HAYATNISA يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 03:46 PM
تېما ئىگىسىنىڭ بارماق ئەجرى ئۈچۈن بولسىمۇ رەھمەت ئېيت ...
سىز «چىننۇرى» چىما؟
چاقچاق ھە! ھەركىم بولسا جان باقسۇن!
مەن ئەمۋاينىڭ بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلىقى، چىش پاستىسى، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، چاچ سوپۇنى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ باققان، چاچ سوپۇنىنى بەك ھېس قىلالمىدىم، بىراق بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلىقى ھەقىقەتەنمۇ بولىدىكەن!
قايىسى كۈنى چىننۇرىنىڭ بىر يۈرۈش مايلىرىنى ئىشلتىپ باقاي دەپ مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا كىرسەم 700 نەچچە يۈەن دەيدۇ، سەل قىممەت كۆرۈپ ئالماي چىقىپ كەتتىم.
خەلق باھاسى مۇۋاپىق، ئەمىلى ئىشلىتىش ئۈنۈمى بار، ئەكىس تەسىرى يوق، ياخشى مەھسۇلات بولسا ئۇنى چوقۇم سېتىۋالىدۇ. ھازىر ئەمۋاي، مىيلىنكەي، نىيۇسكىن ...قاتارلىق بىۋاستە سېتىلىدىغان ئىستىمال بويۇملىرىنى ئېلان قىلمىدى دىگەن بىلەن، تەشۋىقاتچىلارنىڭ ئاغىزىدىكى ئېلان سۆزى سىزنىڭ ئاشۇ بويۇملاردىن باشقا بويۇملارنى ئىشلەتسە ھەممىسى زەھەردەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.
مىنىڭچە ئۇ مەھسۇلاتلار چوقۇم ياخشى، بىر يېرى بولمىسا ئۇلار قورۇقماي بۇنداق دىيەلمەيدۇدە ، شۇڭا ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز يار بەرسە شۇ بويۇملارنى ئىشلىتەيلى، سزگىمۇ پايدا قىلسۇن، ئاۋۇ شىركەتمۇ، تەشۋىقاتچىلارمۇ جان باقسۇن، يار بەرمىسە نۇرمال ئىستىمال بويۇملىرىنى ئىشلىتەمىز.
ھەممىدىن موھىمى، ساغلام تەن، ساپ ئەقىل.