ھۆرمەتلىك دوستلار،
ياخشىمۇسىلەر!ئالدى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئىگىلىك تورىنى قوللاپ كېلىۋاتقىنىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، ئىگىلىك تورىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ زورىيىپ بۈگۈنگە كېلىشىنى كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ! ئىگىلىك تورى 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئاز كەم تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىتنى ۋە ئازدۇر - كۆپتۇر ئىسسىق - سوغاقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات ۋە ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، زور كۆپچىلىك ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە تىجارەتچى، شىركەت - كارخانا خوجايىنلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىلىشى ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمىزنى خۇلاسىلەش شۇنداقلا كۆپچىلىككە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، ئىگىلىك تورى مۇلازىمەت ئىشخانىسى ۋە بىر نەچچە شىركەت كېڭىشىش ئارقىلىق، بىرقېتىملىق يىغىلىش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق! بۇ قتىمقى پائالىيەت چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ بىزنىڭ ئىگىلىك تورىنىڭ تور دۇنياسىدىن رىئاللىققا ھالقىشتىن ئىبارەت مۇھىم بىر قەدەمنى باسقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلار ھەيئىتىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ھەمدە بىر ئەركىن ئازادە پىكىرلىشىدىغان كەيپىياتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھەمدە بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى چوڭقۇر دوسلۇق ئورنىتىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىگىلىك تورىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە نىشانى توغرىسىدا ئورتاق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدىن كىيىنكى كۈنلەردە بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىز ئۈچۈن، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، جۈملىدىن ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپچىلىك بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ!
بۇ قېتىمقى پائالىيەت شەكلى: ئاساسلىقى غىزالىنىش، ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە يولۇققان مەسىلىلەرگە نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىشتىن ئىبارەت.
ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىلىشى: ھەرقايسى دوسلارنىڭ ۋاقتىنى تولۇق ئويلىشىش ئارقىلىق، پائالىيەت ۋاقتى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سەيشەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11:00 دىن چۈشتىن كىيىن سائەت 4:00 كىچە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.كۆپچىلىكنىڭ دەل ۋاقتىدا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تىزىملىتىدىغان ئادەم سانى: تىزىملىتىش سانى 50 ئادەم بىلەن چەكلىنىدۇ. تۇنجى قېتىملىق پائالىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىشى ۋە تۇنىشىشىغا يىتەرلىك ۋاقىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم سانى كۆپ، ۋاقىت قىسقا، ھەيئەت ئەزالىرىمىزنىڭ سانى چەكلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلغاندىلا پائالىيەتنى رەڭدار ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
بۇ پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئىگىلىك تورىغا كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ!
http://www.igilik.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2438
ناۋادا قاتنىشىشنى خالىسىڭىز ئىگىلىك تورىدىكى شۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىپ ئۆزىڭىزنىڭ تېلېفون نومۇرى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.
ئالاقىلاشقۇچى: ئىگىلىك تورى(ئۆمەرجان)
تېلېفون: 15999114171
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-25 05:00 AM