kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 10:13 PM
باشتىن ئاخىر دەپ كەلدىم،
قىلغانلىرىم چاخچاق دەپ.
قىزز ...
مەنمۇ «ماقۇل» كاككۇكجان،
چاقچاقلىقىنى بىلگەندىم،
يولىدا بولسۇن مەقسىتىدە،
شۇلارنى تەكرار دىگەنتىم.
ئۈجمە كۆڭۈل ئەمەستىم دەپ،
چاقچاق قىلغانتىم دەۋاپسىز.
ئوخشاپ قالماي ئاخماققا ھەم،
ئۆزرە ئېيتىپمۇ ئۈلگۈرۈپسىز.
بىزمۇ خۇشال بۇلۇپ چاقچىقىڭىزدىن،
مۇنبەرداشلارنى ئۇنۇتمىغىنىڭىزدىن.
سىزمۇ ئالماڭ زىنھار كۆڭۈلگە،
ئۆتكەن بولسا ھەم بىزلەردىن.
ئۆمرۈڭنى بىھۇدە ئۆتكۈزمە يادوست،
قەلبىڭگە قارا داغ تەككۈزمە يادوست.
چېلىشقا مەردانە بولغىن بولمىغىن نامەرد،
دوستلارنى مۇشەققەت چەككۈزمە يادوست. ( باشقىلار يازغان ھە، مەندە بۇنچىلىك قابىلىيەت يوق
)
تاغ تۇتاشقان ساي بىلەن،
ئاسمان تۇتاشقان ئاي بىلەن.
ئىلىك ئالدىم دوستلۇقنى،
مۇشۇ قىلغان سۆز بىلەن.
كاككۇكجان سىزگە يەنە بىر كۇپلىت شئېر ھەدىيە قىلاي.
كىملەردىن باشلانغان ئەسلى ئاشىقلىق،
كىم تاپار ئاخىر قالغان كۆنەكنى.
خوشلاشتىڭ مىنىڭ كۆزلىرىمنى ياشلاپ،
سۆيمىگىنىم مۇمكىنمۇ ئەمدى بۆلەكنى.