~dana~ يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 06:29 PM
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇئاغا ئائىت بىر مەسىلىنى سورىۋا ...
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
گەرچە لايىق بولمىساممۇ بىلگىنىمنى دەپ بېرەي. مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردا تاماقتىن كېينكى دۇئا مۇنداق:«جىمىي ھەمدۇ-سانا بىزنى غىزالاندۇرغان، سۇغارغان، بىزنى مۇسۇلمانلاردىن قىلغان ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىمەن(ئەلھەمدۇلىللا)»، «جىمىي ھەمدۇ-سانا مەن ھېچقانداق كۈچ سەرپ قىلماستىن، مېنى بۇ تائام بىلەن غىزالاندۇرغان، ئۇنى ماڭا رىزىق قىلىپ ئاتا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭغا شۈكرى ئېيتىمەن».
دېمەك بۇ دۇئا يېيىلىپ بولغان تاماق ئۈچۈن، قارنىمىز تويغاندا ئاللاھقا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ. ھەمداستىخان بىر بۇرادىرىمىز تاماقىنى يەپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىزنىڭ ئالدىراپ دۇئا قىلىشىمىز يەنى ئۇنى دۇئا قىلشقا ئالدىرتىشىمىز ئەخلاقسىزلىق بولۇپ قالىدۇ. مەن مۇشىنچىلىك بىلىدىكەنمەن. قالغان مەسىلىلەرگە يەنە ئىزدىنىپ كۆرۈش لازىم. ئاللا بىزنىڭ قەدەملىرىمىزنى ھەق يولىدا مەھكەم ۋە بەرىكەتلىك قىلغاي، سۈننەتكە ئەگىشىشكە نېسىب قىلغاي. خاتا كەتكەن يېرىم بولسا ئاللا كەچۈرگەي.