ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار!!!
مەزكۇر تىما مۇشۇ ئاينىڭ 28 -كۈنى چىڭخەي شىنىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگۇ ب دەرىجىلىك پۇتبۇل بىرلەشمىسى(چىڭخەيvsشىنجاڭ) ئىككىنجى ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىغا ھۇررا تولاش سەپەرۋەرلىك قىلىش مەقسىتىدە يېزىلدى.....
ھەممىمىزگە مەلۇم، جۇڭگۇ ب دەرىجىلىكلەر پۇتبۇل بىرلەشمىسى بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئەزمەتلىرىمىز بىرلەشمىدە ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارىلىۋاتقان شەنشى كوماندىسىنى يەر چىشلىتىپ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى. بۇ نەتىجىنى شىئەندىكى ئۇيغۇر مەستانىلىرىمىزنىڭ ھۇررالىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.....
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىككىنجى ئايلانمىدىكى مۇسابىقىدىمۇ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ مەيلى قەيەردىلا بولمىسۇن يالغۇز ئەمەسلىكىنى،بىز ھۇرراچىلارنىڭ ئۇلار بىلەن ھەرۋاقىت بىللە ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلدۇرۇش شۇنداقلا ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ يەنە بىر مەيدان زەپەر قۇچۇشى ئۈچۈن بىز مەستانىلەر ھۇرراغا ئاتلانماقچى...........
ئەلۋەتتە،چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھرىدەئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يوق دىيەرلىك بولغاچقا بۇ قېتىمقى ھۇررا توۋلاشقا قاتنىشىدىغان مەستانىلەرنى مۇنبىرىمىزدىكى ئۈلكەر بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق لەنجۇ شەھرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللىمەكچى.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبىرىمىزدە لەنجۇ شەھرىدە ئوقۇۋاتقانلار بولسا مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسا ياكى چ چ ئارقىلىق ئالاقىلاشسىمۇ بولىدۇ.
چ چ ؛ 513248227
چ چ توپى ؛ 62069159
مۇسابىقە لەنجۇ شەھرىدە بولغان بولسا ياخشى بولاتتى، باشقا شەھەرەە بېرىپ ھۇررا توۋلاش ئۈچۈن ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىشىمىز تەبىئىي. شۇنداقتىمۇ بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمىز........
مەنبە؛
http://bbs.putbol.cn/read.php?tid-25886.html
مەن مۇشۇ تىما كۆچۈرۈشكە بەك ئۆچ ئىدىم، لىكىن مىسرانىم مۇنبىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ مۇنبىرى بولغاچقا تېخىمۇ كۆپ دوسلارنىڭ خەۋەر تېپىپ ھۇررا قوشۇنىغا قېتىلىپ ئەزىمەتلىرىمىزگە مەدەت بىرىشىنى ئۈمىد قىلىپ كۆچۈرۈپ يوللاپ قويدۇم توغرا چۈشىنەرسىلەر!
بولسا مۇشۇ مۇنبەردىكى دوسلار لەنجۇدا تونۇشۇڭلار بولسا تېزدىن ئالاقە قىلىپ خەۋەرلەندۈرۈپ قويساڭلار بېرىش ئىمكانىيىتى بارلىرى يوقۇرقى چ چ بىلەن ئالاقىلاشسا دىگەن ئۈمىددىمەن.....
لەنجۇدىكى دوسلار ئىمكانىيەت بولسىلام چوقۇم ھۇررا قوشۇنىغا قېتىلىپ بېرىپ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ نەدىلا بولمىسۇن يالغۇز ئەمەسلىكىنى ،ئۇلارنىڭ كەينىدە نەچچە مىليۇن قېرىندىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھۇررا توۋلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرساڭلار!
دوسلار ھەممەيلەن بىر ھەرىكەتكە كېلەيلى پەقەت ئەتە 1 كۈنلام ۋاقىت قالدى
لەنجۇدا تونۇشى بارلار تېزدىن ئالاقىلىشايلى...................
بۇ تىما 28-چىسىلا كەچتە ئۆچۈرۈلسە بولىدۇ.
ما تىمىنى تېزرەك تەستىقلىۋەتسەڭلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 阿图什 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-26 11:20 PM