tumurkala يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 03:01 PM
جىنى بار مەخلۇقاتنىڭ سۈرىتىنى سىزغان ئادەمگە قىيامەت ...
ۋوي ھاياجانلانماڭە ، مەن سوئال سورىدىم ، زىت گەپ قىلمىغاندىمەن ؟ چۈشەنمىگەننى سورىغۇلۇق شۇنداق . نەپرەت شۇنداق ياخشى جاۋاب بەردى ، جاۋاب بېرەلمەيدىغانغا چىرايلىق جاۋاب بېرەلمەيمەن دېدى ، ئۇنىڭدىن شۇنداق مەمنۇن بولدۇم . مەنمۇ شۇ رەسىم سىزىش ياكى ھەيكەل ياساشنىڭ مەبۇد ئورنىدا چوقۇنۇش خارەكتېرى بىلەن پەقەت سەنئەت ئۈچۈنلا قىلىش خارەكتېىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ شۇنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى . يەنە سۈرەت تارتىش ، فىلىم ئېلىشمۇ بار ، بۇلارنىڭ چىنلىقى رەسىم ھەيكەلگە قارىغاندا تېخىمۇ ئارتۇق .
سىزگە دېققەت قىلىپ قالدىم ، زىل تېما بولسىلا تولۇق ئىسپات كۆرسىتەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، خەقنى ئازىراق بولسىمۇ قوپاللىق بىلەن چېقىۋالغىلى ئاران تۇرىدىكەنسىز ، گەپنى قايىل قىلارلىق قىلسىڭىز ، خەقنى كومۇنىستلارچە ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرىگە كۆندۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ خەق سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى قوللايدۇ . سەمىمي تەكلىپ ، سىز ئۆزىڭىزنى دىنىي جەھەتتە ئۈستۈن بىلگىنىڭىز بىلەن خەقنى ئىسپاتسىز ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرىڭىزگە كۆندۈرۈشكە ئۇرۇنىشىڭىز ، سىزدىن كوممۇنىست پۇرىقى چىقىرىپ قويىدىكەن ، ئەركىن دېموكراتىك بولۇشنى ئۆگىنىڭ ، خەقنى مەجبۇرلىمايسىز ، قايىل قىلىسىز . گەپ سۆزنى سىلىق قىلىشنى ئۈگىنىڭ . ئاندىن بۇ مۇنبەردە ئورۇنسىز جېدەل ماجىرا يوق بولىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-12 03:52 PM