مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 644|ئىنكاس: 8

مارىيە كىيۇرى خانىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ســادىـر ئـەپـە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 128
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8118
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-27 11:49:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇلۇغ جەڭچى – سۇڭ چىڭلىڭ

جۇڭگۇ ئاياللىرىنىڭ كۆزگە كۈرۈنگەن داھىيسى سۇڭ چىڭلىڭ دۇنيانىڭ شەرقىدە 20–ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان داڭلىق زات . ئۇ، ئۈزىنىڭ 20ياشتىن 90ياشقىچە بولغان 70يىلىنى خۇددى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ ، ھاياتىنى جۇڭگۇ خەلقىنىڭ دېمۇكراتىك ۋە سوتيالىستىك ئىنقلاۋى ئىشلىرىغا ، دۇنيا تىنىچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار ئىشلىرىغا بېغىشلىدى . ئۇ، جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، دۇنياغا داڭقى چىققان ۋەتەنپەرۋەر  ،دىمگۇراتىك ،  ئىنتېرناتسىئۇنالىزىمچى ۋە كومونىزىمنىڭ ئۇلۇغ جەڭچىسى .                        سۇڭ چىڭلىڭنىڭ ئاتا – بۇۋىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خەينەنداۋ ۋىنچاڭ ناھىيسىدىن ئىدى . سۇڭ چىڭلىڭ 1893–يىلى 1–ئاينىڭ 27–كۈنى شاڭخەيدە تۇغۇلغان . 1915–يىل 10–ئاينىڭ 25– كۇنى ئۇلۇغ ئىنقىلابچى سۇڭ جۇڭشەن بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ ،ئۇنىڭ ھەققىي سەپدىشى ۋە ياردەنچىسى بولغان .1925 –يىلى سۇڭ– –جۇڭشەن ۋاپات بولغاندىن كىيىن ،جىياڭ جېيشى گومىنداڭنىڭ رەھبەرلىك ھۇقۇقىنى  ۋە دۆلەتنىڭ ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ باش قۇماندانلىق ھۇقۇقىنى تارتىۋېلىپ ، 1927–يىلى 12–ئاپرېل ئەكسىل ئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگۈرۈش قوزغاپ ، كوممىنىسلارنى ۋە ئىنقىلابى خەلق ئارمىيىسىنى ۋەششىيلىك بىلەن قىرغانلىقتىن ، سۇڭ چىڭلىڭ ماۋزىدۇڭ قاتارلىقلار بىلەن ئېترازنامە ئېلان قىلدى .       سۇڭ چىڭلىڭ جۇڭگۇ پاراۋانلىق جەمئىيىتىنى قۇرۇپ ، ۋەئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ ، جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىسيىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى ياپۇنغا قارشى بازىغا  ناھايتى كۆپ مىقداردا داۋالاش دورىلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى ، خەلقئارادىن جۇڭگۇ ئىنقىلابىغا ياردەمگە كەلگەن بىيتون قاتارلىق دوستلارنىڭ ياپۇنغا قارشى ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلىشقا يار يۆلەكتە بولدى . سۇڭ چىڭلىڭ رەھبەرلىك قىلغان جۇڭگۇ پاراۋانىلىق  جەمئىيىتى ۋە جۇڭگۇ قىزىل كىرىسىت  جەمئىيىتى ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىدا سەرگەندان بولغان مىليونلىغان ئامما ۋە بالىلار ئۈچۈن ، ئىئانە توپلاپ ئۇلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزدى .       سۇڭ چىڭلىڭ ئامرىكىدا بىلىم تەھسل قىلغان . ئۇ ياپۇنىيە ، سوۋىت ئىتىپاقى ، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بۇلۇپ ، ھەر قايسى ئەل خەلىقلىرى بىلەن كەڭ كۈلەمدە دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇرناتقان ، ئۇ ئىلگىرى ئاخرى دۇنيانىڭ جاھانگىرلككە قارشى بۇيۇك ئىتىپاقىنىڭ پەخرى رەئىسى ۋە دۇنيا فاشىزىمغا قارشى كوممىتىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللرىدىن بولغان ، يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن ، دۆلەت رەھبىرى بۇلۇپ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ، دۇنيا تىنىچلىقىنى قوغداش يولىدا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى . ئۇ ئىنقىلابقا قاتناشقان 70يىل جەريانىدا ئۇلۇغ ئىنقىلابىي دىمۇكراتىزىمچىدىن ئۇلۇغ كومۇنىزىمچىغا ئايلاندى . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سۇڭ چىڭلىڭ ھاياتى ئۇلۇغ ھايات ۋە شەرەپلىك ھاياتتۇر .       1953– يىل 4– ئاينىڭ 25–كۈنى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىنڭ 2–قىتىملىق ئىجرائىيە كومىتىتىنىڭ بىرىنچى  ئۇمۇمىي يىغىنى سۇڭ چىڭلىڭنى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىنسىنىڭ پەخرىي رەئىسلكىگە سايلىدى . سۇڭ چىڭلىڭ  جۇڭگۇ ئاياللىرىنىڭ ئاتاقلىق داھىيسى بۇلۇپ ، ئۆمرىنىڭ ئاخرىغچە ئىزچىل ھالدا ئاياللار ۋە ئىنسانىيەت ئازادلىقنى ھەممىدىن ئاۋۋال تۇنۇغان ئايال . ئۇ ، 1913–يىلى ئامرىكىنىڭ ۋىيسلىياك قىزلار ئۇنۋېرستىتدا ئۇقۇۋاتقان چىغىدىلا يېىقىنقى زامان جۇڭگۇ ئاياللىرى دىگەن ماقالىسىنى ئىلان قىلىپ ، ئىنسانىيەتىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلغان ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئۆستۈرمەي تۇرۇپ ، قالغان يېرىمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان . شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە جۇڭگۇ ئاياللرىنىڭ ھۇقۇق تەلەپ قىلىش ھەركىتى توغرىسدا دىگەن ماقالىسىنى ئىلان قىلغان . 1957–يىلى ۋە 1978–يىلى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى سۇڭ چىڭلىڭنى داۋاملىق پەخرى رەئىسلىككە سايلىدى . 1980– يىلى سوڭ چىڭلىڭ فرانسىيەدىن كەلگەن ئايال ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قۇبۇل قىلغاندا ، فرانسيە ئۆمەك باشلىقى لىفكوسجى خانىم سوڭ چىڭلىڭنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ، سىز جۇڭگۇ ئاياللىرىنىڭ ئانىسى ، دۇنيا ئاياللرىنىڭ ئۈلگىسى ، سىز بىر ئۇلۇغ زات بىلەن بىللە خەلققە كۆپ پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ ، جۇڭگۇ ئىنقىلابىدا زور ئوينىدىڭىز ، بۈگۈن مەن سىزنىڭ قۇبۇل قىلىشىڭىزغا ئىرىشكىنىم ئۈچۈن ئۈزۈمنى بەختلىك ھېس قىلمەن دىدى .                                      1981  –يىلى 5–ئاينىڭ 8– كۈنى كانادا ۋىدولىيە ئونۋىرستىتى سۇڭ چىڭلىڭغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى بەردى . دۇنياغا تۇنۇلغان مەشھۇر سىياسىيو ن سۇڭ چىڭلىڭ ئۈزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى جۇڭگۇ ئىنقىلابىي ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ ،ئاخىر1981–يىل5–ئاينىڭ29–كۈنى 90يېشىداۋاپات بولدى.

ســادىـر ئـەپـە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 128
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8118
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-27 11:51:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوبېل مۇكاپاتىغا ئاياللاردىن تۇنجى بۇلۇپ ئېرىشكەن ئالىم ـ مارىيە كىيۇرى خانىم .

مارىيە كىيۇرى خانىم يىقىنقى زاماندىكى داڭلىق ئالىم ئايال ،ئۇ دۇنيا بۇيىچە ئاياللاردىن بىرىنچى بۇلۇپ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .مارىيە ئىسكىلو دوۋسىكايا 1867-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ،چارروسىيە  ھۆكۈمرانلىقىدىكى پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋدا  ،ئىقتىسادى ئانچە كەڭتاشا بولمىغان بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كېتىپ ،دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان .مارىيە .كىچىكىىنلا قەيسەر ،تىرىشچان ،شىجائەتلىك قىز بۇلۇپ ،مەكتەپتە ئەلا دەرىجىدە ئوقۇغان .دادىسى ئۇنىڭغا ۋەتەننى سۆيۈش ،تاجاۋۇزچىلارغا نەپرەتلىك بولۇش ،ئىلىم-پەن بىلەن شۈغۇللىنىش ھەققىدە  تەربىيە بېرىپ  تۇرغان .      مارىيە 16يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالتۇن مىدال بىلەن تۈگەتتى .چارپادىشاھى قىزلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلمىغاچقا ،ئۇ ئالدى بىلەن يېزىغا بېرىپ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ،بىر ئاز خىراجەت توپلاپ ،1891-يىلى فىرانسىيىگە بېرىپ  پارىژداشۆسىدە ئوقۇدى .ئۇ،كۈندۈزى ئوقۇپ ،كەچتە تەجىربىخانىدا بۇلاتتى .تەجىربىخانىغا ھەممىدىن بۇرۇن كېلىپ ،ھەممىدىن كېيىن چىقاتتى .كىتاپخانىغا كىرگەندە  كىتاپخانا ئېتىلمىگىچە چىقمايىتتى .ئۇنىڭ  ياتاقتىكى چىراق يېرىم كېچىگىچە ھەتتا 2-3لەرگىچە ئۆچمەيىتتى .شۇنداقتىمۇ سەھەر تۇرۇپ كېتەتتى .ئۇ ھەرقانداق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بارمايىتتى دادىسىنىڭ ھەرئايدا ئەۋەتىپ بېرىدىغان 100فىرانىك ئىقتىسادىنى ئوقۇش خىراجىتى ،كىتاپ ئېلىشقىلا ئىشلىتەتتى ،ھەرگىزمۇ  زىبۇ –زىننەتلەر ،ئېسىل كېيىم –كېچەكلەرگە پۇل بۇزمايىتتى .بىر كۈنى ئۇ ،ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە قىلۋاتقاندا ،تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتتى ،ئەھۋالنى ئۇققاندا ،مارىيەنىڭ بىرنىمە يىمىگەنلىكى ،ياتىقىدا بىر بۇلاق چايدىن باشقا يەيدىغان نەرسىنىڭ يوقلىقى مەلۇم بولدى .ئۇ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ ،پۈتۈن كۈچىنى ئېلىم-پەن ئۆگىنىشكە سەرىپ قىلاتتى .ئونۋىرسىتېتتا ئەلا ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇدى ،ئوقۇشقا بېرىپ ئككى يىلدىن كېيىن ماگىستىرلىق ئىلمى ئونۋانغا ،3-يىلى دوكتۇرلۇق ئونۋانغا ئېرىشتى .       ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،پارىژدا فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى  كىيۇرى بىئر بىلەن تۇنۇشتى .ھەر ئىككىسىدە  ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى  ئىلىم –پەنگە بېغىشلاشتەك ئورتاق غايە بولغىنى ئۈچۈن ،بېئر كىيورىنىڭ كەگۈسىدە پولشغا بېرىش رازىىقىدىن كېيىن ،1895-يىلى 28ياشلىق مارىيە 36ياشلىق كىيورى بىلەن توي قىلدى .توي كېيمى كېيمەي ،توي ئۈزىكى سالماي ،مىھمانمۇ چاقىرماي ،چىركاۋغىمۇ بارماي ئاددىي توي ئۆتكۈزۈشتى ،ئۇلار تويدىن كېيىنكى شېرىن ئايلىرىنىمۇ تەجىربىخانىدا ئىلمى تەتقىقات بىلەن ئۆتكۈزدى ،ئىلمى خىزمەتلەردىن كېيىن چارچىغاندا ،شەھەرسىرتىغا ۋېلىسپىتلىرىنى  مېنىپ ساياھەتكە چىقتى .تۇرمۇش تەلپى يۇقۇرى ئەمەس ئىدى .       كىيۇرى خانىم بالىلىق بولغاندىن كېيىن ،بالا تەربىيىلەپ ،ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ ۋە ئىشلەپ يۈرۈپمۇ ئىلمى ئىشلاردىن  قول ئۈزمىدى .       ئالىملار ،مېنىراللارنىڭ بەزىلىرىدىن بىر خىل سىرلىق نۇر چىقارغانلىقىنى ھېس قىلىشقان بولسىمۇ ،نىمە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمىگەن .ئىدى .ئەر-خوتۇن كېيورىلار 1898-يىلى نۇرغۇن جاپالىق تىرىشچانلىقلاردىن كېيىن بۇ سىرنى ئاچتى .بۇنىڭ بىر خىل رادىئاكتىپلىق نۇرلىقىنى ،بۇ نۇر نېپىز تۆمۈر پىلاستىنىكىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى ،فوتو سۆرەتنىڭ قارا نىگاتىپنى تەسىرقىلىپ ئاقارتىۋېتىىغانلىقىنى بايقىدى ۋە رىدىئاكتىپلىق نۇر چىقىرىىغان بىر ئىلىمىتنى  تاپتى .بۇ ئىلىتنىڭ ئىسمىنى ئۆز ۋەتىنى پولشانى خاتىرلەش يۈزسىدىن پولۇنىي ( poloniy   )دەپ قويدى .بۇ ھەقتە ماقالە يېىپ بىر نۇسىخىسىنى  پولشاغا ئەۋەتتى .ماقالە پارىژھەم ۋارشاۋدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى .كېيىن ئوران رودىسى ئىچىدىن پولۇنيىدىنمۇ رادىئاكتىپلىقى كۈچلىكەرەك بولغان رادىي ( radiy )دىگەن ئىلمىتنى تاپتى ۋە ساپ رادىئىنى چىقىرىۋالدى .      بۇۋاقىتتا ،رادىي چىقىرىۋېلىش ‹‹مەخسۇس ھوقۇقى ››نى بەزى كاپىتالىستلار ناھايىتى قىممەت باھادا سېتىۋېلىشنى تەكلىپ قىلغاندا ،مارىيە كىيورى خانىم ‹‹رادىي ئىلمىنىتنى تاپقان بولسىممۇ ،ئۇنى مەن ئىجات قىلمىدىم ،ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارغا مەنسۈپ ››دىدى .ئۇ ،1903-يىلى 1911-يىلى بۇلۇپ ئىككى قېتىملىق نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ۋە ئۇنىڭدىن ئالغان سوممىسىنى ئالدى بىلەن ئىجدىمائىي پاراۋانلىققا ،بالىلار باغچسى ،يەسىلى ،مەكتەپ ،تەتقىقات ئورۇنلىرىغا تەقدىم قىلدى .ئۇرۇق-تۇققان ،دوسىتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىغا ياردەم بەردى .ئۆز ۋەتىنىدە رادىي ئىلمېنىتنى تەتىقىق قىلىدىغان بىر مەركىزى ئورۇن  قۇرۇشقا  پۇل ئەۋەتتى .كېيىن ئۆزى ۋارشاۋغا بېرىپ تەتقىقات ئىنىستىتوتىغا ھول قويۇپ ،خىش باستى .ئۇ ھاياتىدا 70نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ھەم كېتاپلارنى يېزىپ ئىلىم –پەنگە ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قالدۇرۇپ ،1934-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى بەخىتكە قارشى ۋاپات بولدى .      مارىيە  كىيورى ھايات ۋاقتىدا قىزى يورىن كىيورى (1897-1956)گە ئۆز ئىشىغا ۋارىسلىق قىلىشقا تەربىيە بېرىپ ،ئۇنىڭغا ياخشى تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن ،ئۇمۇ ئانىسىدەك ئۆزھاياتنى ئىلىم-پەنگە بېغىشلىدى .ئۆز ئېرى بىلەن بىللە قىلغان كەشىپىياتتىن زور نەتىجە قازاندى ۋە 1935-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى  .

ســادىـر ئـەپـە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 128
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8118
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-27 11:59:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەھمۇد قەشقىرى


مەھمۇد قەشقىرى
  مەھمۇد قەشقىرى(1008–1105) بۈيۈك ئالىم، تىلشۇناس، شاھانە ئەسەر ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد قەشقىرى خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت، قەشقەردە مەدرىس ئېچىپ مۇددەرىسلىك قىلغان. ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ئالىمنىڭ ئېنىق تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ۋاپات بولغانغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ئەمما 97يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم. 

ئۆتكۇزگەن خاتال

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 364
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9293
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2011-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 01:58:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئالىم ،ئەدىپلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى بىلەن تۇنۇشۇشنى بەكمۇ خالايتىم.يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت .

ئۆتكۇزگەن خاتالىقلىرىمنى يۇيۇشقا كۆز  يېشىىم كەملىك قىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 829
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8628
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2010-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 02:06:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمۇد قەشقىرىمىنىڭ بوۋام...باشقىلىرى بىلەن تۇغقانچىلىقىم يوق! [s:12]

اللە ھەممىمىزنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1123
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8061
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 02:14:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىخىنى بىلمەسلىك نۇمۇس. مىنىڭچە ئالىم - ئەدىپلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىي ئىش- پائالىيەتلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ قۇيۇش بىزگە ھەم بىزدىن كىيىنكىلەرگىمۇ ئادەتكە ئايلىنىشى كېرەك دەيمەن. شەخسەن قارىشىم...

اللە ھەممىزنىڭ دىلىغا ئىنساپ بەرگەي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 11:27:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4(urhun)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

[s:12]  [s:12]  [s:12]  [s:12]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ياپۇن سامۇرايلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 658
يازما سانى: 1557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36536
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 5179 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 11:36:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:2]  [s:2]  [s:2]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5945
يازما سانى: 916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10124
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2011-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 07:18:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:33]  [s:33]  [s:33]  [s:33]  [s:33]  [s:33]

مۇھەببەت مەڭگۇلۇك  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش