگەن. سىز بىۋاستە مال ئالسىز، مەلۇم نىسبەتتە چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، ساتقاندىن كېيىن پايدىسى قالىدۇ.
ئەسلى ياخشى ئىشلار ئىدى، خۇددى يۇقىرىنىڭ سىياسەتلىرى تۆۋەنگە چۈشسە ئۆزگىرىپ كەتكەندەك، بۇ بىۋاستە سېتىش شېركەتلىرىنىڭ سودا پىرىنسىپلىرى تۆۋەنگە چۈشكەنچە ئۆزگىرىپ، بۇرمىلىنىپ كەتكەن. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەردە سەلبىي تەسىر قالدۇرغان.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:52:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامۋاينىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن  تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى كۆپرەك ئىلىتىمەن ، ماڭا بەك ياقىدۇ ،

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71953
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3376
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2011-12-26
ئاخىرقى: 2013-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 09:10:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خىل تىجارەتكە ئالىم-ئۆلىمالار بىردەك قارشى پىكىردە تۇرغان، ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئارىلىقتاراق، مۆتىدىل پوزىتسىيەدە بولغان. شۇڭا بىلمەي كىرىپ بىلىپ چىكىنگەن قېرىنداشلار نۇرغۇن....

ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشىدۇر!!!!

ئۈزىنى تونۇش_ئۆزلۈك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45130
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8807
تۆھپە نۇمۇرى: 2281
توردا: 2449 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 09:11:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامۋاينىڭ تىجارىتىنى قىلىش
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! جىمى ھەمدۇ-سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، ئەسھابىلىرىغا، شۇنداقلا تاكى قىيامەتكىچە ئۇ زاتقا ئەگەشكەن مۆئمىنلەرگە سالاملىرىمىز بولسۇن! ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭ ئۈممەت ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە بەرىكەت، ئائىلىلىرىگە خاتىرجەملىك بەرسۇن.

ئۇستاز دىيارىمىزدا ئەمۋاي (Amway) بىۋاستە سېتىش شىركىتىنىڭ تىجارەت دائىرسى ناھايىتى كەڭىيىۋاتىدۇ، ھەتتا بۇ سەپنىڭ ئىچىدە خىلى بىر قىسىم ئەھلى ئىلىم، ئۆلىما كىشىلەرمۇ بۇ تىجارەت ئارقىلىق كۈنى كۈن ئېتىۋاتىدۇ، ھەمدە بۇنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا كۈندە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇ تىجارەت ئۈچۈن مېڭىپ قويسا ئايدا بېرىلىدىغان پىرسەنتىمۇ خىلى يۇقىرى ئىكەن، قالغان ۋاقىتتا باشقا ئىشلىرىنى قىلىش ئىمكانىيتى تۇغۇلىدىكەن. ئامۋاينىڭ ئوزۇقلۇق، كاپسۇللىرىغا ئامېرىكا ئىسلام كومىتىتى ھالاللىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەنىكەن.

مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم: ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھالال بولغان تەقدىردىمۇ بۇخىل شەكىلدىكى (بىۋاسىتە سېتىش) تىجارەتنى قىلىش دۇرۇسمۇ؟ ئامۋاينىڭ تىجارىتىنى قىلىشچۇ؟ چۈنكى بىز ئامۋاي يەھۇدىلارنىڭ دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق. بۇ ھەقتە بىزگە يول كۆرسەتكەن بولسىلا.

جاۋاب:



ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ:



بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم





جانابى ئاللاھقا ھەمدۈ-سانالار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۈرۈت-سالاملار بولسۇن.





بىۋاسىتە سېتىش ياكى ئۇدۇل سېتىش ياكى تورسىمان سېتىش ياكى پىرامىدىسىمان سېتىش ياكى شاخلىتىپ سېتىش دېگەندەك ناملار ئاستىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئامۋاي ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان خېلى كۆپ شىركەتلەر بار بولۇپ، بۇ تۈردىكى تىجارەت يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇرۇن دەسلەپ قىلىپ ياۋروپا ۋە غەرب ئەللىرىدە پەيدا بولغان، كېيىن مۇسۇلمانلار دىيارلىرىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان.



بۇ تۈردىكى تىجارەتنىڭ بارلىق تۈرلىرى ھارامدۇر. بۇ ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئىقتىسادشۇناس فەقىھلەر، شۇنداقلا بەزى پەتىۋا ئورگانلىرى بىلەن فىقھى مەجمەئلىرى بەرگەن پەتىۋادۇر.




بۇ تىجارەتنىڭ ھاراملىقى تۆۋەەندىكىلەرگە ئاساسلانغاندۇر:



    1. بۇ تۈرلۈك مۇئامىلە نامەلۇم سودىنى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاش ئېتىپ سودىلىشىش ۋە نامەلۇم سودىنى قىلىشتىن توسقان.(سەھىھۇ مۇسلىم 1513-ھەدىس)



ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: "نامەلۇم سودىنى قىلىشتىن توسۇش ئېلىم-سېتىم بابىدا ئىنتايىن چوڭ ئاساسلىق بىر قائىدە ۋە دەلىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىگە نۇرغۇنلىغان ساناقسىز مەسىلىلەر كىرىدۇ، مەسىلەن: يوق نەرسىنى سېتىش، نامەلۇم نەرسىنى سېتىش، تاپشۇرۇپ بېرەلمەيدىغان نەرسىنى سېتىش، ئىگىلىكىدە بولمىغان نەرسىنى سېتىش.....بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىش باتىلدۇر، چۈنكى بۇ ئېھتىياج بولمىسىمۇ نامەلۇملۇقتۇر."(شەرھى سەھىھى مۇسلىم 10/156)



بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىدە ئەزا بولغان كىشى تەلەپ قىلىنغان سانغا يەتكۈزەلەمدۇ ياكى يەتكۈزەلمەمدۇ؟ بۇ نامەلۇم .



    2. بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىدە باشقىلارنىڭ ھېسابىغا باي بولۇش كۆزلەنگەن بولۇپ، ھەر بىر ئەزا بىرنەچچە خېرىدار (قۇربان) تېپىپ بېرىش ئارقىلىق پۇلغا ئېرىشىدۇ.



    3. بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىدە قىمار شەكىللىنىدۇ. چۈنكى ئەزا بولغان كىشى مال سېتىۋېلىپ باشقا ئەزالارنى توپلىيالىسا ئۇتۇپ، توپلىيالمىسا ئۇتتۇرغان ھېسابتا بولىدۇ. نەتىجىدە قىمارۋازنىڭ جازاسىغا لايىق بولىدۇ .



بەزى ياۋروپا ۋە غەرب ئەللىرى قانۇنلىرىدا جازانە بىلەن قىمارغا رۇخسەت قىلسىمۇ، بۇ تۈرلۈك پىرامىدا شەكىللىك سېتىش "نازارەتسىز قىمار" دىن ئىبارەت بولغاچقا، يەنە دۆلەت ئىقتىسادىغا زىيانلىق بولغاچقا بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىنى قانۇن چىقىرىپ چەكلىۋەتكەن.



    4. بىۋاسىتە ياكى پىرامىدا شەكىللىك سېتىشتا ئەسلىدىكى بىر ۋاسىتە بولغان ئېلىم -سېتىم غايىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، نەتىجىدە ھەر بىر خېرىدار ئەينى ۋاقىتتا ھەم ساتقۇچى ھەم بازارغا سالغۇچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ سودا-سېتىق تەبىئىتىگە، سودا-سېتىق يولغا قويۇلۇش ھېكمىتىگە زىت كېلىدۇ.



سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىي تەتقىقات ۋە پەتىۋا بېرىش دائىمى كومىتىتىنىڭ "بىزناس" قاتارلىق پىرامىدا شەكىللىك تىجارەت پائالىيىتى ھەققىدىكى تەپسىلىي پەتىۋاسىدا مۇنداق دېگەن: "بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىلەر ھارامدۇر، چۈنكى بۇ مۇئامىلىدىن مەقسەت تاۋار ئەمەس، شىرىنكانە ئېلىشتۇر".



"دېمەك: بۇ شىركەتلەر بازارغا سېلىۋاتقان تاۋارلار شېرىنكانە ۋە پايدىلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر باھانە ياكى پەردىدىن ئىبارەت. بۇ مۇئامىلىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى شۇ."



5. بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىدە جازانىنىڭ ئارتۇق ئالماشتۇرۇش جازانە ۋە نېسىدىن كېلىدىغان جازانىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى تۈرى تېپىلىدۇ. چۈنكى ئەزا بولغان كىشى ئاز مىقداردا پۇل تۆلەپ كۆپ پۇلغا ئېرىشىدۇ. دېمەك بۇ ئىككى بەدەلنىڭ بىرىنى كېچىكتۈرۈش ۋە ئارتۇق قىلىش ئارقىلىق پۇلغا پۇلنى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەمما شىركەت ساتقان تاۋار بولسا بۇ خىل ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن پەردىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەزا بولغۇچىنىڭ كۆزلىگىنى بۇ ئەمەس. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن بۇ تاۋار ھۆكۈمگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.



6. بۇ تۈرلۈك تىجارەت بازارغا سېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ باشقىلارنىڭ قىلغان سودىسىدىن شېرىنكانە ئېلىشنى شەرت قىلىپ مال سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت بولغاچقا ھەدىستە چەكلەنگەن: بىر سودىدا ئىككى سودىنى قىلماسلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ.



ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر سودىدا ئىككى سودىنى قىلىشتىن توسقان.(سەنەنى تىرمىزى 1231-ھەدىس)



شاخلىتىپ سېتىشتا ئىككى سودا بولۇپ، بىرى سېتىۋېلىش سودىسى، يەنە بىرى بېدىكچىلىك سودىسى. بۇ تۈرلۈك شەرت قىلىش ئادەتتە ئىككى تەرەپنىڭ بىرى بىرىدىن بىر خىل پايدىلىنىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: بازارغا سالغۇچىنىڭ سېتىلىدىغان تاۋاردا مەنپەئەتى يوق، لېكىن ئۇ بازارغا سېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىشقا مەجبۇر، شۇڭا بىر سودىدا يەنە بىر سودىنى شەرت قىلىش چەكلىنىدۇ.



7. بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىدە شىركەتلەر بېرىدىغان پۇل مۇكاپات دەپ ئاتالسىمۇ بۇ شەرىئەت مۇكاپات قائىدىسىگە زىت كېلىدۇ، چۈنكى مۇكاپات دېگەن ئىككى تەرەپنىڭ قايسىبىرى خالىغان چاغدا بىكار قىلىۋېتەلەيدىغان نەرسە، لېكىن شىركەتلەرنىڭ تۈزۈمىدە بىكار قىلىۋېتەلمەيدۇ.



8. بۇ تۈرلۈك تىجارەت ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: "كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس" دېگەن.(سەھىھۇ مۇسلىم 101-ھەدىس).





ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىتى تىجارەت فاكولتېتىدىكى ئىسلام ئىقتىسادى پروفېسسورى، دوكتور ھۈسەين شاھاتە مۇنداق دەيدۇ: "بىزناس ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان شىركەتلەر بىلەن پىرامىدىسىمان ياكى تورسىمان شاخلىتىپ سېتىش ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىش شەرئى جەھەتتىن جائىز ئەمەس. چۈنكى بۇ پائالىيەتتە نامەلۇملۇق بولۇپ، بۇ قىمار دائىرىسىگە كىرىدۇ. نەتىجىدە كىشىلەر چوڭ پايدا ئېلىشنى تەمە قىلىپ خېرىدار تېپىش بىلەن ئاۋارە بولۇپ كېتىدۇ، تاۋار بىلەن كارى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق شىركەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىمىز".



قاتار ئۇنىۋېرسىتىتى شەرىئەت فاكۇلتېتى فىقھى ۋە ئۇسۇل بۆلۈمى پروفېسسورى، دوكتور ئەلى مۇھيىددىين قاراداغى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ تۈرلۈك تىجارەت قىلىش مەسىلىسىدىن بىرقانچە قېتىم سورالغان ئىدىم، مەن چىقارغان يەكۈن شۇكى بۇ مۇئامىلە ئىسلام شەرىئىتى كۆرسەتمىلىرىگە تۆۋەندىكىلەرگە ئاساسەن ماس كەلمەيدۇ:



بۇ تۈرلۈك مۇئامىلە ئىسلام شەرىئىتى كۆزلىگەن تىجارەت ۋە مەبلەغ سېلىشلار ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي گۈللىنىشكە يۈزلىنىشتىن ئىبارەت بولغان مەقسەت-نىشانلارغا ماس كەلمەيدۇ. ئەكسىچە بۇ تۈرلۈك تىجارەت بىر گۇرۇپ پائالىيەتچان بېدىكلەر خېرىدار تېپىشتىن پايدىلىنىپ تاۋار سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مال-مۈلكىدىن نۇرغۇن بايلىق توپلىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. مەن بەزىلىرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ 200 مىڭ دىرھەم يانچۇقىغا سالىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.



بۇ تۈرلۈك مۇئامىلە كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بۇ ئىسلام شەرىئىتى كۆزلىگەن مەقسەت-نىشانلارغا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى كىشىلەر مۇشۇ تاۋارنى بازارغا سېلىشتىن ئېرىشىدىغان تىز پۇل تېپىش ۋە چوڭ بايلىق ئۈچۈن بۇ خىلدىكى تىجارەتكە يۈزلىنىدۇ، مەقسەت تاۋارنى سېتىۋېلىش ئەمەس.



بۇ تۈرلۈك تىجارەتنى مۇكاپات قاتارىدىن ساناشقا بولمايدۇ، چۈنكى مۇكاپات شەرتلىرى بۇ تىجارەتتە تېپىلمايدۇ، شۇنداقلا ئىش ھەققى ئېلىپ ۋەكىل بولۇش دېگىلىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل مۇئامىلىنىڭ تېگى ئىسلام شەرىئىتىگە مۇخالىپتۇر".



راجىھىي بانكىچىلىق شىركىتىنىڭ شەرئىي نازارەت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، ئىسلام ئىقتىسادى مۇتەخەسسىسى دوكتور سامى سۇۋەيلىم تەييارلىغان بىر تەتقىقاتتا مۇنداق يۈكۈنلىگەن: " بۇ تۈرلۈك بازارغا سېلىش كىشىلەرنى ئالداش ۋە گوللاش شەكىللىرىدىن بىرىدۇر".



مىسىر مۇفتىسى دوكتور ئەلى جۈمئە مۇنداق دەيدۇ: " بۇ تۈرلۈك تىجارەت قىماردىن ساختىپەزلىككە يېقىنراق، ساختىپەزلىكمۇ، قىمارمۇ ھارامدۇر".



دوكتور سامى سۇۋەيلىم مۇنداق دەيدۇ: "بۇ شىركەتلەر ياكى بۇ شىركەتلەرگە ئەزا بولغانلار بەزى ئالىملاردىن جائىز دەپ پەتىۋا ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئالىملارغا پائالىيەتلىرىنى بېدىكچىلىكتىن ئىبارەت دەپ چۈشەندۈرگەن، ئەملىيەتتە ئۇلارنىڭ قىلغىنى بېدىكچىلىك ئەمەس، چۈنكى بېدىكچىلىك دېگەن بىرەر تاۋارنى سېتىش ئارقىلىق شېرىنكانە ئالىدىغان كېلىشىم بولۇپ، پىرامىدىسىمان سېتىشتا بازارغا سالغۇچى بازارغا سالغۇچى بولۇش ئۈچۈن پۇل تۆلەيدۇ، مانا بۇ بېدىكچىلىكنىڭ ئەكسى. يەنە تېخى پىرامىدىسىمان سېتىشتىن مەقسەت بىرەر مال ياكى تاۋار ياكى خىزمەت سېتىش ئەمەس، بەلكى يېڭى بازارغا سالغۇچىلارنى تېپىش، ئاندىن يېڭى بازارغا سالغۇچىلارمۇ يەنە باشقا يېڭى بازارغا سالغۇچىلارنى تېپىش..... مۇشۇنداق كېتىۋېرىدۇ. بۇ تۈرلۈك زەنجىرسىمان تۇتۇشۇپ مېڭىش ئايىغى يوق ھالەتتە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەس، دېمەك بۇ ئاخىرى بېرىپ بىر نوقتىدا توختىماي چارە بولمىغاچقا، بۇ تۈرلۈك زەنجىرسىمان مۇئامىلە باتىلدۇر، لېكىن بېدىكچىلىك ياكى ئادەتتىكى بازارغا سېلىش مۇئامىلىسىدە بۇ تۈرلۈك زەنجىرسىمانلىق يوق. شۇڭا بۇ ئىككىسىنى باراۋەر دەۋېلىش خۇددى سودا-سېتىق بىلەن جازانىنى باراۋەر دەۋالغانغا ئوخشاشتۇر.".



"خۇلاسە: پىرامىدىسىمان سېتىش باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش، باشقىلارنى ئالداش ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر، چۈنكى بۇ تۈرلۈك زەنجىرسىمان تۇتۇشۇش ئايىغى يوق داۋاملىشىپ كېتەلمەيدۇ. توختاپ قالغىنىدا نەتىجە ئاز سانلىق كۆپ سانلىقنىڭ زىيان تارتىشى ھېسابىغا پايدا ئېلىش بولىدۇ. توختاپ قالمايدۇ دەپ پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ ئۈستۈن تەبىقىدىكىلەر ئاستىن تەبىقىدىكىلەرنىڭ زىيىنى بىلەن نۇرغۇن پايدا ئالىدۇ، دېمەك توۋەن تەبىقىدىكىلەر ئىزچىل زىيان تارتىدۇ، بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىنىڭ جائىز بولۇشى ئۈچۈن تاۋارنىڭ ئوتتۇرىغا كىرىشى كار قىلمايدۇ، بەلكى تېخى بۇنىڭ بولۇشى بۇ تۈرلۈك تىجارەتنى ھارام قىلىنغان ھىلە-نەيرەڭلەر قاتارىدىن قىلىۋېتىدۇ."



يۇقىرىقىلار ئىسلام ئىقتىسادى مۇتەخەسسىلىرى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ يەكۈنلىگەن خۇلاسىدىن ئانچە-مۇنچە كېسىپ ئېلىنغان پارچىلار بولۇپ، بۇلار بۇ تۈرلۈك تىجارەتنىڭ ھاراملىقىغا قانائەت ھاسىل قىلىشتا كۇپايىدۇر. شۇڭا ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ تۈرلۈك تىجارەتتىن يىراق تۇرۇپ، پاك، ھالال يېيىشكە ھېرىسمەن بولۇشى، باشقىلارنىمۇ، ئۆزىنىمۇ ئالدىماسلىقى زۆرۈر. بولمىسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاقىۋىتى يامان بولىدۇ.



ئەمدى ئامۋاي شىركىتىگە كەلسەك، بۇ شىركەت ئامېرىكىدا قۇرۇلغان، ئامېرىكا يولى دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بىلەن ئاتالغان. 1971-يىللاردىن تارتىپ ئاۋسترالىيە، ياۋروپا، ياپۇنىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە پائالىيەت قىلىشقا باشلىغان. جۇڭگۇغا 1995-يىلى كىرگەن. 1998-يىلى شاخلىتىپ سېتىش قانۇنسىز پائالىيەتلەر چېكىدىن ئېشىپ كەتكەچكە قالايمىقانچىلىق ۋەقەلىرى چىقىپ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتنىڭ پائالىيىتىنى شۇنداقلا بارلىق بىۋاسىتە سېتىش شىركەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىۋەتكەن، بىر مۇددەت پائالىيىتى چەكلىنىپ كېيىن 2005-يىلى جۇڭگو بىۋاسىتە سېتىش يېڭى قانۇنلىرىنى چىقارغاندىن كېيىن ئامۋاي شىركىتى قايتا پائالىيەت قىلىش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، جۇڭگو 2008-يىلى ئامۋاي شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلانغان. ئامۋاي شىركىتىنىڭ 2011-يىللىق باياناتىغا قارىغاندا ئامۋاي شىركىتى 80 گە يېقىن دۆلەت ۋە ئىقلىمدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. 1990-يىلدىن بۇيان ئامۋاي شىركىتى ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىسىغا نەچچە مىليونلاپ پۇل بېرىپ ئەڭ چوڭ ماددى ياردەم قىلغانلار قاتارىدا ئورۇن ئالغان.



دىنىي جەھەتتىن ئامۋاي شىركىتى يەھۇدىيلار قولىدا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغان، ئامۋاي شىركىتى شىركەت ئىچىدە ئادەتتە رادىكال خرىستىئانلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشىپ تۇرىدىكەن. تاۋارلىرىدا ئىنجىلدىن كېسىپ ئېلىنغان ئىبارىلەر كۆپ ئىشلىتىدىكەن. شىركەت خوجايىنلىرىدىن بەزىلىرى ئىنجىل فىلىملىرى دېگەندەك رادىكال خرىستىئانچىلىق تەرغىباتى كىنو سىتوديىلىرىغا ئەزا ئىكەن. دېمەك دىنىي جەھەتتىن خرىستىئان تەرغىباتىنى ياقىلاش پۇرىقى بار شىركەت ئىكەن.



قانۇنى جەھەتتىن ياۋروپا، ھىندىستان ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئامۋاي شىركىتىگە قارشى كۆپ دەۋالار ئېچىلغان بولۇپ، سوت مەھكىمىلىرى ھۆكۈم چىقارغان. بىر مىسال: ھىندىستاندا ئامۋاي شىركىتى 56 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەشكە ماقۇل بولغان. مانا بۇنداق تۆلەملەر ئامۋاي شىركىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان پىرامىدىسىمان تىجارەت ئۇسۇلىنىڭ ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئۆزى ئېتىراپ قىلغانلىق دەپ قارىلىدىكەن. كانادا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردە ئامۋاي شىركىتى باج تۆلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى ئۈچۈن سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن مىليونلاپ تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغان. بەزى دەۋالاردا ئەڭ ئۈستىدىكى يىگىرمە كىشىنىڭ تولۇق پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقى، باشقىلارنىڭ زىيانغا ئچۇراپ كېتىدىغانلىقى جەھەتتىن بۇ شىركەت ئالدامچىلىق بىلەن قارىلانغان. بەزى جايلاردا دىنى سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.



ئومۇمەن ئامۋاي شىركىتىنىڭ تاۋارلىرى نىجىس ياكى ھارام ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالسۇن ياكى ئالمىسۇن، دىنىي جەھەتتىن يەھۇدى تېگى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، تىجارەت ئۇسۇلى ھارام بولغاندىن كېيىن بۇ تۈرلۈك تىجارەتكە قاتنىشىش، ئەزا بولۇش، باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ ئەزا قىلىپ ئۇنىڭدىن پايدا ئېلىش قىلمىشلىرى ھارام بولىدۇ.



ئەقەللى تەقدىردە بۇ مۇئامىلىنى شۈبھىلىك دەپ قارىساقمۇ شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ساقلىنىش، دىنىمىزنى، كىرىمىمىزنى پاك تۇتۇش لازىم.



نۇئمان ئىبنى بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھالال ئىشلارمۇ ئېنىق، ھارام ئىشلارمۇ ئېنىق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قالغان شۈبھىلىك ئىشلار بار، ئۇ ئىشلارنىڭ ھۆكمىنى نۇرغۇن ئادەملەر بىلمەيدۇ، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ھەزەر قىلغان ئادەم دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى پاك تۇتقان بولىدۇ، شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلغان ئادەم چېگرا چۆرىسىدە پادا باققۇچى پادىچىغا ئوخشايدۇ، پادا چېگراغا كىرىپ قىلىشى مۇمكىن، ھەر پادىشاھنىڭ بىر چېگراسى بولىدىغۇ؟ ئاللاھنىڭ زېمىنىدىكى چېگراسى ئاللاھنىڭ ھارام قىلىپ بېكىتكەن ئىشلىرىدىن ئىبارەت، قۇلاق سېلىڭلار! ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسا قەلبدىن ئىبارەت».(سەھىھەين: بۇخارى 2-ھەدىس. مۇسلىم 1599-ھەدىس)



ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانلارغا زىيان ئۇرۇۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنىڭ ئۆزى ئالىملار چەكلىگەن بىر ئىشتۇر.




جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ھالال رىزققا مۇيەسسەر قىلسۇن.



ۋەللاھۇ ئەئلەم.




پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

2011-6-30

چېسلا: 2011-06-30 \ يوللىغۇچى: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ

ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، توردا سودا قىلىشنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكۈمى قانداق؟ ئامۋايغا ئوخشاش شىركەتلەر(مەسىلەن ئېكوسۋاي، نۇسكىن)گە ئەزا بولماي شۇلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق ، باھاسى ئوخشاش تۈردىكى توۋارلاردىن ئەرزان مەسھۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ ياكى بۇ ساختىپەزلەرگە ياردەم قىلغانلىق بولامدۇ؟

چېسلا: 2011-07-15 \ يوللىغۇچى: ئابدۇلئەھەتجان




ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: ئادەتتە ئۆزى ھالال، سېتىۋېلىشمۇ ھالال بولغان تاۋارلارنى تور ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. يەنە مۇسۇلمانلارغا بىۋاستە زىيان ئۇرمايدىغان، يەھۇدىيلارغا ياردەم قىلمايدىغان شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. مۇسۇلمانلارغا زىيان ئۇرىدىغان شىركەتلەرنىڭكىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. مەزكۇر شىركەتلەر قايسى تۈرگە كىرسە شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلىمىز.

چېسلا: 2011-07-16 \ يوللىغۇچى: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ




ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! ھازىر «فۇدى»ئىسىملىك شىركەت چىقىپتۇ،شەكىل جەھەتتە ئامۋايدىن پەرقلىنىدىكەن،ئەمما ماھىيەت جەھەتتە ئوخشاشكەن، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن بۇ شىركەتكە پۇل تۆلەپ ئەزا بولىدىكەنمىز،490 يۈەندىن 10000 يۈەنگىچە،بۇ ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئۇلاردىن مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن قويغان رەنە پۇلغا ئوخشايدىكەن،شۇغىنىسى،مال ساتمايدىكەنمىز،بارلىق ئالغان ماللارنى ئۆزىمىز ئىشلىتىدىكەنمىز،ئۇرۇق-تۇغقان،تونۇش-بىلىش،خىزمەتداشلارغا داڭلاپ ئۇلارنىمۇ ئەزا بولۇشقا قىزىقتۇرىدىكەنمىز،ئۇلار ئەزا بولۇپ مال سېتىۋالسا،بىزگە پايدا ئايرىپ بېرىدىكەن،قانچە قىممەت پۇللۇق ئەزا بولساق مائاشىمىزمۇ مۇناسىب يۇقىرى بولىدىكەن،ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە،مەھسۇلاتلاردا شۈبھىلىك نەرسە يوقمىش،ھەم باش شىركەتمۇ كىرىمىنى ئىسلامنىڭ زىيىنىغا ئىشلەتمەيمىش،ئامۋايدىن پەرقلىق يېرى مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە،ئامۋايدا مال ئېلىپ باشقىلارغا ساتىدۇ،بۇنىڭدا مالنى ئۆزىڭىز ئىشلىتىپ باشقىلارنىمۇ ئەزا بولۇشقا قىزىقتۇرىدىكەنسىز...مەن رەسىمىي ئەزادىن ئاڭلىغانلىرىمنىلا يازدىم،ئەگەر زۆرۈر بولسا تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈلسىمۇ بولىدۇ،ئاڭلىسام ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن تەقۋا بۇرادەرلەرمۇ باركەن،بۇنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نىمە؟

چېسلا: 2011-07-18 \ يوللىغۇچى: ئىستىقامەت




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز ، نىيۇسكىن سودىىسىنى قىلىش راستىنلا ھاراممۇ ؟ بىراق بىز ئەجىر قىلىمىز ، ھېرىپ چارچايمىز .يەنە ئاستىمىزدىكى ئەزالاردىن كېلىدىغان پايدىنىمۇ ئۇلار بىلىدۇ ،ھەممىمىز چۇشۇنىشىمىز ، رازى بولىدۇ . باشقىلارنىڭ پۇلىنى بۇلاپ ئېلۋالمايمىز ، خېرىدارلارنى رازى قىلىپ تۇرۇپ قىلىمىز  بۇ سودىنى ، ھىچ كاللامدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ. نىيۇسكىنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ ئىشەنچىلىك ، ھارام تەركىپ قۇشۇلمىغان . شېركەتنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىمۇ ئىنتايىن ئىنىق ئاشكارە،يەنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئاچ يالىڭاچ قالغان بالىلارنى قۇتقۇزىدۇ. يەنە بىر ئىزدىنىپ باققان بولسىلا ئۇستاز خاپا بولماي.

چېسلا: 2011-07-26 \ يوللىغۇچى: شەبىنەم




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: نوسكن شىركىتى سودىسى ھەققىدە سورىغان قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە:

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باققاندىن كېيىن ماڭا ئايان بولدىكى، نوسكىن(Nuskin) شىركىتىمۇ (Amway) (Herbalife) (DXN) قاتارلىق مىڭلىغان شاخلىتىپ سېتىش شىركەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ ساھەدە ئوخشاش تۈزۈمدە سودا قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، بەزى ئۇسۇل ياكى تىجارەت شەكلى، ئەزا ياكى مۇكاپات تۈزۈمىدە بىر-بىرىدىن سەل پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ماھىيەتتە يەنىلا شۇ شاخلىتىپ سېتىشنى ئاساس قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ تۈردىكى شىركەتلەرنىڭ سودىسىنى قىلىشنىڭ ھۆكمى ئامۋاي شىركىتى سودىسىنى قىلىشقا ئوخشاش بولىدىكەن.

بۇ يەردە قوشۇپ قويىدىغىنىم شۇكى، بۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىر قەدەر سۈپەتلىك بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ پايدىلىرىنى سۆزلەشتە خېلى مۇبالىغە قىلىنىدىكەن.

بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال پەيدا بولىدىكەن: بۇ مەھسۇلاتلار شۇنچە پايدىلىق ھەم سۈپەتلىك بولسا، نېمە ئۈچۈن بۇ شىركەتلەر مەھسۇلاتلىرىنى ئادەتتىكىدەك دۇكاندا قويۇپ ساتماي شاخلىتىپ سېتىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىۋالىدۇ؟ خېرىدارلارنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟ مەھسۇلاتنى ئىستىمال قىلىشمۇ ياكى مەھسۇلاتنى باشقا ئەزالارغا ماختاپ بازارغا سېلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدا تپىشمۇ؟

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئالىملار شاخلىتىپ سېتىش تۆۋەندىكى ئىككى نەرسىدىن خالىي بولسا جائىز دەپ قارىغان: 1. بازارغا سېلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشىش ئۈچۈن مەھسۇلات سېتىۋېلىش، ئەزا بولۇش، رەنە قويۇش قاتارلىق شەرتلەر بولماسلىق. 2. مەھسۇلاتنىڭ ئۆزى شەرىئەتكە خىلاپ كېلىدىغان نەرسىلەرنى مەسىلەن: ھارام ماددا، كرىست ۋە بۇت قاتارلىق نەرسىلەر بولماسلىق. بۇنداق ئەھۋاللار بولمىسا ئەزا ياكى مۇكاپاتنى شەرت قىلماي ئادەتتىكى تاۋارنى بازارغا سېلىپ ساتقاندەك ساتسا بولاۋېرىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ. 2011-7-23

چېسلا: 2011-07-23 \ يوللىغۇچى: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز: سىز بەلكىم رۇڭگې بىۋاستە سېتىش شىركىتىنىمۇ ئاڭلىغانسىز ، بۇ شىركەت ئەمۋاي ۋە ئۇندىن باشقا شىركەتلەرگە ئوخشاش ئايدا مۇنچىلىك مال ئالىسىز ، ئەزا تۇنۇشتۇرىسىز ، دىگەندەك شەرىتلەرنى قويمايدىكەن ئۆزىمىز ئەزا بۇلۇپ مال سېتىۋالساق ئەڭ تىۋىنى 15% دىن باشلاپ 36% گىچە پۇل قايتۇرىدىكەن مەسىلەن 500 يۇەن دىن تۈۋەن مال سېتىۋالغاندا 15% سېتىۋالغان مېلى 500 يۇەن دىن ئاشقاندا 20% 3000 يۇەن دىن ئاشقاندا 23% 10000يۈەن دىن ئاشقاندا 36% دىگەندەك بۇ ئۆلچەمدىكىنى بىرلا ۋاقىتتا (بىرئايدىلا) سېتىۋېلىش شەرىت ئەمەس بەلكى 1- ئايدا 100 يۈەن لىك 2- ئايدا 200 يۈەن لىك 3-ئايدا 300 يۈەن لىك مال سېتىۋالسا 3- ئايدىكى 300 يۈەن لىك سېتىۋالغان مالغا 20% بۇيىچە پۇل كىلىدىكەن دىمەك پىرسەنت ئۆلچىمىگە بىر ئايدا يەتسۇن ياكى 6 ، 7 ئايلاردا يەتسۇن قاچان قايسى پىرسەنت ئۆلچىمىگە يەتسە شۇ پىرسەنت بۇيىچە پۇل كىلىدىكەن . يەنە بىرگەپ مەن 29%لىك ئەزا مەن ئەزا تۇنۇشتۇرسام شىركەت ماڭا پۇل بەرمەيدۇ مەن تۇنۇشتۇرغان ئەزا مال سېتىۋالسا ئىككىمىزنىڭ ئۇتۇرسىدا چىققان دەرىجە پەرقىنى ماڭا بىرىدۇ مەسىلەن مەن 29% مەن تۇنۇشتۇرغان ئەزا 15% لىك ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى دەرىجە پەرقى 14% دىمەك مەن 14% مەن تۇنۇشتۇرغان ئەزا 15% پۇل ئالىدۇ. بۇ شىركەتكە ئەزا بۇلۇش ئۈچۈن 5 يۈەنگەئەزالىق نۇمۇرى بېسىلغان كارتا سېتىۋالسىلا بۇلىدۇ مۇنچىلىك مال سېتىۋېلىش شەرت ئەمەس . مۇمكىن بولسا باش شىركەت تور ئادرىسىدىن شىركەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزكۆز لىرى بىلەن كۆرۈپ تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا ، ئاللا سىلىدىن ھەم بارلىق ئىزدەنگۈچى مۇسۇلمانلاردىن رازى بولسۇن .ئامىن ئامال بار جاۋابىنى تېز رەك يوللاپ قويسىلا شىركەت تور ئادرىسى www.szrgsh.com

چېسلا: 2011-08-22 \ يوللىغۇچى: مۇسلىم




ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مۇسلىم: سىز دېگەن بۇ شىركەتنىڭ سودا قىلىش ئۇسۇلى ئازراق پەرقلەنسىمۇ يەنىلا ئامۋاينىڭكىگە ئوخشاش بىۋاستە سېتىش ئۇسۇلى ئىكەن. ئەزا تۇنۇشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىم قىلىش كۆزلىنىدىكەن. شۇڭا بۇنىڭ ھۆكمىمۇ ئامۋاي شىركىتىنىڭكىگە ئوخشاش، يەنى چەكلىنىدۇ، دەپ قارايمەن.

چېسلا: 2011-08-23 \ يوللىغۇچى: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ




1.مەن فۇدى شىركىتىگە ئەزا بولغان ئىدىم ، ئۇلار بىزگە بو شىركەت سەئۇدى ئەرە بىستاندىمۇ تارماق شىركىتى با ر دەپ سۆز لىگەن ھەم سە ئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاكا لەتچىسىنىڭ ھەرەمنىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۇتۇرۇپ يىغىنغا قاتناشقان سىن لىنتىسىنى كۆرسىتىپ بۇ شىر كەتنىنىڭ مۇسۇلمانلار ئەزا بۇلۇپ قىلسا بۇلىدىغانلىكىنى تەرغىپ قىلغان ،ئۇ سىن لىنتىسىنى جۇڭگۇنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە تارتىپ ئەكىلىپتىكەن شۇڭا ئۇستاز نىڭ خاپا بولماي مۇشۇنداق ئشنىڭ بار -يوقلىقىنى ئۇقۇپ باققان بولسڭلا يۇرتىمىزدا بۇنى قىلىۋاتقان ئەھلى- ئلمىلە خېلى بار ،شۇلارنىڭ خاتا يۇلدىن يېنىشغا ياردىمى بۇلاتتىكەنتۇق.ئىمكانىيەت بولسا بىر جاۋاب بىرىشلىرىنى ئۇمۇد قىلىمەن.

چېسلا: 2011-10-28 \ يوللىغۇچى: ئابباس




ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئابباس: ئۇ ئىشنى تەكشۈرۈش ھاجەتسىز. چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ھەممىسى شەرىئەتكە ئۇيغۇن دېيىش توغرا ئەمەس. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشى دىنىمىزدا دەلىل ياكى ھۆججەتمۇ ئەمەس. نۇرغۇن ھارام ئىشلارغا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ياكى باشقا ئىسلام ئەللىرىدىكى كىشىلەر قاتنىشىدۇ.

چېسلا: 2011-10-28 \ يوللىغۇچى: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ


مەنبە :ھەدىسلەر تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 09:12 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
alakanat + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مېنىڭ جەننىتىم قەلبىمدە، باغچام كۆكسۈمدىدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش