elham315 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:12 PM
ئاخىرنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ بولالمىغان ئىدىم. شۇنداقت ...
باشتا ئىنكاسلىرىڭىزنى كۆرۈپ سىزگە خېلى قايىل بولغان ئىدىم، توغرا يوسۇندا ئەمۋاي مۇھىيتىنى باشقا ئېپ چىقالايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ ئىنكاسىڭىزدىن سىزنىڭمۇ باشتىكى ئەمۋايچىلارنىڭ يولىنى تۇتقانلىقىڭىزنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس ئىكەن.
مەنمۇ قىلىپ بولۇپ، چۈشۈپ قالغانلارنىڭ بىرى. ئەمما قولى يەتمىگەن ئۈزۈمنى ئۆزەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، چىدىماسلىق قىلىپ، ئەمۋايچىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىۋاتقىنىم يوق ھەم باشقا تىللاۋاتقانلارمۇ چىدىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئەمەس بەلكى باشتىكى ئەمۋايچلارنىڭ تۇتقان يولىغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ زىيادە ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان. مەيلى ئەمۋايچى ياكى چۈشۈپ قالغانچى ۋە ياكى ئىستىمالچى بولسۇن بۇ يەردە بولىنىۋاتقان گەپلەر ھەمىمىز ئورتاق پايدىلنىش ئۈچۈن دېيىلىۋاتقان گەپلەر، سىز ئېيىتقاندەك چىدىماسلىق قىلغانلىق ئەمەس. ئەمۋايدا ئىشلىمىسىمۇ باشقا ئىش قىلىش ئارقىلىق قولى يەتمىگەن ئۈزۈمنى ئۈزۈپ يەپ، تاتلىقىلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. تولا تۇتامىغا چىقمايدىغان باھانىلەر بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ نا توغرا يولىڭىزغا تەسەللى تاپماڭ. ئەگەر سىز توغرا يوسۇندا ئەمۋاينى باشقا ئېپ چىققۇچى بولسىڭىز ئۇلارنىڭ تىللاشلىرىدىن ساۋاق ئېلىپ، باشتىكى نا توغرا يولدا ماڭغان ئەمۋايچىلارنىڭ يولىدىكى ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئالدىڭىزغا قاراپ ئىلگىرلىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما يەنە شۇ كونا بۇرۇنقى ئەمۋايچىلارنىڭ يولىنى تۇتىمەن دېسىڭىز مېڭىپ بېقىڭ، بىر كۈنلەردە سىزگىمۇ قولى يەتمەيدىغان ئۈزۈم ئاچچىق دېگەندەك باھانە باشقا بىر ئەمۋايچى ئېغىزىن ئۆزىڭىزگە يانىدۇ.
ئالغان نەقىللىرىڭىزنىڭ چىرايلىقىقىنى نېمە دەي. ئەمەلىيەتتە ئۆزلىكىدىن قىزىقىپ سىزلەرنى ئىزدەيدىغانلار يوق، بار دېسىڭىز يالغان ئېيىتقان بولىسىز. ئەمۋايغا قىزىققۇچىلارنىڭ تولىسى سىلەرنىڭ ئەللىي گۇڭسىنىڭ مائاش تەرتىپىسىنى سۆزلەپ، ئازدۇرشىڭلاردىن قىزىقىدىغۇ دەيمەن؟ يەنە كېلىپ ئەمۋاينى قىلىش ئۈچۈن بىلىم، تەسىر دائىرسى كەڭ، گەپتان كىشلەرنىڭ قىلىشىغا ماس كەلسە، لېكىن سىلەرنىڭ ھەممە كىشلەرنى قىلالايسىز دەپ قىزىقتۇرۇپ، ئۇلارنى ئەزا قىلىش ئارقىلىق قولىغا مال تۇتقۇزۇپ، ئۆزەڭلارنىڭ يېنىنى توملايسىلەر. ئۇلار بىلىپ-بىلمەي ئېزىپ قېلىپ، سىلەرنىڭ دېپىڭلارغا بىر مەزگىل ئۇسۇل ئويناپ، ئاخىرى چىدىيالماي چۈشۈپ قالىدۇ. ئەجەبا شۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىپ، قىزىقتۇرغانلارنىڭ مەسئۇلىيتى يوق، پەقەت چىدىماسلىقى، يارامسىزلىقى تۈپەيلىدىن چۈشۈپ قېلىپ، بۇ يەردە سىزلەرنىڭ تېىپىپ كەتكەن پۇلۇڭلارغا چىدىماسلىق قىلىپ سۆزلەۋاتقان ئوخشامدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kizzik99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 03:50 PM