يېقىنى كۈنلەردىن بۇيان جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى سېرىق قىيا ئارىلى مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيا ناھايىتى قىزىقىدىغان ئاساسى تېمىغا ئايلىنىپ قالدى،جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى سېرىق قىيا ئارىلى مەسىلىسى يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا،ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دوكلات قىلىشىچە رۇسىيە بىلەن ۋيېتنام، بىرلىشىپ جەنۇبى دېڭىزدىن نېفىت ئاشماقچى ئىكەن،نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ ياپون دېڭىزىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ،رۇسىيە بىلەن ۋيېتنامنىڭ جەنۇبى دېڭىزدىن نېفىت قېزىشى جۇڭگو ئاممىسىنىڭ ناھايىتى دىققىتىنى تارتتى،ھەتتا ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان دۇنيا ۋاقىت گېزىتىدە دېيىلىشىچە رۇسىيىنىڭ جەنۇبى دېڭىزغا بولغان ئۇچۇرى جۇڭگولۇقلارنى ناھايىتى بىئارام قىلدى.جۇڭگولۇقلارنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان بىر ئىش بولسا رۇسىيە ھەربىي پاراخوتى 1-ئايدا فىلىپپىندا زىيارەتتە بولدى،ھازىر بولسا رۇسىيە فىلىپپىنغا قورال-ياراغ سېتىپ بەرمەكچى بۇلاۋاتىدۇ.گەرچە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسى تەرەپ بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دېيىشىچە،رۇسىيە جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئىككى تەرەپ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىكەن،ئەمما رۇسىيىنىڭ بۇ قىلمىشى جۇڭگو تەرەپنى ناھايىتىمۇ ھەيران قالدۇردى.رۇسىيىنىڭ 《فەنجىلىف》 نومۇرلۇق دېڭىز ئاستى كېمىسى بىر چوڭ تىپتىكى ماي پاراخوتى بىلەن بىرلىكتە 1-ئاينىڭ 31-كۈنى فىلىپپىننىڭ مانىلاغا كىردى ۋە 2-ئاينىڭ 3-كۈنى بۇ جايدىن ئايرىلدى.
شياڭگاڭ 《نەنخۇا ئەتىگەنلىك گېزىت》 تور دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،رۇسىيىنىڭ بۇ ھەربىي پاراخوتى جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ئەتراپىنى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولۇپتۇ،ۋە ئوتتۇرا يولدا رۇسىيىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي پاراخوتى بىلەن بىرلىكتە فىلىپپىندا زىيارەتتە بولۇپتۇ.بۇ ۋەقە بولسا 1996-يىلدىن بۇيان رۇسىيە ھەربىي پاراخوتىنىڭ تۇنجى قېتىم فىلىپپىندا زىيارەتتە بولۇشى ئىكەن.بۇ ئىش ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى،جەنۇبى دېڭىز مەسىلىسى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى قول تىقىشى ئاستىدا ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان بىر ئەھۋالىغا ئايلىنىپ قالغان.رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسى تەرەپ بىلەن دىپلوماتىيە تەرەپنىڭ دېيىشىچە،ئۇلار بۇ ئىشلاردا جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئىككى تەرەپنىڭ ھېچقايسىغا يان باسمايدىكەن.تەھلىلچىلەرنىڭ دېيىشىچە،موسكۋا بەلكىم بۇ رايونىدىكى تەسىر دائىرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن،ۋە يېڭى ھەر قورال ياساپ سېتىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن تەڭ رۇسىيىنىڭ شەرقى جەنۇبى ئاسىيا تەرەپتە بىر نەچچە خېرىدارلىرى كۆپەيگەن.رۇسىيىنىڭ ۋيېتنام دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى ئويلاشقاندا،بۇ خىل كۆز قاراش بېيجىڭ ۋە نۇرغۇن جايلارنىڭ قىزغىن دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان