~OT~ يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 04:18 PM
مىللىي ئاشقۇن دېگەن ئاتالغۇ ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ بو ...
ماڭ قارا، مىللىي ئاشقۇنلۇقنى چۈشەنگەن ھەم سۆزلىگەن كىشى، مىللىي ئاشقۇنلۇق قىلماسلىق كېرەك ئىدى. گەپ ئوينىتىش دېگەن: خۇددى ئۆپكە كېسىلىگە زىيان قىلىدىغان تاماكىنىڭ زېيىنىنى بېلىپ تۇرۇپمۇ شۇ تاماكىنى تاشلىماي تۇرۇپ، ئۆزەڭنىڭ ئۆپكىسىنى داۋالىماستىن، قولىدا تاماكا تۇتۇپ تۇرغان ئۆپكە كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن تاماكىنى تاشلاشقا بۇيرىغاندەك، مىللىي ئاشقۇنلۇقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ، مىللىي ئاشقۇنلۇق قىلىش. چۈشەنمىسىمۇ چۈشەنگەن بولىۋېلىپ، ئۆزىنى تۈزەتمەي تۇرۇپ، ئۆزىدە بار ئىللەتلەرنى سۆزلەپ، باشقىلارنى قىلماسلىققا ئۈندىگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سەن شۇ مىللىي ئاشقۇن دېگەن ئاتالغۇنى چۈشىنىپ، تېزلا قۇبۇل قىلغان بولساڭ ياخشى ئىش، ئەمما ئاۋال ئۆزۈڭنىڭ چۈشىنىشىدىكى مىللىي ئاشقۇنلۇقنى تاشلاپ بولۇپ ئاندىن شۇ ئىللەت توغرىسىدا سۆز ئاچ. شۇندىلا چۈشەنگىنىڭنىڭ قىممىتى بولىدۇ.
مەيلى قانداق سەۋىيەدە ھەم قانداق چۈشىنىشتە بولايلى ھەر ئىككىلىمىز ئىددىيىمىزدىن ئۆتكەندە ئاندىن شۇ ئىشنى تەستىقلايمىز. چۈشەنمىگەن نەرسەمنى چۈشەنگەن بولۇپ ياكى ئىددىيەمدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يېڭىلىقنى قۇبۇل قىلسام، ساڭا ئوخشاش ئۆزۈمنىڭ قىلمىشىنى تۈزەتمەي تۇرۇپ سۆزلەپ سالىدىغان ئىش چىقىدۇ. مەن تېخى ئاشقۇن تىرورچى، دىنىي ئاشقۇن، مىللىي ئاشقۇن دېگەندەك ئاتالغۇلارنىڭ ئومۇملىشىپ كەتكىنى بىلەن ئېتىراپ قىلىپ بولالمىدىم.
ئىددىيىمدىن ئۆتمىگەن، چۈشەنمىگەن ئىشنى قويۇپ ۋاقتىنچە كونا يولنى تۇتىشىم بىر يەرلەردە قالغانلىقنى بىلدۈرسە، سىزنىڭ قىلمىشىڭىز زاماننىڭ ئالدىدا ماڭغانلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ، بىلەرمەنلىك قىلغانلىققا كىرىدۇ. چۈنكى زاماننىڭ ئالدىدا ماڭغانلار چۈشەنگەننى قىلمايدۇ ھەم سۆزلىگەننىڭ قىممىتى بولىدۇ. ئىللەتنى چۈشەنسىمۇ ياكى چۈشەنمەي تۇرۇپ چۈشەنگەن بولىۋالغانلار ئاخىرقى ھېساپتا زاماننىڭ كەينىگە تىزىلىدۇ. بۇنى ھەم ھېس قىلماي، داۋاملىق ئۆزىنى زاماننىڭ ئادىدا دەۋالىدۇ ھەم زاماننىڭ ئالدىغائۆتىۋالىدۇ. بۇنداقلاردىن چۈشەنمەي ۋاقتىنچە زاماننىڭ كەينىگە تىزىلىپ تۇرغانلىق ياخشىغۇ دەيمەن؟ يەنە ئىنكاس بولسا قۇلۇقىم سەندە. مومكىن بولسا ئىزدەپ باق دېمەي، زاماننىڭ ئالدىدا ماڭغانغا چۇشلۇق ئەمەلىي سۆز بىلەن قايىل قىل. ئىزدەپ تېپىپ چۈشىنىدىغان ئىش بولسا، سىزدەك زاماننىڭ ئالدىدىكىلەرنىڭ بىزگە ھەم زاماننىڭ ئالدىدا مېڭىشنىڭ نېمە ھاجىتى قالىدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kizzik99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-3 05:46 PM