ئۆل يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 11:31 PM
ئىنكاس دىگەن مۇنداق بولمامدۇ
جېنىم ، ئىنكاسىم سىزگە قانداق تۇيغۇ بەردىكىن ؟ كۈلكىسىز ئىشلار ئۈچۈن كۈلۈپ
يۈرمىسىڭىز ؟ قىزلار تۇلا كۈلسە ئىپپىتى ، يىگىت تۇلا كۈلسە غۇرۇرى ئۆلىدۇ .
دېمەكچى بولغىنىم ! خېلى كۈنلەر بوپتىكەن يېڭى كىتاب سېتىۋالمىغىلى ،
تۈنۈگۈن جۈمەدىن چىقىپ شىنخۇا كىتابخانىسىغا باردىم .
كىتابخانا ئارىلاپ ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتلىك نەچچە پارچە كىتاب سېتىۋالدىم .
18 ـ يولنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ياتاققا قاراپ ماڭدىم . تۈنۈگۈن نىمە
بولغانكىن ئادەم بەك كۆپ . كۇچا ئاپتۇبۇسىدا قىستىلىپ تۇرۇپ ، كۆپرەك پۇل
تېپىپ ماشىنا سېتىۋالمىغىنىمغا ئىچىم سىقىلدى .
يېرىم يولغا كەلگەندە ، ئاتمىش ياشتىن ئاشقان بىر ئەر كىشى ‹‹ ھىلقى ››
يېرىمنى تۇتۇپ سىلىغىلى تۇرۇپتۇ . كۇچا ئاپتۇبۇسىدا ئادەم كۆپ ، قىساڭچىلىقتا
قولى تىگىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ جىم تۇردۇم . ئەمما ، ئۇ قېرى مەلئۇن
تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ سىيلاپ كەتتى . ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولدۇم . بىر پۇتى
گۆرگە ساڭگىلىغان بەدبەختنىڭ ھاياسىزلارچە قىلغىنىغا غەزەپلەندىم .
ئۇنىڭ چىشىغا سالماقچى بولدۇم . ئەمما ، ‹‹ يولۋاسنى يېڭگەن باتۇر ئەمەس
ئاچچىقنى يېڭگەن باتۇر ›› دېگەننى ئويلاپ ئۆزۈمنى تەستە تۇتۇۋالدىم .
توۋا دەپ دەپ قالدىم . مىنىڭ ‹‹ نەرسەم ›› كۇچا ئابتۇبۇسىنىڭ تۇتقۇچى
بولمسا يا ؟ تۇتۇپ تۇرىدىغانغا ...
مۇشىتلىرىم چىڭ تۈگۈلۈپ ، چىشلىرىم كىرىشىپ كەتتى ، ناۋادا شۇ چاغدا
ئۇ قىېرى توڭگۇزنى ئۇرغان بولسام ، كىشىلەر ، ياشانغان ئادەمنى نېمىشقا
ئۇرىسەن ؟ دېيىشى ئېنىق . ئەھۋالنى ئېيىتسام : قېرى مەلئۇن ، ئادەم كۆپ
بولغاچقا ئېھتىياتسىزلىقتىن قولۇم تېگىپ كەتكەن . دەپ گۇناھىنى بوينۇغا
ئالماسلىقى تۇرغان گەپ . ئاچچىقىمنى بېسىپ ئارقا تەرەپكە قىستىلىپ
يۆتكىلىپ كەتتىم .
غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ تۇرسام ، يېرىم ـ يالىڭاچ كىيىنىۋالغان بىرى خەنزۇ
قىز بىر نىمىسىنى چاپلاپ ، سۈركىلىپ تۇرۇپ كېتىپتۇ .
كۇچا ئاپتۇبۇسىمۇ چىقدىغان نەرسە ئەمەسكەن جۇما ! بولۇپمۇ 18 ـ يولنىڭ ...
ئۇلۇغ خۇدا ، بىزنى ھەر خىل پاسىقچىلىقلاردىن ساقلىغايلا ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-5 04:19 PM