篮球美女 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:41 PM
ئەگەر روسچە ئۆگەنگەن بولسىڭىز ئۇنداقتا سىزمۇ تەرجىمە ...
سىز ئەۋەتكەن ئادرىستىكى ناخشىنى روسچىدىن ئەمەس خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىپتۇ ، مەسىلەن مەزمۇنىنى قويۇپ تۇرۇپ ناخشا ئىسمىنى مىسالغا ئالايلى ، ‹مەڭگۈلۈك مۇھەببەت› دېگەن ناخشىنىڭ روسچە ئىسىمى پاتسىلۇي ، بۇ سۆيۈشۈش دېگەن گەپ ، يەنى بۇ بىر ھەرىكەت سۆز تۈركۈمى ، لېكىن مەن بۇناخشىنى خەنزۇلارنىڭ ‹永恒的吻› دەپ تەرجىمە قىلغانلىقىنى كۆرگەن ، ئېنىقكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت دېگەن بۇ ئىسىم خەنزۇچىدىكى 永恒的吻 دىن تەرجىمە قىلىنغان ، تەرجىمە قىلىشتا بەزى سۆزلەرنى ئۆزىنىڭ تىلىغا ئايلاندۇرۇپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ ، بىراق ھەرىكەتنى ئىسىمغا ئايلاندۇرۇۋىتىشكە بولمايدۇ ، چۈنكى مەنىسى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدۇ .
مەن ئۆزۈم تەرجىمە قىلاي دېسەم تېخى سەۋىيەم يەتمەيدۇ ، قارىغاندا روس تىلى بىلىدىغانلاردىن ناخشا تەرجىمە قىلىدىغانلار يوق ئوخشايدۇ