|
|
|
|
قىسقا دەم ئېلىش پۇرسىتىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ئايلىنىپ چىقىلدى ،تۆۋەندە دېڭىزدىن تامچە ھۇزۇرۇڭلاردا،
يۇقارقى رەسىملەر ماناس دەرياسى ۋە ماناس كۆۋرۈكى ،مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوتتۇرا يۆنىلىش قىسمىدىكى ئون نەچچە مىڭ ئادەم ئۆتەلمىگەن دەريا ،
تۆۋەندىكىسى كۈنىگە 33يۈەندىن 40 ئىشلەپ خەنزۇچە خەت تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن توختام تۈزەلمەي كىيىن پۇلىنى ئالالمىغان 20نەچچە ئادەمگە ۋەكالىتەن ھال ئېيتقىلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە كەلگەن ياشلار ،
يۇقىرىدىكى بىر يۈرۈش رەسىملەر شىخو شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونى(ئەسلىدىكى شەھەر رايونى)
ئاستىدىكى شىخو شەھىرى <<شېھتىلىكىم>> مازىرىدىكى مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ كوللىكتىپ قەبرىستانلىقى (1945-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى شىخو نى ئېلىش جېڭىدە بىر كۈندە قۇربان بولغان 711 ئەزىمەتنىڭ قەبرىسى ئۇزۇنىسىغا ئۈچ قاتار قىلىپ يەرلىك كولىنىپ ،ئېلىخان تۆرەمنىڭ قاتنىششىدا كوللىكتىپ يەرلىككە قويۇلغان ،بۇ يەر نەچچە يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەرگىچە تاشلىنىپ قالغان ،3-4 يىل ئىلگىرى تۇرسۇن باقى ئىسىملىك بىر ئاشپەز (ئىگىلىشىمچە ئۇ لۈكچەككەن)ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ سۈرەتتىكى قەبرە ۋە يادنامىنى قوپۇرغان )
بۇ شىخو شەھىرى قارا دۆڭ يېزىسى ،ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭ <يىمىرىلمەس> بىرىنچى مۇداپىئە ئاكوپى ئورنى ،711 جەڭچىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇشۇ قورغاننى ئېلىش جەريانىدا شېھىت بولغان ،گومىنداڭنىڭ تۇرپانلىق ئۇيغۇر مەرگەنىنىڭ <توپىلاڭچىلار> نى قىرىشتا زور تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم.
قاتناش ۋەقەسى سەۋەپلىك شىخو شەھەرلىك دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان 108ياشلىق تەكتى خوتەنلىك ،كىيىن كۇچادا شىڭ شىسەيگە ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ ئوسمان باندىت بىلەن ئۇرۇش قىلغان تۇردى مەمەت ،
مايتاغدىكى <قاراماي كەسپىي ئىنىسىتوت >ىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ بىر قىسمى ،
مايتاغدىكى <قاراماي كەسپىي ئىنىسىتوتىنىڭ كۈتۈپخانىسى>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بارمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-7 08:08 PM
|
|
|
|
|
|