كورلىدىن بىر ياخشى رەھبەر ئاقسۇغا كېتىپتۇدە. مەردان موقىيت ھەقىقىي خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئويلايدىغان، خىزمەتنى ھەقىقىەتەن خەلق ئۈچۈن قىلىدىغان رەھبەر. كورلىدا نۇرغۇن ئىشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىۋەتكەن، يەنە تېزلا ئوبلاستقا مۇئاۋېن باشلىق قىلىپ يۆتكىگەن، مەردان مۇقىيت ئاقسۇغا بارسىمۇ ئەڭ ئاۋال دېھقانلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشى ئېنىق. كۆرگەن ئادەم مەردان موقىيتنى ھەرگىزمۇ باشلىق دېمەسلىكى مۇمكىن، خاراكتېرى قىزىقچىراق، كىچىك پېئىل، ماۋۇ مۇنبەردىكىلەر مەيلى يېشىڭىز كىچىك بولسۇن يا چوڭ بولسۇن ئۇچرىشىپ قالسىڭىز كونا تونۇشتەك سۆزلشىڭ.
مەردان مۇقىيت بەزى باشلىقلاردەك ئاساسىي قاتلامغا چۈشسە نەچچە كۈن بۇرۇن خەۋەر قىلىپ قويمايدۇ. خەلق ئاممىسى ئىچىدە باشقا بەزى باشلىقلاردەك ئىشتاننىڭ يانچۇقىدىن قول چىقارماي ياكى قولىنى ئاقىغا تۇتۇپ غادىيىۋالمايدۇ. مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك بولسۇن سالاملاشقاندا بىر قولىنى ئىشتان يانچىقىدىن چىقارماي بىر قولىنى خالاپ خالىماي كۆرۈشكەندەك قىلماي، ھەقىقىي قىزغىنلىق بىلەن ئىككى قولنى سالامغا ئۇزۇتىدۇ. بەزىدە خىزمەت سىرتىدىكى ۋاختىدا كىرا ماشىنىسىدا ياكى ئاممىۋىي ئاپتۇبۇستا يېزىلارغا بارغاننىمۇ كۆرگەن. باشقا باشلىقلار ھەۆكۈمەت مالىيەسىدىن ئازراق ئىقتىساد چىقىرىپ ياشانغان ئاجىزلارنى بىر خالتا ئۇن ياكى بىر توڭ ماي ئېلىپ ئەڭ ئاۋال مۇخبىرلارغا خەۋەر قىلىپ ئاندىن ھال سوراپ داغدۇغا قىلىدىغانلاردىن تېخىمۇ ئەمەس، مېنىڭ بىلىشمچە: مەردان موقىيت ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ چېچقانداق بىر ئاخبارات تاتقاتقۇغا خەۋەر قىلمايلا خالىس ياردەم قىلغان ئىشلىرى كۆپ. قىسقىسى مەردان موقىيت تېخى ياش بولسىمۇ كۆپنى كۆرگەن، بىلىملىك ئادەم. كورلىغا باشلىق بولغاندا شەھەردىكى تىل يېزىق قانۇن نىزامىغا ئۆلچەمگە توشمايدىغان ۋىۋىسكىلارنىڭ بىرنىمۇ قويماي ئالماشتۇرغۇزغان، كورلىنىڭ شەرقى ۋە شەرقى شىمالىدىكى قاقاس تاغنى كۆكەرتىشكە كۈچ چىقارغان.... دەپ كالسە قىلغان ياخشى ئەمەلىي ئىشلىرى كۆپ. ئەمدى ئاقسۇنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقىلى كېتىپتۇ.
ئاپتونۇم رايۇنغا رەئىس بولسىمۇ بولىدۇ. قولىدىن ھەقىقىي ئىش كېلىدىغان بىلىملىك ئادەم. خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بولىدىغان ياخشى رەھبەر.
ئەمدى ئاقسۇغا بارغان بولسا قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان باشلىقلار ياخشىسى ئۆزىلىرى ئىستىپا بەرسە بولغىدەك.
مېنىڭ بىلىشىمچە مەردان موقىيت ئەسلى ئۈرۈمىچدە تۇغۇلغان، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 4 خىل چەتئەل تىلى بىلىدۇ،
مەردان موقېيتنىڭ مېكرو بلوگى:
http://t.qq.com/xjaksxs
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-9 03:20 PM