گۇناھكار ئېشەك
شىر،يىلپىز،ئىت ۋە ئېشەك قاتارلىقلار بىر دالىدا تۇرشاتتى.ھاۋا تۇنۇردەك قىزىپ كەتكەن ،يامغۇردىن ئەسەر يوق.دەريالار قۇرۇپ كەتكەندى.ئېتىزلاردا گىياھ ئۈنمىگەن.
-بۇ نىمە كەلگۈلۈك؟نېمىشقا يامغۇر ياغمايدۇ؟ نىمىشقا ئاچارچىلىق بۇلىدۇ؟بىرەرىمىز گۇناھ ئۆتكۈزگەچكە تەڭرى بىزنى جازالىدى بولغاي،-دەپتۇ شىر.
-توغرا ،ئارىمىزدىن بىرى گۇناھ ئۆتكۈزگەن گەپ،-دەپتۇ يىلپىز.
-ئارىمىزدىن بىرى گۇناھ سادىر قىلغان گەپ،-دەپتۇ ئىت.
نۆۋەت ئېشەككە كەلگەندە ،ئۇ مۇنداق دەپتۇ:
-ھەممىمىز ئۆز گۇناھىمىزنى دەپ باقايلى .تەڭرى گۇناھىمىزدىن ئۆتۈپ ،يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس .
شىر گەپنى مۇنداق باشلاپتۇ:
-مەن چوڭ گۇناھ قىلغان . مەن يېقىن ئەتراپتىكى بىر كەنتتە بىر كەمبەغەلنىڭ كالىسىنى كۈرۈپ قېلىپ،ئۇنى يەۋەتكەن.
باشقىلار شىردىن قورقۇپ :‹‹ياق!ياق! ئۇ گۇناھ ئەمەس ›› دىيشىپتۇ.
يىلپىز مۇنداق دەپتۇ:
-مەن چوڭ گۇناھ قىلغاندىم.مەن جىلغىدا بىر مۇماينىڭ ئۆچكىسىنى كۆرۈپ قالغان.ئېتىلىپ چىقىشىمغا موماي مىنى كۆرۈپ قېچىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن مۇماينىڭ ئۆچكىسىنى يەۋەتكەندىم.
-ۋاي،ياق! ئۇ گۇناھ ئەمەس.
ئىت مۇنداق دەپتۇ :
-بىر قىزچاقنىڭ بىر مۈشۈكى بۇلۇپ ، ئۇ بۇ مۈشۈكىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى .مەن ئۇ مۈشۈكنى باسماقداپ يەۋەتكەندىم.
-ياق،ئۇ گۇناھ ئەمەس،-دەپتۇ باشقىلار .يۇقىرقى ئۈچى ئېشەككە بۇرلۇپ قاراپتۇ .
ئېشەك مۇنداق دەپتۇ:
- بىرى ماڭا مىنىپ بىر مەھەللىگە كىتىۋاتقاندى .ئۇ يول ئۈستىدە توختاپ بىر بۇرادىرى بىلەن پاراڭلاشتى.شۇ چاغدا يول بۇيىدىكى كىچىككىنە بىر ئوتنى يىگەن ئىدىم.
-مانا،مانا!گۇناھ دىگەن ئەنە شۇ ! تەڭرىنىڭ نىمىشقا بىزنى جازالىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندۇق،-دەپتۇ ئۇلار ئېشەككە قاراپ .ئۇلار تەڭلا ئېشەككە ئېتىلىپ بېرىپ ئۆلتۈرۈپ تاشلاپتۇ.
مەنبە: تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىقلار ئۈچۈن 2-قىسىم تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىك كىتابى