ئەسلى جاۋاپ قايتۇرۇش خىيالىم يوق ئىدى. ئەمما تېمىڭىزنىڭ كەينىدىكى قىزىل رەڭدە يوغان قىلىپ يېزىلغان ‹‹ ئىنىقكى، باشقۇرغۇچىلار مەسئۇليەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ. ›› دېگەن سۆزنى كۆرۈپ سىزگە ئىككى ئېغىز سۆزلەشنى نىيەت قىلدىم.
1. ئالدى بىلەن بۇ تېمىنى تەستىقلىغان مارشال ئەپەندىنى ئەيىپلەيمەن. چۈنكى تېمىڭىزدا باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇليەتسىزلىكى توغرىسىدا سۆزلەنگەن بايانلارنىڭ قايسى تەرىپى ئورۇنلۇق؟ مەسئۇلىيەت دېگەن زادى نېمە؟ بۇ ھەقتە مارشال ئەپەندى ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك. بەلكىم مارشال ئەپەندى سىزنىڭ پىكرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىنلا تەستىقلىغان بولسا كېرەك.
2. سىزنىڭ باشقۇرغۇچىلارنى مەسئۇليەتسىزلىك قىلدى دەيدىغان سالاھىيىتىڭىز يوق. چۈنكى تېمىڭىزدىكى تۇترۇقسىز بايانلاردىن مەسئۇليەتسىزلىككە ئائىت ھېچنىمىنى تاپقىلى بولمايدۇ.
بۇ ھەرگىزمۇ ئەزالارنىڭ باشقۇرغۇچىلارغا پىكىر قىلىش ھوقۇقى يوق دېگەنلىكىم ئەمەس بەلكى ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىگە قارىتىلغان. ئەزالار پىكىر تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا جانلىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، مۇنبەرگە پايدىلىق بولغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. مۇنبەر ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ھەرقانداق پىكىر-تەكلىپلەرگە قارىتا بارلىق باشقۇرغۇچىلار يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان زۈرۈر مەسىلىلەرنى چوقۇم ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز. ئەمما زورىغا كىيدۈرۈلگەن << مەسئۇليەتسىزلىك>> تىن ئىبارەت بېشىمىزغا ماس كەلمەيدىغان قالپاقنى يىرتىپ تاشلىۋېتىشكە ھەمدە شۇ قالپاقنى كىيدۈرمەكچى بولغانلارغا لايىقىدا رەددىيە بېرىشكىمۇ ھوقۇقلۇقمىز.
ئاۋال سىزگە مۇنبەر ھەققىدە كىچىككىنە توختىلىپ ئۆتەي. مۇنبەر _ ئادەملەر توپى توپلاشقان،بىلىم ئالىدىغان، بەس مۇنازىرە ئارقىلىق ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان، جاھاندىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولىدىغان، ھەر خىل مەسىلىلەرگە قارىتا ھەركىم ئۆز پىكرىنى ئەركىن-ئازادە ئوتتۇرىغا قويىدىغان، تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىگە ياردەم ئارقىلىق جاۋاپ تاپىدىغان مۇنازىرە سورۇنى.
مۇنبەرگە نەزەر سالساق سەرخىل تېمىلارمۇ ، ئادەتتىكى تېمىلارمۇ شۇنداقلا ئۆتكۈر مۇلاھىزە تەلەپ قىلىدىغان تېمىلارمۇ بار . بىراق تېمىنى ئاۋات قىلىش ياكى ئىنكاس ئارقىلىق ئورۇنسىز تالاش-تارتىشقا ئېلىپ كىرىش ھەرگىزمۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس. چۈنكى ئىنكاس يېزىش ئەزالارنىڭ ئەركىنلىكى، بۇ ئەركىنلىكنى سىزنىڭ، مېنىڭ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ چەكلەش ھوقۇقى يوق (پەقەت ئىنكاسلاردا قانۇنغا خىلاپ گەپ سۆزلەر بولمىسىلا)
3. مىسرانىم باشقۇرغۇچىلىرى ھېچقاچان ئۆز مەسئۇليىتىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. مۇشۇ تاپتا ھەممە شىرىن ئۇيقىغا كەتكەن، يېرىم كېچە بولۇپ قالغىنىغا قارىماي ( كېچە سائەت شىنجاڭ ۋاقتى 2:00 بولدى) بىر نەچچە باشقۇرغۇچى تېما تەستىقلاش ۋە ئىنكاسلاردىكى قالايمىقان سۆزلەشنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بولۇۋاتىدۇ .
شۇ سەمىڭىزدە بولسۇن: ھېچبىر باشقۇرغۇچى ئەزالارنى ئىنكاس يېزىشقا زورلايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. مۇنبەردە يېزىلغان ئىنكاسلاردا قانۇنغا خىلاپ بىرلا سۆز كۆرۈلسە پۈتۈن مۇنبەرگە ئېغىر خەۋىپ ئەكىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ مەسئۇليەتنىڭ چوڭى مىسرانىم ئەپەندى شۇنداقلا بارلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىلىدۇ . شۇڭا باشقۇرغۇچىلار يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىش بېجىرىۋاتىدۇ. مۇنبەرنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ بىلىم ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالماسلىقى ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلار ئائىلە، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى بېجىرىشتىن سىرت مۇنبەر ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتىدۇ. شۇڭا باشقۇرغۇچىلارغا مەسئۇليەتسىزلىك قالپىقىنى كىيگۈزۈشىڭىز بەكمۇ ئارتۇقچە. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى گەپلەرنى ئەركزات ئەپەندى ئېنىق ئوتتۇرىغا قۇيۇپتۇ، قايتا تەكرارلاپ ئولتۇرمايمەن.
4. سەرخىل تېمىلارنىڭ ئاسانلا چۈشۈپ كېتىشى، ئادەتتىكى تېمىلارنىڭ ئاۋات بولۇپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەت يەنىلا سىز ۋە سىز قاتارلىق شۇ تېمىلارنىڭ ئاۋات بولۇشى ئۈچۈن ئىنكاس يېزىپ ئورۇنسىز تالاش - تارتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئەزالاردا. ئاۋات تېما قاتارىدىكى تېمىلارنىڭ مۇنبەرگە چىقىشى يوللۇق. ئەزالارنىڭ ۋە سىرتتىن كۆرىدىغانلارنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى بار. بەزى تېمىلارنى كۆرۈپ قۇيۇشقا بولىدۇ ، ئەمما ئۇنچە كۆپ تالاش تارتىش قىلىشنىڭ قىلچىمۇ ئورنى يوق ئىدى، ئەمما يەنىلا بەزى ئەزالار ....... قانۇنغا خىلاپ بولمىغان ۋە باشقىلارغا ئورۇنسىز ھاقارەت كەلتۈرمىگەن ھەرقانداق ئىنكاسنى ئۈچۈرمەيمىز .
تورداشلاردىن سەمىمىيەتلىك بىلەن شۇنى ئۈمىد قىلىمىز: يازغان ئىنكاسىمىز پەقەت تېما مەزمۇنىنى ئاساس قىلغان ھالدا يېزىلسا شۇنداقلا يازغان ئىنكاسىمىزدىن باشقىلار ھەقىقىي مەنپەئەت ئالالىسا.
مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىش، كەڭ دائىرىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىش ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ، بۇ بىزنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش مۇساپىمىزدە يولۇققان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز ۋە تۇرمۇشىمىزنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرىشىمىزدا تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ . شۇڭا ئەزالارنىڭ ھەر بىر تېمىغا ئىنكاس قايتۇرغاندا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا تېما ۋە ئىنكاسىنىڭ ئۆچۈشى سەۋەبلىك ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل قىلالمىغان تورداشلارغا جاۋاپ بولسۇن ئۈچۈن مۇشۇ ھەقتە يېزىلغان بۇ تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ كۆرۈشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.
تېما ئادرىسى:
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-72161-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-26 10:33 AM