مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yixilaiuqkur

ھاياتىمدىكى ئەڭ ئېغىر سىلكىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79246
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 194
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 03:41:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ نىڭ ماڭىمۇ باش پۇرژىناستەك ئۆزىنىڭ (اللاھىنىلا) سۆيىدىغان قەلىپ ۋە پاك دىل ئاتا قىلىشىنى تىلەيمە...
ئىھ ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭ ئىشقىنى سالغايلا، ئۆزلىرىگە يىقىن قىلغايلا، گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيلە ئامىن!

بۇدۇنيا غەپلەپ ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، بەلكى ئويغۇنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر.

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 05:34:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«بۇھاياتىمدىكى ئەڭ ئېغىر سىلكىنىش بوپقالدى» ئەي قېرىندىشىم ئالىملارنى-بىلىملىك ئادەملەرنى ھۆرمەت قىلىڭ !!! لىكىن ،ئۇلارسىزگە چاقرىق قىلىپ قۇلىڭىز دىن تۇتۇپ ماڭسا ھەرگىز ئىشەنمەڭ !!!


ماۋۇ ئابزاستىن ‹‹ مەن ›› نىڭ شۇ خىل كىشىلەردىن ئازاب يىگەنلىكى چىقىپ تۇرۇپتۇ . ئەمما كۆپلىگەن چۈشەنمەسلىكلەر كېلىپ چىققاندەك تۇرىدۇ . ئەمما بەزى يىگىتلەر ‹‹ مەن ›› ئېيتقاندەك بەزى ئايال زاتى تەرىپىدىن يەتكەن چاڭ - توزاڭ بىلەن شۇ خىل خەتىرى ئەڭ قىيىن بولغان تەۋەككۇلچىلىقتىن ھەقىقەتەن قورقىدۇ .
ئەمما ‹‹ مەن ››  نىڭ ‹‹سىزگە چاقىرىق قىلسا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەڭ ›› دېگىنى سەل كاللامدىن ئۆتمىدى ۋە ھەقىقەتكە لايىق رەۋىشتە چۈشمەي قالدى . چۈنكى ئاللاھ يىتىنملەرنى ۋە چۆرىلەرنى ئاۋال يىتەكلەشكە ، ئاندىن ئۇلارغا مېھىر ھەققى بىرىپ ئۆيلىنىشكە تەكلىپ قىلغان .
‹‹ مەن ›› نىڭ سۆزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا . ئۇنىڭ ئېتىقادىنىڭ پاكلىقى ۋە كۈچلۈكلىكى چىقىپ تۇرىدۇ . ئەمما ئىلمىسى ئازلىق سەۋەبلىك بۇ خىل يىتەكلىنىشتىكى ئەسلى ماھىيىەتلەرنى چوڭقۇر تۇنۇپ بولالمىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ .
بارماقنىڭ گىپىنى قىلغانغا قارىغاندا كۇنۇپكا تاختىلىق سۆيگۈدەك قىلامدۇ بۇ . ئەھۋال شۇنىڭدەك بولسا خەت - چەكلەرنىڭ يېزىلىشى ۋە تۈزۈلىشى ئەسلى تىلغا ئوخشىمايدۇ . مەۋھۇم رىئاللىقنىڭ پەقەت ھىسسىي تەرىپىدۇر . بۇ خىل رەۋىشتە يىتەكلەش ۋە يىتەكلىنىش بەسى مۈشكۈلدۇر . چۈنكى بۇ خىل يىتەكلىنىشتە ھەقىقىي رەۋىشتە چوڭقۇرلۇققا ئورۇنلىنىش بولالمايدۇ . چۈنكى رىئاللىقتىكى رادارى قىممەت بىلەن مەۋھۇمنىڭ ئوخشىمايدۇ .
بەلكىم ‹‹ مەن ›› نىڭ مەۋھۇملۇقتا يىتەكلىنىشتىكى ئىشەنچىسىنىڭ ئۈزۈلىشى ھېچ سەۋەبسىز ئەمەستۇ . چۈنكى بۇ مەۋھۇملۇقتا بىر كىشىنىڭ بىر كىشىگە كېپىل بولمىقى ئىنتايىن مۇمكىن بولمىغۇدەك دەرىجىدە مۈشكۈلدۇر .
ئىلگىرى مەنمۇ تېلىفۇندىكى تور بوشلىقىدىكى بىر قىز بىلەن يېقىن دوستلىشىپ قېلىپ مۇھەببەت تەرەپتىن بەكلا قىينىلىپ كەتكەن ئىدىم . گەرچە بۇ خىل تەرەپلىك مۇھەببەتتە يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ ، ئەمما مۇھەببەت ئاجايىب بولىدىكەن ، ئىككى تەرەپنىڭ رادارى قىممىتى يەنىلا مەۋجۇت بولىدىكەن  . ئۇلارنىڭ بىر - بىرلىرىدىكى ئاغرىنىش ، قىيداشلاردىكى كۆڭۈل يېرىملىقلىرى بىر - بىرلىرىگە ھەم تەسىر قىلىدىكەن . مەن شۇ ۋاقىتتا نېمىشقىمۇ بۇ خىل رەۋىشتە مۇھەببەتلىشىپ قالغاندىمەن دەپ ئۆكسۈپمۇ كەتكەن ۋە ئۆزەمدىن نەپرەتلىنىپمۇ كەتكەن ئىدىم . بۇنىڭدەك مۇھەببەتتىن ئاللاھ ئۆزى ساقلىسۇن . مەن بۇ ھالىمدا بۇنىڭدەك تەۋەككۇلچىلىقتىن قورقىمەن . بەلكىم ‹‹ مەن ›› نىڭ دوستى ، شۇ پەرىشتىسى مەندىن يۈكسەك دەرىجىدە پاك ۋە ئېسىلدەك قىلىدۇ . شۇ چېغىدا بۇ خىل مۇھەببەتتىن قورققان ۋە قاچقان بولسا يىگىتنى بەكمۇ ئەيىبلەشپ كەتكۈلۈك ئەمەس !!!
ئۇنى باشقىلارغا ئېتىقدا ئۇرۇقىنى چاچىدىغان دەپ شەرھىيلەپتۇ . شۇنداق بولغان ئىكەن ، بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى بىر ئايالنىڭ مونوپول قىلىۋېلىشى ھېچ ئەقىلگە ياتمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر ‹‹ مەن ›› مەن ئېيتقانداق قىسمەتكە دۇچ كەلگەن بولسا ئۇ يىگىتتىن ئاغرىنمىسۇن . ئېچىلغانلىرى كەتكەن بولسا تېخى ئېچىلىپ بولالمىغان غۇنچىلىرى زاپاس ئىككى ئۈچى بار بولىدۇ .
شۇڭا نىكاھ غەيىب دىيىلىدۇ . ئاللاھ شۇنداق ئىرادە قىلغان بولسا ھامان شۇنداق بولماي قالمايدۇ . تەقدىردىن ھېچ كىشىنىڭ ئاغرىنىشىغا ئۆزرىسى يوقتۇر . ‹‹ مەن ›› گەرچە ئېتىقاسىز كىشىلەرنىڭ گىپىنى چىقارغانغا قارىغاندا ئۇنىڭ شۇلار تەرىپىدىن يولدىشى ۋە باشقا تۇغقانلىرى باردەكمۇ قىلىدۇ . ئەھۋال بۇنىڭدەك بولسا ، بەزى ئەھۋال ئاستىدا بۇ خىل مۇھەببەتتىن قاچمايمۇ بولمايدۇ .
ئىش قىلىپ بۇ بەكلا مۇرەككەپ جەريان ئىكەن . ئاللاھ  بەختىڭىزنى بەرسۇن ، شۇ ھەر ۋاقىت ئىستەك ئىچىدىكى پەرىشتىڭىزگە يەتكۈزسۇن !!!

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مەن گۇلگە ئامراق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8344
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 2393 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 06:43:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانغا- بەك چوقۇنۇپ كېتىش خاتادۇر. پەقەت ئاللاھقىلا چوقۇنۇش لازىم. ئاللاھ ئەڭ ياخشى چوقۇنغۇچىدۇر!

تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 11:00:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى بۇ تېما ئىگىسى . ئاغزىنى ئازراق تاتىلاپ گەپ ئالاي دېسەم جىممىتىلا بوپ قالدىغۇ ؟
ھوي ئايال ھوي ! بىر نىمە دېمەمسىز ، سىزنىڭ گۇمانىڭىزتوغرا ياكى خاتا دەپ !
ئازراق ئۇقۇشماسلىقلار سەۋەبلىك بۇنچە تېما يېزىپ لەنەت ئوقۇغۇدەك ۋە باشقىلارغا شىكايەت قىلغۇدەك ئانچە چوڭمۇ ئىش ئەمەس ئىكەن بۇ ؟

سىلەر چېغىڭلاردا بۇنچە بولساڭلار ، مەن سىلەردەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەتتىم . ئەمما كىچىككىناڭ ئۇقۇشماسلىقتىن بۇنچە رەنجىگۈدەك كۆڭلۈڭلار بولسا ، مەن سىلەرگە ئوخشاش قىز - ئاياللاردىن يالتايغۇدەكمەن جۇمۇ !
مەن سىلەرنى ئەڭ قىممەتلىك دەو ئويلايتىم ، ئەمما سىلەرنىڭ قىممىتىڭلارغا ئەگىشىپ خەتىرىڭلارمۇ چوڭ ئىكەن . ئادەتتىكىدەك كىشىلەرنى تۇيۇقسىز ، غەپلەت باسقان بىر ۋاقىتلاردا ئازابلاپ قويۇش بەكمۇ خەتەرلىك .ىش ئەمەس . چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى سىلەردەك چوڭقۇر ئەمەس . ئەمما سىلەردەك ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويۇش ئۆزىگە ئۆزى قىلغانلىق بولىدۇ . چۈنكى سىلەر ئازراقلا بىر كۆڭلۈڭلارغا ياقمىغۇدەك ئىشقا دۇچ كەلسەڭلەر بىزنى قاغاشقا ، رەببىڭلارغا شىكايەت قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ بىزلەرنى چاپسانلا جازالىشىغا تىل ئىشتىدىكەنسىلەر .
مەنمۇ سىلەردەك ئاياللارنى ئىزدەپ يۈرەتتىم . ئەمما سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزدىن مەن راستىنلا سىلەردىن خېلى يالتايدىم . چۈنكى رەببىگە ئاشىق بولغان ئايالنىڭ كۆڭلىنى بىلمەسلىكتىن ۋە بىرەر ئۆزرە بىلەن بولسىمۇ ئاغرىتىپ قويۇش باشقا كىشىلەرنى ئاغرىتىشلارغا ئوخشىمايدۇ .
بەلكىم مەنمۇ بۇ خىل نىكاھنى بۇ دۇنياغا ئەمەس كىلەركى دۇنيارىمغا نىسبەت بەرگەن ھاللاردا كۆڭۈل بوشلۇقۇمغا قويسام بولغۇدەك .
مەن ئاياللارنى بەك چۈشەنمەيمەن . سىز بۇنداق دەپلا قېچىۋالماي ئازراق مۇنازىرىگە چۈشمەمسىز . بەزى تەرەپلىك قىممەت ئاشكارا بولسا بەلكىم بۇ خىل ئاياللىق نىكاھنى تىلەش قىممىتىم ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن .


سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 11:53:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ ئايال شۇنداق قىلىپ جانلىقلار قاسراق تاشلىغاندەك بۇ ئىسمى بىلەن تېمىسىنى تاشلاپ قاچتى دەيلى ؟!
قارىغاندا ئۇنىڭغا بۇ خىل سىلكىنىش خېلى قاتتىق تەككەن ۋە شۇ ئاچچىقىدا ئىچىنى بۇ ئورۇن بىلەن بوشۇتۇشنى قارار تېپىپ شۇنداقلا بىر چىقىپ كىقىرىۋېتىپ قاپتۇ دە ھە ؟ بۇنىڭغىمۇ سۈكەت قىلغان قىلغان ھاللاردا ئازراق چۈشەنچە بىرەيلى ، قانداق قىلىمىز ، ئاللاھقا ئاشىق بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئاللاھنىڭ قورغانى مەيدانىنى ، ئۆزىنىڭ ياشاشلىق ، ھاياتىدا بىلىشكە تىگىشلىك ۋە ئىشلەشكە تىگىشلىك ئىشلارنى بىلمىسە يەنىلا خاتالىقلاردىن ۋە كۆپ زىيانلىقلاردىن نېرى كېلەلمەيدىغان گەپ تۇرسا !
رۇسۇللاھنىڭ ۋاقتىدا ئۇرۇش توختىدى . ساھابىيلار ئۇرۇشتا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ جەسىتىنى ئىزدىشىۋاتاتتى ۋە تاپقانلىرىنى يەرلىكىگە قويۇش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلىشىۋاتاتتى . شۇ ئەسنادا بىر مېيىتنىڭ بەدىنىدىن ھۆللۈك تۇراتتى ، ھەتتە ئۇنىڭ چاچلىرىدىن سۇ تامچىيتتى . ساھابىيلار بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىشقان ئىدى . چۈنكى بۇ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ۋە قۇرغاقچىلىق قاپلىغان بۇ مۇساپىدە بۇ خىل ئەھۋال ھېچ ئەقىلگە سىغمايتتى . ھەمدە بۇ ئەھۋالنى رۇسۇللاھقا خەۋەر قىلىشتى . رۇسۇللاھمۇ بۇ ئىشتىن قاتتىق ئويلاندى ۋە جەڭ ئاياغلىشىپ ھەممە قايتقاندا رۇسۇللاھ ھېلىقى ساھابىسىنىڭ ئايالىدىن بەزى مەلۇماتلارنى سورىدى ۋە ئىشنىڭ ماھىيىتى ئېنىق بولغان ئىدى .
ئايال ئېيتتىكى : - قۇشۇن جەڭگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى مەن ئېرىمگە بىر قېنىۋالغۇم كەلدى ۋە ئۇنى يېنىمغا تارتتىم . ئەمما بىز بىللە بولىۋاتقان ۋە مۇھەببىتىمىز كۆتۈرىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا جەڭگە چاقىرغان گۈدۈك ئاۋازى ياڭرىدى ۋە قۇشۇن گۈلدۈرلەپ سەپەرگە ئاتلاندى . ئېرىم شۇ ئەسنادا مەندىن ، لەززەتتىن ۋە ھەتتە يۇيۇنۇشتىن ئۆزىنى توسۇپ كىيمىنى كىيگەن ھالدىلا خوش دەپلا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى - دېدى .
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان رۇسۇللاھ شۇنداق ئېيتتىكى : - بۇ قېرىندىشىمىز ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى پەرىشتىلەر ئۇنىڭ بەدىنىنى يۇيۇپتۇ . شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن ھۆللۈك بولغان ئىكەن !
شۇنداق ، ئاياللار ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى ئۈچۈن << سىزلەرگە >> ئوخشاش ھەمىشە كاتتىلارنىڭ كاتتىلىرىغا كۆيۈش ۋە ئۆزەڭلەرنىڭ قاياشىدىكى يەتتە ئاشىق مەشۇقتىن كىيىن سەككىزىنچىسى بولۇشنى ئۈمىد قىلىسىلەر ۋە شۇ خىل مۇھەببەتنى تىلەشكە ئامراق بولىسىلەر . ئەمما ھامان بۇ خىل كىشىلەردىن ئايرىلىپ قالىسىلەر . بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىلەر ؟ چۈنكى سىلەر غېرىپلىق باسقاندا ئاللاھنى ئەسلەيسىلەر ، ئەمما شۇنىڭدەك ئەرگە ئېرىشسەڭلەر غەپلەتتە قېلىشقا تىرىشىپ قالىسىلەر . چۈنكى سىلەر بۇ دۇنيالىقتىكى ئەر - ئاياللىق مۇھەببەتنىڭ چېكىنى تاپالمايسىلەر ۋە ئۆزەڭلەر بۇ چەكتىن مۇشۇ تېمىدىكى كۆز قاراشتىكىدەك ھەددىدىن زىيادە مۇھەببەتلىكنى تەلەپ قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇھەببەتتىن يۈز ئۆرۈپ قالىسىلەر ۋە قارشى تەرەپلىك ئاللاھقا ئاشىقلارنى خۇددى سىلەر ئاللاھقا بولغان ئاشىقلىقتىن چاپسانلا يۈز ئۆرىگەندەك يۈز ئۆرۈتۈشكە قىستاپ قويىسىلەر . بۇ خىل غەرىزىڭلەر ھەممىلا تەقۋادارلارغا سىڭىشىۋەرمەيدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى پەقەت ئاللاھنىڭلا بىر تەرەپ قىلىشى ھامىيلىقىغا قويۇپ قويغان ، ۋە شۇ خىل ھامىيلىقى ئاستىدا قايسى شەيئى ئۆزلىرىگە زىيانلىق بولسا شۇلاردىن قەتئى يېنىش ۋە پايدىلىق بولسا چوقۇم ئۇنىڭغا چاپلىنىشتەك ھەمىشە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىغان ۋە ھەممە ئىشىدا ئىستىخار - ئىقبال قىلىدىغان يۈكسەك پەللىنى كۆزلىگەن پاك كىشىلەر ھەم بار .
<< سىز >> مەن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەم ئاللاھقا ئاشىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم ، دېدىڭىز . ھەممىلا كىشى سىلەردەك ھەممىنى دەپ يۈرەلمەيدۇ ۋە دىيەلمەيدۇ . ئەمما بەزىدا ئىش چېڭىغا چىققۇدەك بولسا ئاندىن بەزى ئەھۋاللارنى ئېيتىدۇ .
بۇ يەردە يەنە بىر ئەھۋالنى بايان قىلمىسام بولمىدى . بىر ئاغىينەم توي قىلىشتا قىز ئىزدەپ يۈرگەن ۋاقىتنىڭ بىرىدە ئۇنىڭغا بىر قىز ئۇچىراشتۇرۇلۇپتۇ . ئەمما ئۇ قىز ئۇنىڭغا << مېنىڭ كۈتىدىغىنىم بار ئىدى >> دەپ ئۇنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ قاپتۇ . ئۇ ئېيتتىكى : - ئىسىت ! ئۇ ھەقىقەتەن كاڭ تۆپىسىدىن چۈشۈرمەي بېقىۋالغۇدەك دەرىجىدە ئېسىل قىز ئىكەنتۇق ؟!
ئەمما مەن ئۇنىڭغا باشتىلا ئېيتقان . - سىز ياخشى ئايال بىلەن  توي قىلىمەن دەيدىكەنسىز ، چوقۇم ئۆزىڭىزنى ئاۋال شۇنچىلىك دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىشىڭىز كېرەك . چۈنكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىسىدە ياخشى ئەرلەر پەقەت ياخشى ئاياللارغىلا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ، يامان ئەرلەر ھەم يامان ئاياللارغىلا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان . سىز شۇنچە تىرىشتىڭىز ، ئەمما مۇشۇ نىجىز تاماكىنى تاشلاپ بولالمىدىڭىز . شۇنداق تۇرۇقلۇق سىزگە شۇنداق كاڭ تۆپىسىدىن چۈشۈرمەي دىگۈدەك قىزلار نىكاھلانسا بولامتى ؟ ئۇنداق بولسا ئاللاھ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان بولمامدۇ ؟ - دېدىم .
ئەھۋال ئەنە شۇنىڭدەك . مەيلى ئۇ ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئۇ ئۆزىنى ئۆزى ياقتۇرغان تەرەپلىك قىممەتنى خالىغان ھاللاردا ئۆزلىرىنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا چوقۇنۇش كېرەك ، ئەنە شۇ چوقۇنۇشتىن پايدىلىق رەۋىشتە ئۆزلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز كېرەك . ئاندىن تېما ئىگىسىدەك دىنسىزلارنىڭ ئارىسىدا قالمايدۇ .
ئەرلىك تۇرۇپ ياكى ئاياللىق تۇرۇپ باشقا ئەر - ئاياللارغا ئاشىق بولۇشقا بولمايدۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ قىممىتىگە ، زاتى - سۈپىتىگە ئاشىق بولۇشقا ، ئۇلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىغا مۇھەببەت باغلاشقا بولىدۇ . بۇنى ھېچ كىشى تۇسۇپ قالالمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ مىسالغا لۇتنىڭ ئايالى بىلەن پىرئەۋننىڭ ئايالىنى قۇرئاندا مىسالغا ئالدى . لۇتنىىڭ ئايالى بولسا يامان ئەمەللىك كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە ، تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ، ئۇلاردىكى كۈچلۈك مەۋقەگە ئاشىق ئىدى . پىرئەۋننىڭ ئايالى بولسا مۇسا ئەلەيھىسسالامدىكى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىنىي قىممەتتىكى ھاياتىي سۈپەتكە باغلانغان ئىدى . شۇ ۋەجىدىن ئۇ ئاللاھدىن تەلەپ قىلدىكى : << ئى پەرۋەردىگارىم ! ماڭا جەننەتتىن بىر ئۆي ھازىرلاپ بەرگىن ! >>
كىشى قايسى ھالەتتە ئالامدىن ئۆتكەن بولسا ، مەھشەر كۈنىدە شۇ ھالەتتە تۇرغۇزىلىدۇ . دېمەك ، جەننەتتىن بىر ئۆي بېرىلگەن ئىكەن ، چوقۇمكى مۇشۇ ئالەمدە ھەم بېرىلگەن بولىدۇ ياكى ۋەدە بېرىلگەن بولىدۇ . بۇلارنىڭ ھەم دەرىجىسى بولىدۇ . دەرىجە چوقۇم شۇ كىشىنىڭ دىندا ۋە ئىسلامدا يۇقىرى تۆۋەنلىكى بىلەن چوڭقۇر باغلىنىشلىقى بولىدۇ .
ئەمما ئۆزىنى شۇنىڭدەك دىنسىزلار ئارىسىدا تۇرۇپمۇ يەنىلا ياخشىلىققا ئىسلاھ قىلماستىن ، ياخشىلىققا ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن قول سۇنغان شۇنىڭدەك ياخشى كىشىلەرنى مونوپۇل قىلىۋېلىشقا قىستىغاندىكىن ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ، ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنى تىلىگەندىكىن ۋە ئارىلىقتا نۇرغۇن ئىشلار بار ئوخشايدۇ ، شۇ خىل كىشىلەرنى مېڭىۋاتقان يولىدىن تازدۇرۇشقا تىگىشلىك جەريانلارغا قىستاپ قويغاندىكىن ، ئەلۋەتتە قاچماي بولمايدۇ . چۈنكى سۇ ئۈزۈشنى بىلگەن كىشى ، بىلمىگەن كىشىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا بارغاندا ، ئۇ كىشى ئېھتىيار قىلمىسا قارشى تەرەپ ئۇنى چىڭ تۇرىۋالغانلىقتىن ئىمكانىيەت بەرمەي بۇرۇقتۇرمۇلۇقتا قالدۇرۇش بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىدىن بالدۇرلا ئۆلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلسۇن ۋە ئۆزىنىڭ توغرىلىقتىن چىقىپ كىتىۋاتقان قورغانى مەيدانىغا ئەمەس ئىسلامىي مەيدانغا قارىتا ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئىسلاھ قىلسۇن . ئەنە شۇنىڭدەك ئەھۋالدىلا ھەر ئىككى تەرەپ دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ تىگىشلىك رەۋىشتە مۇھەببەتتىن تەڭ بەھىر ئالالايدۇ . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ھامان ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدۇ . مەنمۇ مۇشىنىڭدەك ئاياللاردىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن . بىزنىڭ قەلبىمىزگە ھەقىقىي ئىسلامىي مۇھەببەت ئورنىمايدىكەن ، ھامان بۇ خىل قورغاندىن چەتنەپ چىقىپ كېتىدۇ . ھەتتە ئىچىمىزنى تارلىق قاپلىۋېلىپ ، خۇددى شۇ كىشىلەر تاشلاپ كەتكەندەك ، خورلاپ قويغاندەك ھىس قىلىپ ئارقىدىن تىللاشقا ، باشقىلارغا ھەم غاجاشقا ، مۇنبەردە باشقىلارنى بۇ خىل كىشىلەردىن ھەم قېچىشقا كۈشكۈرتۈپ ئەمەس بولغان سۆز - ھەركەتلەرنى قىلىشقا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ .
تېما ئىگىسى ! سىز ياكى مۇشۇ بۇنبەردىكى ئايال بولۇڭ ياكى باشقا مۇنبەردىكى ....... ئاياللاردىن بولۇڭ ، بۇ ھالىتىڭىزدە مېنىڭ قېرىنداشلىرىمدىن ئاغرىنماڭ ۋە ئۇلارنى چۈشەنمەستىن سېسىتىشنى مەقسەت قىلماڭ . مۇنبەرلەر ئارا ئەمدى مۇشۇ خىل كىشىلەر قالغان چاۋىسىنى يايمىغان . بۇنى سىز باشلاپ بەردىڭىز . سىز ۋە باشقىلارمۇ بۇ خىل بېشەملىكتىن ، ئىچى تارلىقتىن قۇتۇلمىقى ھاياتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئويلىنىشقا تىگىشلىك بولغان ئويلىنىش ئوبىكتىدۇر .  
تېما ئىگىسى ھەقاچان ماڭا زەھەرخەندىلىك بىلەن قاراۋاتقان بولىشى مۇمكىن ، ھاياتىمدىكى ئەڭ ئېغىر سىلكىنىشتىكى ھالىمغا تەسەللىي بەرمەي كۆڭلۈمنى ئاغرىتتى دەپ . مەن شۇ تاپتا تەسەللىينى سىزگە ئەمەس ، شۇ يىگىتكە بېرىشنى قارار تاپىمەن . ئەمما سىز ئاچچىقىڭىزنى ئۇرۇپ ئېلىشقا ماھىر ئىكەنسىزغۇ ھە ، شۇڭا مېنى قاغىسىڭىزمۇ مەيلى ، مۇمكىن بولسا ئۇچۇردا تىللىسىڭىزمۇ مەيلى . مەن پەقەت دەيدىغاننى دېدىم .
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە باشقىلاردىن ئاغرىنىشتىن ئىلگىرى ، ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەتلەردىن ئاغرىنىشتىن ئىلگىرى ئۆزلىرىدىكى بەزى كۇفرىلىقلارنى بايقىسۇن ! ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشى ، غەرىزىنىڭ توغرا - خاتالىقى ئۈستىدە قاتتىق ئويلانسۇن !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78899
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 95
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 07:01:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىەتەن  ياخشى  ييېزىپسىز   لىكىن  بۇندىن  كىيىن  ئەسەر  يازسىڭىز   چۇقۇم  ئابزاسقا  ئايرىپ  يازغايسىز؟  تاس  قالدىم  نەپىسىم  يىتىشمەي  قان  قۇسۇپ  ئولگىلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79860
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 09:35:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتىما ياخشى چىقىپتۇ يەنىمۇ تىرشىڭ!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش