مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qartekin

دەرىسخانىدىكى ئادەم قېنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5572
تۆھپە نۇمۇرى: 557
توردا: 1052 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 09:51:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھۆرمەتلىك ئەنىۋەرجان ‹دەرسخانىدىكى ئادەم قېنى› ناملىق ماقالىڭىز ئارقىلىق توردا ئۇچراشقانلىقىمدىن بەك خۇشال مەن. مەن قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپى ئوقۇتقۇچىلارنى  تەربىلەش مەرگىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. مەنمۇ ئۇزۇن بولدى سىللە ئوتتۇرغا قويغاندەك  مەسىلىلەرگە دۇچكىلىۋاتقىنى. بۇ ماقالىللىرى ئارقىلىق دەرس ئىسلاھاتىغا قارتا تونۇشۇمنى ئۆستۈردۈم. يەنە داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرايلى.

♥LOVE✿KEY♥

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4547
تۆھپە نۇمۇرى: 605
توردا: 546 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 03:57:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارغا ئامال يوق.............. گەپنىڭ نۇقتىسىنى ئىيىتقاندا گۇناھ ئوقۇغۇچىدا ئەمەس ئوقۇتقۇچىدا، ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىسمۇ سىنىپ كۆچۈرىۋەگەندىكىن.................
ئوقۇغۇچىلارنى شۇنداق كۆندۈرۈپ قويغان......

گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .

ئادەم مەن دىگەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3157
تۆھپە نۇمۇرى: 498
توردا: 2809 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 05:58:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقتە سوزلىسەك بەك جىق سوزلەپ كېتىمىز ، ئانا تىل دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىلغا چولتىلىقىدىن باشقا دەرىسلەرنى ئوتۈشمۇ قىيىنلىشىپ كېتىپ بارىدۇ ، بالىلار ئەدىبىياتتا پىشمىغاچقا ،تەبى پەنلەردە لوگىكىلىق تەپەككۈر يۈرگۈزۈش ، مۇلاھىزە قىلىش ، پىكىر بايان قىلىشتا شۇنداق چولتا.بىر كۈنى ماتىماتىكىدىن بىر مەسىلىنى شۇنداق چۈشەندۈرسەم كوپ بالىلار ئاڭقىرالمىدى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلىدە نىمىنى نىمىگە سېلىشتۇرىۋاتىدۇ ، قايسى نەرسە بىر بىرلىك دىسەممۇ يەنە ئاڭقىرالمىدى،سەل گۇمانلىنىپ بىر جۈملىنى دوسكىغا يېزىپ بۇ جۇملىدىكى ئىگە قايسى، خەۋەر قايسى دىسەم ، پۈتۈن سىنىپ بويىچە جىم ئولتۇرۇپ قالدى ، شۇنداق ئەپسۇسلاندىم ، 5-يىللىتىكى بۇ بالىلارغا خېلى يامان ئەمەس دەپ قارايدىغان بىر ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچىسى يىل 5 دەرس بەرگەن ئىدى ، مۇشۇنداق ئاساستىكى قوش تىلدىكى ماتىماتىكىدىن پۈتۈنلەي خەنزۇچە دەرس ئاڭلايدىغان بالىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ شۇنچىلىك كېتىپ بارغىنىغا شۇكرى دىدىم ، كىتاپ ئوقۇتسام بىر چۈشۈرۈپ ھىسىيات بىلەن ئادەم تەسىرلەنگۈدەك ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئوقىيالايدىغان بالىدىن كوپ بولسا 2، 3 لا چىقىدۇ، سىجىل قاقشاپ كەلدۇق ،لېكىن ياخشىلىنىش بولمىدى، ئانا تىل دىگەن بالىلارنىڭ پۈتۈن بىلىملىرىنىڭ ئاساسى ،ئۇيغۇر مەكتەپلەردە ،ئۇيغۇر مۇھىتىدا چوڭ بولغان بالىلار تەپەككۇرنى ئانا تىل بويىچە يۈرگۈزۈپ ئاندىن باشقىغا ئاغدۇرىدۇ . ھازېر ھەممىنى خەققە ياكى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش، قاقشاش ئەۋېج ئىلىپ كەتتى ، ئەمىلى ئىزدىنىش يوق،  كوپ ساندىكى ساۋاتسىز ئاتا-ئانىلاردىن ۋايساۋەرگەننىڭ پايدىسى يوق، ئوقۇتقۇچىلار ئوزىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى ئۇستىدە ئويلىشىشىمىز كېرەك، چۈنكى بىز قانداقلا بولمىسۇن مۇشۇ مىللەت قوشۇنىدىكى زىيالى ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئالى تەربىيە كورگەنلەر . ئاتا - ئانىلارمۇ بالىلارنى كوپرەك كىتاپ كورۇشكە ، ئەنئەنىۋى تەربىيە، مىللەت ،تارىخقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە بېرىپ، بالىلارنى ۋېجدانلىق ، ئەقىدىلىك بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   apirida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-29 06:01 PM  


ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74035
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-1-26
ئاخىرقى: 2012-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 06:22:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا بىزنىڭ باللىرىمىزنىڭ تەپەككۇرى ئولۇك. شەيئىلەرگە قارىتا ھەر تەرەپلىمە مۇلاھىزە  قىلىشنى بىلمەيدۇ. يىڭى ئىجادى پىكىرلەرنى ئوتتىرىغا قويالمايدۇ.
  ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى بولغان   ئوقۇتقۇچىلار بۇ مەسىلىنى چوڭقۇر ئويلاپ بىقىش كىرەك.
يەنە بىر تەرەپتىن مائارىپ ساھەسىدە سىزگە ئوخشاش مەسىلىلەرگە ئەقىل كۆزى بىلەن باھا بىرىدىغان رەھبەرلىك بەنزىسى بولۇش كىرەك..

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

ئاكتىپ ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4906
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 4455 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 11:25:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


          بۇ ماقالىنى مەن ئىلگىرىمۇ ئوقۇغان ، ھەقىقەتەن  ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇپ  ئويلىنىشقا تېگىشلىك ماقالە . ئەمما  ، كەسىپ ھەققىدە يېزىلغان  مۇشۇنداق  ئەھمىيەتلىك ماقالىنى  ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ ئۆز كەسپى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قانچىلىك ؟ مەن بۇ يەردە بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى دېمەكچى ئەمەسمەن ، ئارىمىزدا ئۆز كەسپى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىدىغان ، مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز نۇرغۇن .  ئەمما  بەزى ئوقۇتقۇچىلارغا  ۋە ئوقۇتۇشتىكى بىر قىسىم ئەھۋاللارغا قاراپ مۇنداق ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم :
        بەزى ئوقۇتقۇچىلار كەسپىنى ياخشى كۆرمەيدۇ .  ( ئەتراپىمدىكى مەن كۆرگەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارغا قاراپ شۇنداق يەكۈنگە كەلدىم ...) ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى ياخشى كۆرمەسلىك ياكى  قىلىشنى خالىماي زورغا قىلىشتىن ئارتۇق ئازاپلىق ئىش بولمىسا كېرەك . ئۆز كەسپىنى سۆيمىگەن كىشى ئەلۋەتتە ئۇ كەسىپ ھەققىدە باش قاتۇرۇشنى ياكى جاپا تارتىشنى خالىمايدۇ ، دېمەك ، قىلىۋاتقان كەسپىنى پەقەت مەجبۇرىيەت ئۈچۈنلا قىلىدۇ خالاس !
             يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ ياكى كىچىك بالىنى كۆرسىلا بېشى ئاغرىيدۇ ، بالىلار پىسخىكىسى ۋە بالىلار دۇنياسى ھەققىدە ئازىراقمۇ قىزىقىشى يوق ، ئەشۇ بالىلارنىڭ قەلبىنىڭ نەقەدەر غۇبارسىز ، پاك ئىكەنلىكىنى ئەشۇ پاك قەلىبكە ئۆزلىرىنىڭ ئىز سالىدىغانلىقىنى ئەشۇ سالغان ئىزىنىڭ بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە ئەڭ مۇھىمى مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ ياكى چۈشىنىشنى خالىمايدۇ . مېنىڭچە ، ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن كەسپىنى ۋە بالىلارنى سۆيۈشى ، ياخشى كۆرۈشى كېرەك . بالىلارنى ياخشى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ قەلىب ئىشىكىنى ئاچالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس ، قەلىب ئىشىكى تاقاق ھالەتتە بېرىلگەن بىلىم مېنىڭچە ئىشىكنىڭ سىرتىدا قىلىپ قېلىۋېرىدۇ !
         
         بۇ ماقالىدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى مىسالغا ئېلىنغان ئىكەن ، شۇڭا يەنە بىر قارىشىمنى قىستۇرۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ .  مېنىڭچە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار كىتاپ ئوقۇمايدۇ ياكى ئوقۇشنى خالىمايدۇ . ئۇلارنىڭ سائەت - سائەتلەپ كىيىىم - كېچەك ، مودا ياكى ئاخشام بارغان قاتار چاي ، توي - تۆكۈن ، ئىچىلگەن ھاراق ....... ھەققىدە پاراڭلىشىشقا ، قۇرۇق غەيۋەت قىلىشقا ۋاقتى بار - يۇ ، 15 مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇشقا ۋاقتى يوق .  ئوقۇتقۇچىنىڭ كىتاپ ئوقۇماسلىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كىتاپ ئوقۇماسلىقىچۇ ؟ كىتاپ بىر تەرەپتىن تەپەككۈر ئىقتىدارىمىزنى بېيىتسا يەنە بىر تەرەپتىن نۇتۇق قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ .(    بۇ ھەممىگە ئايان  سۆزلەشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك  ) ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا  قولىغا كىتاپ ئېلىپ قويمايدىغان ، بىرەر ئەدىبىي ئەسەر ياكى بىرەر پارچە ماقالىنى ئاخىرىغىچە ئوقۇشنى خالىمايدىغان ئوقۇتقۇچى ئەلۋەتتە دەرسخانىدا ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان ئوقۇتقۇچىدەك تىللاردا داستان بولغان قەھرىمانلارنىڭ باتۇرانە قۇربان بېرىشىنى   « ئۆلۈپتۇ  » دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىمەي ئامال يوق تە ؟!
      بىز ئوقۇتقۇچىلار  دەرسخانىدىن ئىبارەت جايدا  مىللىتىمىز كەلگۈسى بولمىش ئەۋلاتلىرىمىزغا بىلىم ، ئەقىل ، مېھىر ئۆگەتكۈچى ، ئادىمىيلىكنى يېتىلدۈرگۈچى ، ئۆزلىكىنى تونۇتقۇچى  ، خاسلىق يېتىلدۈرگۈچى . دېمەك ۋەزىپىمىز ئېغىر ، ۋەزىپىمىز شەرەپلىك ! .............
      

چىراقپاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 571
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 423 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 11:51:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹دەرسخانىدىكى ئادەم قېنى››ماۋزۇلۇق بۇ ماقاقالە ناھايتى ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ،ھەم نادىرلىغىدەك تېما بوپتۇ...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79460
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 10:19:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قارتېكىن،ئۇشبۇ ماقالىنى تورغا بەرگىنىڭىزگە رەخمەت! مۈمكىن بولسا ئاپتور ئىسمىنى تولۇق ئالغان بولسىڭىز: ئەنۋەرجان سادىق كۆنۇر،ئەمەس كۆكنۇر،دەپ،بۇ بىر ئىملا جەھەتتىكى دىققەت قىلماسلىققۇ؟ ھېچقىسى يوق،يەنىلا ‹‹گەپ غىلاپتا ئەمەس،پىچاقتا››،رەخمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79460
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 10:49:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەخەتجان،ئاپىرىدە،تۈركىناز قاتارلىق تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسى رىئالنى مەسىلىلەرنى چىقىش قىلغان،مەنمۇ ھەم شۇ.
رېئالىقتا ياشاۋىتىپ ئۇنىڭدىكى ئىش-ھادىسلەرگە پەرۋا قىلماسلىق،شۇ ھەقتە بەلگۈلۈك قىممەت قارىشى بويىچە شۇ مەسىلىلەرنى باھالىماسلىق-بىر ۋىجدانلىق زىيالىنىڭ ئىشى ئەمەس.
‹‹سەن سالار،مەن سالار،ئاتقا ساماننى كىم سالار؟›› دېگەندەك،ھەممىمىز ئۇلۇغ گەپ قىلالايمىز،ھەممىمىز ھۇررا،دېيەلەيمىز،ئەمما كىم شۇ ئىشنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ قىلىدۇ؟ دېگەن مەسىلە يەنىلا مەسىلە پېتى قېلىۋەردى.
دەرسخانا ئوقۇتىشى-ئوقۇتۇشتىكى ‹‹ئالدىنقى سەپ››  تۇرۇپ،‹‹قاسساپقا پۇل بېرىپ ناۋايغا قارايدىغان›› مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ياكى ‹‹قۇيرۇق كۆرسىتىپ،ئۆپكە ساتىدىغان›› ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىزنى ئاستا-ئاستا بەربات قىلماقتا... ئوقۇتۇش مۇھىم -يۇ،ھېچكىم بىر سائەت دەرسنى ياخشى ئۆتەلمىگەن ئوقۇتقۇچىغا جەرىمانە قويۇپ باقمايدۇ،شۇ ئوقۇتقۇچى پەقەت سىنىپقا كىرسىلا بولدى...چىقسىلا بولدى... مانا مۇشۇنداق ‹‹ئاخۇنۇم جىجىقتەك›› بىر ئورنىدىن چىقالمايدىغان ئەبجىقى چىققان ئوقۇتۇش-بىزنى ئاستا-ئاستا چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە...
يىلدا بىر بولسىمۇ  ئۈمىد ئېلىپ كېلەلمىگەن ئوقۇتۇشنى ئوقۇتۇش ئەمەس بەلكى ئەپلەپ جان بېقىش دېسەك بولىدۇ. دەرسخانا ئوقۇتىشى يېڭىلانماي تۇرۇپ،يېڭىلىق ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىدە ئەمەلىيلەشمەي تۇرۇپ،توۋلىغان ھەر قانچە ئۇلۇغ گەپ=نۆلگە.
تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە چارە-تەدبىر،تەكلىپىلىرىنى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 2026
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16340
تۆھپە نۇمۇرى: 1907
توردا: 8185 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 12:02:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
a.s.koknur يوللىغان ۋاقتى  2012-5-1 10:49 AM
مەخەتجان،ئاپىرىدە،تۈركىناز قاتارلىق تورداشلارنىڭ بۇ  ...

توغرا دەيسىز دوستۇم!~

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2470
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 12:19:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turkinaz0992 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-29 11:25 PM
بۇ ماقالىنى مەن ئىلگىرىمۇ ئوقۇغان ، ھەقىقەتەن  ھ ...

ئەتراپلىق پىكىر قىلىپسىز!
مەن ئويلايمەن، مۇشۇ تىمىنى كۆرۋاتقان، ئىنكاس يېزىۋاتقانلار ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلار يوقمىدۇ؟
بار بولسا شۇلارمۇ ھە ئۇ دەپلا شارىتتىدە قاتۇرۇپ « ياخشى يېزىپسىز » دەپ قويۇپلا يەنە ئۆزى بىلگىنچە قىلامدىغاندۇ؟

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش