پەخىرلەنگىن جامالىڭدىن ئوقۇپ قۇرئان .
ئۇلۇغ ئاللا نىسىپ قىلغان جەلىپكار قىز .
چىرايىڭ بولمىسۇن دۈشمەن كېلىپ بىر كۈن ،
غۇرۇر كۆكىدە ئۇچۇپ تۇرغىن جەلىپكار قىز .
----------------------------
زۆھرە ئۈچۈن جاننى بېرىپ تاھىرجان ،
ئەقىدىنى بۈيۈك بىلىپ تاھىرجان .
ئاتلانغايسىز مەنزىل تامان كۈنسىرى ،
ئەزىمەتلەردەك جەڭگاھ كېزىپ تاھىرجان .
--------------------------
قاچان ۋىسال تاپارسەنۇ ئاھ تىلەك
كۆڭلۈمنى تېچ ئېتەرسەنۇ ئاھ تىلەك .
ياكى بولۇپ قالارسەنمۇ ئارمىنىم ،
دىلدا مەڭگۈ مۆكۈپ يۈرۈپ ئاھ تىلەك ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalamiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-5 01:46 PM