hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 03:04 PM
مەنمۇ پەقەت مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرىگىلا دېمىدى ...
ئامېرىكا ئىراققا ئاساسلىق بىئولۇگىيلىك قۇراللار بار دەپ ھۇجۇم قىلدى، بۇ ھەممىمىز بىلدىغان ئاشكارا سەۋەب. مۇستەبىت دەپلام كىرگىنى يوق شۇنداققۇ. لىۋىيە مەسلىسىگە كەلسەك ئالدى بىلەن ئىچكى قارىشلىق نامايىشلار بولدى. بۇنى تونىس ۋە مىسردىكى قارشلىق ھەركىتىدىن ئۈلگە ئالدى دىيىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا لىۋىيە ئۇرۇش ئىچىشقا بەكرەك ئالدىرىغىنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەمەس، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى. بۇ سەۋەب ساركوزى ھەتتا كىچىك بوشقا سېلشتۇرۇلغان. ش ئا ئە ت دىكى ئاساسلىق دۆلەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئامرىكانىڭ لىۋىيە ۋەزىيتىدىكى رولى زور بولىغىنى راسىت. ئۇنىڭدىن باشقا لىۋىيە ، سۈرىيەلەرنىڭ گىپى چىقىشتىن بەك بۇرۇنلا ئىران مەسلىسى خەلقئارادا غۇلغۇلا بولغان. ھەتتا ئامرىكا ئىراقتىن كىيىنلا ئىراننى ئۇرىدۇ دىيىشىپ كىتىشكەن. بۇنىمۇ سىزنىڭچە بولغاندا مۇش تەڭلەپ تۇرغىلى ئۇزۇن بولغان دىيىشكە بۇلىدۇ. ئىرانغا ھەتتا ئىراقتىنمۇ بۇرۇن مۇشت تەڭلىگەن. لىكىن ئىرانغا بولغان تەدبىر سۆھبەت ۋە ئىقتىسادى تەدبىرنىڭ نېرىسىغا ئۈتمىدى. ئىران مۇسۇلمان دۆلىتى ئەمەسمىدى؟ بەزى ئىشلار شەخسنىڭ ئىرادىسگە باقمايدۇ. يەنە شۇنداقلا تەقدىرنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ئادەمنىڭ پەرەزلىرىدىن ھالقىغان بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رېئاللىق پەرەزچىلەرنى مات قىلىدۇ.