cholpan يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:02 AM
راست دەيسىز، ھەقىقەتەنمۇ ئاخرىنى ياخشى يازالمىدىم، پ ...
تېمىڭىزنى ئۇقۇپ نۇرغۇن مەسىللەردىكى مەيدانىڭىز مىنى سۆيۈندۇردى، ئۇبىكتىپ مەيداندا تۇرۇپ باھا بېرەلەيدىكەنسىز، ئەمما قىلىپلاشتۇرۇش ۋە قاراتمىلقىنى كۈچەيتىش كېرەككەن دەپ ئويلىدىم.
يازمىڭىزدا ئاساسلىق مىللەتنى سۆكۈشكە بولغان پۇزىتسىيىڭىز ۋە ئۆزىمىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، بىزدە قەدىرلەشكە تىگىشلىك بولغان نىملەر بار؟ بار بۇلۇشقا تىگىشلىك ئەمما يوق بۇلىۋاتقانلار قايىسىلار دىگەن مەسىللەر ئۈستىدە تۇختىلىپسىز.
يازمڭىزنىڭ «ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس» دىگەن سۆزگە قاتتىق ئىشىنىشنىڭ تەسىرىدىن بىزدە بۆلىنىش كىلىپ چىقتى دەپ ئېيتىپ كىلىپ ئالغان مىساللىرىڭىزدا سىزنىڭ ئاساسلىق نىمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى ئايرىماق تەس. بۇلۇپمۇ 3-مىسالىڭىز ئالدىنقى ئىككىسىگە ئۇخشىمغان بىر ھالدا يىزىلغاندىن باشقا، ئۇقۇملارمۇ قالايمىقانلىشىپ كىتىپتۇ. 1-سەنئەتنى ئۆچ كرىدىغانلار، 2- مىللەتچىلىك ئىدىيسى كۈچلۈكلەر 3-بولسا ئىتقاد كۆز قارىشىنىڭ بىر تەرەپلىملىكى بۇلۇپ ئىزچىللىققا ئىگە ئەمەس.
يەنە بىزدە نىملەر كەمچىل دىگەن بۇ قىسمىدا 1-تۇغرا بولغان ۋاقىت قارىشى، 2-ئىتقاد دەپ ئاپسىز ، بۇنىڭدا دائىرسى كېڭىيىپ كىتىپتۇ ھەم كىيىنكى چۈشندۇرۇشىرىڭىزگە ماس كەلمەپتۇ. 5-ئۆگىنىش ئىزدىنىش روھى . بۇ يەردىكى ئىزاھلاشمۇ تازا مۇۋاپىق بولمىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا بىزدە نىمە ئالاھىدىلىكلەر بار دىگەن قىسمىدا ( ئەمەلىيەتتە سىز بۇ يەردە بىزدە قەدىرلەشكە تىگىشلىك نىملەر بار دەپ ئىلىشىڭىز كېرەك ئىكەنتۇق.) پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئالغان نۇقتىلاردا دائىرە كىڭەيتىۋىتىلتپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-28 08:18 PM