بايام بىر ئىنكاس يوللىغانتىم يوققۇ
قايتا يوللاي ئەمدى.
تىمىدىكى نەزىر توغۇرلۇق بايانلار ئازراق چالا قاپتۇ، تولۇق بوپ كەتكەن بولسا بۇنچىلىك تالاش-تارتىش بوپ كەتمەستى.
ھازىر ئۆتكۈزىلىۋاتقان نەزىرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەشەمەتچىلىك بىلەن ئابروي قوغلىشىپ، نەزىرنىڭ ئەسلى شەكلىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن خاتا دىيىلىۋاتىدۇ. (نەزىر ئەسلىدە يوقسۇل كىشىلەرگە بىرىلسە توغرا بولاتتى، ئەمما ھازىر نام-ئابرويلۇق كىشىلەر ئاۋۋال چاقىرلىدىغان ئەھۋاللار بىرقەدەر ئېغىر) ھەتتاكى قەزىر ئىلىپ تۇرۇپ نەزىر ئۆتكۈزىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ئۆيىدە شۇنچە ئېغىر قىيىنچىلىقى تۇرۇپمۇ ئەل-جامائەتنىڭ سۆز-چۆچىكىدىن قورقۇپ نەزىرنى چوڭ ئۆتكۈزىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.
گۈلەن ئەپەندىم مۇشۇ نۇقتىلارنىمۇ قوشۇپ، نەزىر ئۆتكۈزۈش شەكلىدىكى خاتالىقلارنى تۈزەش ئاساسىدا يازغان بولسا مۇكەممەل بوپ كىتەركەن.