mihman8 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 09:39 AM
ماڭا دەيدىغان گەپلىرىڭىز بار ئوخشايدۇ ،مەن سزگە شۇن ...
سىزنىڭ بىرەرمۇ پاكىت كەلتۈرەلمەي چىچاڭشىپ كېتىشىڭىز، سىزدە ئازراقمۇ ئىلمىي مۇنازىرە روھىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سىز ماڭا قەرزدار ئەمەس، بىراق بۇ ئەخلەت يازمىڭىز تۈپەيلى مۇنبەرگە ۋە ئوقۇرمەنلەرگە قەرزدار. مەن سىزنى بىرقانداق قىلاي دېمىدىم، «سوئالىمغا پاكىتلىق جاۋاب بېرىڭ» دېدىم. (بۇ گەپنى قىلغىلى ئۈچ قېتىم بولدى) لېكىن سىز بىر قېتىممۇ ئىلمىي پوزىتسىيىدە پاكىت كەلتۈرمىدىڭىز. ئەمەلىيەتتە سىز پاكىت كەلتۈرەلمەيسىز. تېرەكتىن شاپتۇل پىشمايدىغىنى ئېنىق.
ئۆزگەرتمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى، داۋاملىق ئۆزىڭىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى نامايىش قىلىپ تۇرماقچى بولسىڭىز، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ شورى. مەن پەقەت بىھۆرمەتلىك قىلىنغان تىلىمغا قاراپ ئېچىندىم، خالاس.
مەن سىزنى تونۇمايمەن، سىزدە ئۆچ - ئاداۋىتىممۇ يوق. بىراق يازمىڭىزنى تەنقىد قىلىپ يازغان ئىنكاسىمغا قارىتا مېنى پىتنىخورغا، كېسەلمەنگە ياكى ساراڭغا چىقىرىۋەتتىڭىز، يازمىڭىز توغرىسىدا قايتا ئويلىنىپ كۆرۈپ بېقىشنى لايىق كۆرمىدىڭىز، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ ئىنتايىن نورمال، ساغلام ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويۇشۇم زۆرۆر دەپ قارىدىم. سىزدىن ئىلمىي مۇنازىرە ئىستىلىنى كۆرمىدىم، شۇڭا ئارتۇق مۇنازىرە بىھاجەتتۇر. ئەمما شەخسىيىتىمگە يەنە ھۇجۇم قىلىدىغان بولسىڭىز، مېنىڭ قولۇممۇ كونۇپكا تاختىسىدا خېلى ئوبدان ئوينايدۇ.
يازما، ئىنكاسلىرىڭىز بىلەن مېنىڭ ئىنكاسلىرىمنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەيسىز، كىم كېكەچ؟ (كېكەچ دېگەن خەتنىمۇ ئوڭلاپ يازالماپسىز) باھانى ئادىل. دۇرۇس بەرگەيسىز، پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. كېكەچلىكىمگە ئىسپات كەلتۈرۈڭ، پىتنىخورلۇقۇمغا ئىسپات كەلتۈرۈڭ، كېسەلمەنلىكىمگە ئىسپات كەلتۈرۈڭ، بىلەرمەنلىكىمگە ئىسپات كەلتۈرۈڭ.