مەن « soygum » نىڭ يازقانلىرىغا پۈتۈنلەي قوشۇلىمەن . بۇ ئوبزور ماڭا تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا سىنىپ مەسئولىمىزنىڭ بىزگە سۆزلەپ بەرگەن بىر ئىشىنى يادىمغا سېلىپ قويدى . سىنىپ مەسئولىمىز غەربىي قوۋۇقتىكى كۆۋرۈكتە ئاياغ سۈرتكۈزىۋىتىپ ئاياغ سۈرتكۈچى بىلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ . سىنىپ مەسئولىمىز ئۇنىڭدىن بالىسى باريوقلىقىنى سوراپتۇ .
ئاياغ سۈرتكۈچى بالىسى بارلىقىنى ئوقۇتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە مۇشۇ كىچىككىنە تاپاۋەتكە تايىنىپ جان باقىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ . سىنىپ مەسئولىمىز مۇشۇنچىلىك تاپاۋەت بىلەن بالا ئوقۇتۇش ئېغىر كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى سورىغاندا ،ئاياغ سۈرتكۈچى قانداق قىيىنچىلىققا قېلىشتىن قەتئىي نەزەر بالىسىنى ئوقۇتىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئۆزىدەك بوپ قېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ . سىنىپ مەسئولىمىز بىزگە بۇئىشنى خېلى ئۇزۇنغىچە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى . كىيىن يەنە بىزدە بەزىلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن كارى يوق ئوقۇتمايدۇ ،ھۆنەرگە بېرىدۇ . لىكىن باشقىلار ئۆزى ئاياق مايلىسىمۇ جاپاتارتسىمۇ بالىسىنى ئوقۇتىدۇ دەپ ئۇھسىنىپ قوياتتى .
مەن يەنە ‹‹چاڭجىياڭ 7- نومۇر ›› دېگەن فىلىمنى ئەسلەپ قالدىم ...........