AZAL0996AA يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 09:20 PM
مەن جېنىمنى ئالقانغا ئېلىپ قۇيۇپ بىر سوئال سوراپ باقاي ...
ئانتىزىمچى ئەمەس،قوقماي سوئال قويغان ئىشىڭىزنى قوللايمەن.
ئۇ كىشى ماركىزىمدا ئۇقۇغان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تۇنجى يېتىشىپ چىققان ئاسپىرانت،1993-يىلنىڭ ئالدىدىكى كۆپ ئەسەرلىرىدە ماركىسىزىمدا ئۇقۇغاچقا ۋە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ يامان تەسىرى بۇ كىشىنىڭ 60ياشتىن بۇرۇنقى ئەسەرلىرىدە ساپلا ماركىسىزىم توغۇرلۇق،شۇ مەۋقەدە تۇرۇپ،ئىجادىيەت ئىشى بىلەن شۇغۇللانغىنى راس،لېكىن،ئۇ كىشىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى،يېزىقچىلىق ماھارىتى ھەقىقەتەن ئۈستۈن.
ئالىم ئۆزى ھەققىدە توختىلىپ،60ياشتىن ئاشقاندا،بىر قېتىم قاسراق تاشلىغاننى،بۇرۇن يازغىنى بىلەن ھازىرقى ئىجادىيىتىدە زور پەرق بار ئىكەنلىكىنى،ئۆزى ‹‹ئۆمۈر تەلقىنلىرى››دېگەن كىتابتا بايان قىلغان.
ئانتىزىمچى دېگەن سۆزگە كەلسەك،شۇ ۋاقىتتى دەۋرنىڭ روھىدىن چۈشىنىش مۇمكىن،چۈنكى،يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندا،قەيەرگىلا قارىسا،ماركىس-ئېنگىلىس-لېنىن-سىتالىن-ماۋزىدۇڭ قاتارلىق دۇنيا پىرۇلتارىياتلىرىنىڭ دەرسى ئۆتۈلەتتى،شۇ ئىدىيلەر شۇ دەۋردە ياشىغان كۆپ زىيالىيلارنىڭ ئىدىيىسىگە زور تەسىرلەرنى ۋە داۋالغۇشلارنى كۆرسەتكەن.لېكىن،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات قىممىتى بولغان ئەسەرلىرىنىڭ كەڭلىك دائىرسى ھازىرقى ھەر قانداق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ھەم تا ھازىرغا كەلگۈچە بۇ سىزىقتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ باققىنى يوق.
شۇڭا،بۇ ئالىمنىڭ ھاياتىدىن خۇلاسە چىقارغاندا،شۇنى دېيىش زۆرۈركى،ئەينى ۋاقىتتا ماركىزىملىق ئىدىيەدە ۋە شۇنىڭدىن ھالقىيالماي ئەسەر يېزىشىنى تارىخ كەلتۈرۈپ چىقارغان،شۇ دەۋر بۇ ئالىمنى شۇ يولغا ماڭدۇرغان،قانداقلا دېمەيلى،بۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ۋە پەلسەپەسىگە قوشقان تۆھپىلىرى ھەقىقەتەن كۆپ،ئەۋلادلار بۇ ئالىمنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ ۋە بۇئالىمنىڭ تىرىشچانلىق روھى ،ئىجادىيەت سەمەرىلىرى كېيىنكىلەرگە نەمۇنە بۇلۇپ قالغۇسى...