篮球美女 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 12:59 PM
مەن مىسرانىم تورى قۇرغۇچىسىنىڭ نېفىتتىن ئىكەنلىكىنى ئ ...
قېرىندىشىمىزغا بولغان غۇبارسىز ، سەمىمىي تىلەكلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم . باشقىلارغا
خۇشاللىق تىلىگەن ئادەم ئۆزىمۇ چەكسىز خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ .
‹‹ ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغىنىڭىز بولسا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى رەت قىلغىنىڭىز . ئەگەر
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بولسىڭىز ، بەلكىم ھازىرقىدىنمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن
بولغىيتىڭىز ›› بۇ سۆزىڭىزدە ئازراق بىر تەرەپلىمىلىك خاھىشى بار ئىكەن .
بۇ مىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ دېگەننى ئىپادىلەپ دېگىنىم
ئەمەس. ئالىي مەكتەپ بىر ئادەمنىڭ نەتىجە قازىنىش ، قازنالماسلىقىنى
ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئەمەس . ئەتراپىمىز ، دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان تالاي
پاكىتلار بۇ گەپنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكىگە ئىسپات بۇلالايدۇ .
ئىدىسۇنمۇ ئاران ئۈچ ئاي ئوقۇغان .
ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان .
بىل گايتىسمۇ ئالىي مەكتەپتىن چىكىنگەن .
ھوللوۋود كىنو ئىشلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان .
ئامرىكىدا ، ئاپتوموبىل پادىشاھى دەپ نام ئالغان فورد ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ
قۇرغۇچىسى ھېنرى فورد ئاران ئالتىنجى سىنىپقىچە ئوقۇغان .
ئى چىمىتى ؟ قايسى كۈنى مۇنبەردە زىيارەت قىلىنغان ئاتۇشلۇق ئاكىمىز كېرىم
ئاتۇش ئاكىمۇ تۈزۈك مەكتەپ تەربىيسى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيىتتى .
چىڭلوڭمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن .
بۇلار مەن كومپېيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ، شاپالداپ تېپىۋالغان گەپ ئەمەس
شۇلارنىڭ تەرجىمھال خارەكتىرلىك ئەسەرلىرىدە شۇنداق قەيىت قىلىنغان .
بىر ئادەمنىڭ نەتىجە، ئۇتۇقى ئۇ ئېرىشكەن بايلىق بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ .
مۇھىمى ، قەلىب تىنىچلىقى ، خاتىرجەملىك ، ئۆزى قىزىققان ، ئۆزى سۆيگەن
ئۆزى خۇشاللىق ھىس قىلالايدىغان كەسىپنى قىلىشنىڭ ئۆزى مۇۋەپپىقىيەتتۇر .